يىگىتمەن
ياخشىلارنى يامان دەپ ئورا كولاپ يولىغا،
بەختى كېلىپ شادلانسا كۈلۈپ قويۇپ زورىغا،
چار يىلاندەك تولغۇنۇپ ئاپتاپ چۈشسە دولىغا،
تەر ئاققۇزماي جان بېقىپ ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
ئاخشاملىرى ئۇخلىماي ھەر تەرەپكە چاپىمەن،
جاننى قىيناپ نەكەپتۇ ، دوستلۇرۇمنى ساتىمەن ،
تاپان يالاپ تەلمۈرۈپ بوسۇغۇدا ياتىمەن،
كۈندە نەچچە پۈكۈلۈپ ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
چوڭام سۇنسا ھاراقنى ئىچىپ كەلدىم زەمزەم دەپ،
قولۇڭىزدىن ئىچكىنىم يۈرىكىمگە مەلھەم دەپ ،
ماڭا سىزدىن ئايرىلىش قايغۇ ، ماتەم ، ئەلەم دەپ ،
چېقىپ كۈندە تۇزلۇقنى ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
رازى قىلىپ چوڭامنى كۈنۈم ئۆتسە ئامەت شۇ،
قەدەم باسسا ئۆيۈمگە، مەن سىرتتا ، سائەت شۇ،
قاپاق تۈرمەي كۆزۈمگە قاراپ قويسا راھەت شۇ،
ھىلە-مىكىر، نەيرەڭدە ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
چوڭاملارغا ئان بىرىپ ، پۇرسەت تېپىپ خان بېرىپ،
ئىتلىرىغا قارا گۆش، توخۇسىغا دان بىرىپ،
ئۆزۈم غاجاپ سۆڭەكنى ، قان نېمىتى جان بىرىپ،
شىكايەتتىن يول تېپىپ ، ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
« نېمە دېسە دېمەمدۇ ، خەقلەر بىلەن كارىم يوق » ،
كىم ئىرىشسە ئۇتۇققا يۈرىكىمگە بولار دوق ،
يوللىرىنى چىتلايمەن ، قايغۇسىدىن ئېلىپ زوق ،
ئاش بەرگەنگە مۇشت ئېتىپ ياشاۋاتقان يىگىتمەن.