كېچىلىك سۆھبەت(ۋەھىمىلىك ھېكايە)
(رۇستەم بەكرى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- F, i) E" S g6 _& v6 d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* w* E# M7 E. j' b
ئۇزۇن بوپتىكەن يېقىن ئۆتىدىغان تەڭتۈش ھەم ئاكا يوللۇق ئەل-ئاغىينىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ كونا يېڭى پاراڭلارنى سېلىپ ئولتۇرمىغىلى. بۇ يولداشلارنىڭ چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يېكىن دوستلارمۇ بىر ھەپتىلىك دەم ئاپتۇ.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈنۈگۈن چۈشتە كونا ھەربىي ھەم ئاكا يوللۇق ئاغىينەم تاھىر ماڭا تېلېفۇن بىلىپ كەشتە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە بۇرادەرلەر بىلەن ھال-مۇڭ قىلىشقاچ ئولتۇرايلى دەپ تېلېفۇن قىلىپتۇ.بۇ تەكلىپ ماڭىمۇ مايدەك خۇشاقتى دە، مەنمۇ دەرھال قوشۇلدۇم......
كەچ سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى 6 دىن ئاشقاندا تاھىر ماڭا تېلېفۇن قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ھايال قالماي ئۇنىڭ ئۆيىدە ھازىر بولدۇم.مەن بارغان ۋاقتىمدا تاھىرنىڭ ئۆيىدا ئالتەيلەن ئولتۇرۇپتۇ. باشقا بەشەيلەننىڭ ھەممىسىنى تونۇيمەن. پەقەت بىر ياشتا چوڭراق بىر ئاكىمىزنى تونۇمايدىكەنمەن.ئۇ ئاكىمىز 60تىن ئاشقان ئادەم ئىدى. ئۇ ئاكىمىزمۇ مېنىڭ ئۆزى بىلەن ناتۇنۇش ئىكەنلىكىمنى بىلىپلا. تھىرنىڭ سۆزىدىن كېيىنلا ماڭا سۆز باشلىدى:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. O5 A7 q8 U+ C, d& R' ?- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام كېلىڭ ئۇكام.تارىخى بىلىمى كۆپ ھەم گىتتارنى ياخشى چالىدۇ دېگەن رۇستەمجان ئىنىمىز سىزكەنسىزدە. دېدى دە، يېنىدىكى ئۇرۇننى كۆرسەتتى.
-ياقەي ئاكا، بەك ماختىۋەتتىڭىز، پەقەت مەنمۇ بىر قىزىققۇچى، قالغان ئاڭلىمىغاننى سىزدەك پىشقەدەملەردىن ئاڭلايمىز دە، دەپ باشقا دوستلارغا قايتىدىن بىر قۇر قاراپ قويدۇم.
-ھە،،،ھەي ئىنىلار، ئىشقىلىپ ياشلار بىلەن پاراڭلاشسا ئادەمنىڭ كۆڭۈل ھەم روھىمۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ دە، دەپ ھەممىمىزگە بىر قۇر قاراپ كۈلۈپ قويدى.........
سورۇنىمىزمۇ شۇنداق قىزغىن كەيپىياتتا باشلىنىپ كەتتى. بۇ ئاكىمىزنىڭ ئىسمى ئابىلىمىت بولۇپ ھەقىقەتەن كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى ھەم كەچۈرمىشلىرىمۇ بەك مول ئىدى. بۇ ئاكىمىز بىزنى ھەر خىل يۇمۇر ھەم قىززىق گەپلىرى بىلەن بىزنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە كۈلدۈرۈپ ئۈچىيىمىزنى ئىزۈۋەتكەدەك قىلىۋەتتى. بۇ ئاكىمىزنىڭ بويى 1.60 نەچە ئۆزى سەل بەستلىك. چېچى شالاڭ ھەم قىشقاراق ساقال قڭيغان ئادەم ئىدى، ھەم پاراڭ قىلغان چېغىدا ئارىلاپ-ئارىلاپ ئايپاڭ بېشىنى سىلاپ قوياتتى.
سۆبىتىمىز ھەر خىل تېمىدا كېتىپ باراتتى، ئارىلىقتا بىز تارىخ توغۇرلۇق پاراڭغا چۈشكەندە. مەن ئۇلارغا بۇرۇن ماتېرىياللاردا كۆرگەن ، گەرچە ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ،سابىق سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ << خاسىيەتلىك ئادەم بىېرگادىسى>> پىلانى ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم........
شۇنىڭ بىلەن سۆھبىتىمىزنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ موللىشىپ ماڭدى.......
ھەم سۆھبىتىمىز بارا-بارا ۋەھىمىلىك ئىشلار تەرەپكە قاراپ داۋام قىلدى.........
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 Y1 z, W4 q+ c3 S' \% T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Y+ w- R( B( S" J, f |تاھىرنىڭ ھېكايىسى--
<<شەرتسىز چېكىنىش>>
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 q* A! n& W r6 S5 {! I
-94-يىلى ھەربىيلىكتىن قايتقان ۋاقتىم ئىدى. قايتىپ كېلىپ خىزمەت تەقسىماتىم ھەل بولغىچە يېزىدىكى ئۆيگە قايتىپ، يەنە مانا ھازىر بىز ئولتۇرغان مۇشۇ ئائىلەمگە قايتىپ كېلىپ بىر مەزگىل ئۆيدىكىلەرگە قارىشىپ قويلارنى بېقىشىپ بەردىم. دېدى دە ئابىلىمىت ئاكىغا قاراپ:
-ئۇ ۋاقىتلاردا ئابىلىمىت ئاكا تورىراق ئىككىمىز قويلىرىمىزنى تەڭ ئېلىپ چىقىپ باقاتتۇق ھە،
-شۇنداق ئۇكا! دېدى دە، تاھىر سۆزىنى داۋام قىلدى.
-شۇ قوي بېقىپ يۇرگەن چاغلاردا بىر كەچقۇرۇن ماللارنى ھەيدەپ قايتىقاچ مېلىمنى سانىسام مېنىڭ قويۇمدىن بىرى كەم چىقتى.شۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتىراپقا قاراپ باقتىم ، ئەمما قارىسىمۇ يوق. ئاندىن مەن ئابىلىمىت ئاكام بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاۋۋال قويلارنى ئۆيلەرگە ئاپىرىۋېتىپ ئاتلىق ئىزدەشنى قارار قىلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق.....
-بىز ماللارنى ئۆيگە ئەپكىرىۋېتىپ قورساقنى سەل ئەستەرلەپلا ، قوينى ئىزدەپ ماڭدۇك.
بىز باشتا قوي باققان يەرگە بارغاندا قويدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاۋۋال شىمال تەرەپنى نىشانلاپ ماڭدۇق.بىز بىر نەچچە كېلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن. ئىنتايىن يىراق بىر ئارىلىقتا غىل-پال بىر ئوتنىڭ سىماسىنى كۆردۇق.
مەن ئىچىمدە: بەلكىم ئۇ بىر مالچىدۇ. قويۇم بەلكىم ئۇ يەرگە قېچىپ كېتىپ قالغان بولسا شۇ يەردىن ئەپ كېتەرمەن دېگەن مەقسەتتە ئابىلىمىت ئاكام بىلەن ئىككىمىز شۇ ياققا قاراپ ئات سالدۇق.
بىز ئۇيەرگە چېپىپ 500، 600 مېتىردەك قالغان چاغدا ئۇ ئەتىراپتا بىرمۇ پادىنىڭ قارىسىنى كۆرمىدىم. ھەم ئۇ چاغدا بۇرنۇمغا بىلىنەر-بىلىنمەس سۇس قۇيقا پۇرىقى پۇرىدى. دەل شۇ چاغدا مەن كاللامدا:
-<< بۇ جاڭگالنى ماكان قىلغان تەركىي-دۇنيا قويۇمنى ئوڭچە سوقۇپتۇدە >>، دەپ ئويلاپلا ئېتىمنى بۇلۇشىغا چاپتۇرۇپ شۇ ياققا قاراپ چاپتىم. بۇ چاغدا ئابىلىمىت ئاكامنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازىغىمۇ پەرۋا قىلمىدى. ئەمما ئابىلىمىت ئاكام تېزلا ماڭا يېتىشىۋېلىپ مېنى توختىتىۋالدى. ھەم ماڭا:
-تاھىر بولدى مۇشۇ يەردە توختاپ قالايلى، ئەمدى ماڭساق خەتەرلىك، دېدى.
ئەمما مەن ئاچچىقىمدا يەنە بىرەر يۈز مېتىردەك مېڭىپ بولغاندا ئابىلىمىت ئاكام ماڭا يېتىشىۋېلىپ توختىتىۋالدى.ھەم ماڭا:
- بولدى بىز چېگىراغا كېلىپ قالدۇق ئەمدى ماڭساق خەتەرلىك دېدى.
-نېمە خەتەرلىك؟نېمە چېگىرا دېدىم جىددى تۈستە. دەل مۇشۇ چاغدا نەچچە يۈز مېتىر ئالدىمىزدىكى كەڭ كەتكەن ئويمانلىقتا، ئالا-سۈڭگۈل كېيىم كىيىۋالغان نەچچە ئۇششاق بالىنىڭ بىر قوينى قوغلاپ ئويناۋاتقانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈندى دە، مەن دەرھاللا ئات چاپتۇرۇپ باراي دېگىچە ئابىلىمىت ئاكام تېزلىك بىلەن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇۋېلىپ:
-بولدى بارمايلى!
نېمىدەپ بارمايمىز ؟! قويۇم ئەنە كۆز ئالدىمدا دېدىم ئاچچىق بىلەن.
-ئۇنتۇپ قالما بايامقى قۇيقا پۇرۇقى دەل ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالى. دەپ بولۇشى بىلەن تەڭلا كۆزۇمنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تۇيۇقسىزلا بىر قانچە پارچە ئوت يالقۇنى كۆرۈندى دە، دەرھاللا بېشىمنى ئوڭ تەرەپكە بۇرۇدىم. دەر ھىقىقەت بىزدىن 200 مېتىردەك ئارىلىقتا 6 ئوت يالقۇنى بار ئىكەن. قىززىق ئىش بايا قاراڭغۇ يەرتى، مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ بولغىچە ھەر بىر گۈلخاندا بىر نەچچىدىن <<ئادەم>> قول پۇتلىرىنى گۈلخانغا قاقلاپ بىزگە تىكىلىپ قاراۋاتقان سىماسىنى كۆردۈم دە، خۇدۇمنى يوقىتىپ تۇرغان جايىمدا تىكىلىپ قاراپلا قالدىم. دەل مۇشۇ چاغدا ئابىلىمىت ئاكام بېشىمغا يېنىك شاپلاغداپ:
-بولدى تاھىر ئۇ قويۇڭنى ئۇنتۇپ كەت. چۈنكى بىز <<تاجاۋۇزچى>> بولۇپ قالدۇق. ئەمدى بۇ يەردىن دەرھال چېكىنىپ كېتەيلى. ئەمدى تۇرىۋەرسەك خەتەرلىك ، دېدى دە، مەنمۇ سوغۇق چۈشتىن ئويغانغاندەك دەرھاللا ئېتىمنى بۇراپ ئۇنىڭ بىلەن كەينىمگە چاپتىم. بىز كېتىۋاتقاھ ئابىلىمىت ئاكام ماڭا:
-ئېسىڭدە بولسۇن، جىن-ئالۋاستى تۇيۇقسىز غايىپ بولغاندا، ياكى ئەتىراپىڭدا پەيدا بولغاندا دەل بايامقىدەك قۇيقا پۇرىقى پەيدا بولىدۇ.ئەگەر ئەتىراپىڭدىكى بىرەرى بىرەر مالنىڭ پۇت -بېشىنى قۇيقىلىمىغان بولسىلا سەن بۇنداق پۇراقتىن ئېھتىيات قىل ئۇكا. مەن ساڭا بۇ ھەقلەردە ئەتىلەرتىن سۆزلەپ بېرىمەن..............
..........
تاھىر بىزگە مۇشۇلارنى سۆزلەپ بولغاندا ئابىلىمىت ئاكا بىزگە قاراپ بۇرۇن تاھىرغا دەپ بەرگەنلىرىنى بىزگىمۇ سۆزلەپ بېرىشكە تەمشەلدى...............
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 a0 S% y9 v4 c% v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* `4 j' M# w* f0 Q& cكېيىنكى ھېكايە: << كونا تۈگىمەن>>.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% `- r/ V& E2 d6 A
-ئاپتورى: رۇستەم بەكرى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 R' K5 T, ^$ `# K
ئەسكەرتىش: ئۈشبۇ ئەسىرىم مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە، ئەگەر باشقا مۇنبەر ياكى ئۈندىدار سالونلىرىغا كۆچۈرسىڭىز. مەنبەسى كەمىنە ئاپتور ئىسمى بىلەن ئۈشبۇ مىسرانىم مۇنبېرىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 05:57 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 n, ^$ ?( o% l& `! D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ o5 ?8 @* a) X7 o