دادام
جاپالاردىن ئاتلىغان دادام،
مۈشكۈللەرنى قاتلىغان دادام.
دۇنيادىكى ئۇلۇغلۇقلارنى،
قەلبىمىزگە باشلىغان دادام.
ئۆيىمىزنىڭ خاقانى دادام،
پەرۋازىمىز ئاسمانى دادام.
نى قىسمەتلەر كەلسىمۇ باشقا،
ئۈلگە بولۇپ مەغرۇر ياشاشتا،
ئېچىلدۇرۇپ گۈللەرنى تاشتا،
تاغدەك چەشلەر دۆۋلىگەن دادام.
قول بەرگەنگە قەلبىڭنى بەر دەپ ،
يوللاردىكى تىكەننى يۇل دەپ،
سەپ ئالدىدا غۇلاچلاپ يۈر دەپ،
ئازماي ھەقنى سۆزلىگەن دادام.
ھەر بىر سۆزى مىڭ ھېكمەت دادام،
ھەر بىر ئىزى بىر دۆۋلەت دادام .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 03:30 PM