مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 27728|ئىنكاس: 161

قارا تاكسى (ۋەھىمىلىك ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3161 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-15 11:06:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قارا تاكسى (ۋەھىمىلىك ھېكايە)

                          رۇستەم بەكرى                                                                                                                                                

(1)

..........................................

..................

كىمدۇر بۇ؟ ئەتتىگەندە تېلېفۇن قىلغان، تازىمۇ بىر ئەتتىگەندە ئۇيقۇنى بۇزۇپ. دەپ كۆزۈمنى ئاچماستىنلا يانفۇنۇمنى ئىزدەشكە باشلىدىم. سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ يانفۇنۇمنى ئوڭ تەرىپىمدىكى ياستۇقنىڭ ئاستىدىن تاپتىم دە تېلېفۇننى نومۇرىغا قارىمايلا قوبۇل قىلىپ قۇلىقىمغا ئېلىپ باردىم :

-ياخشىمۇ سىز؟ قانداق ئۇيقۇ قاندىمۇ؟ دەپ ئەھۋال سورىدى ئەقىدە.

- ياخشى، ئۇيقۇ قاندىغۇ؟ ئۆزىڭىزمۇ ياخشىمۇ؟ دەپ سوراپ بولۇشمغىلا :

-ھە، يالغانچى، ئاخشام، بۈگۈن ئەتىگەن سىزلەرنىڭ مەھەللىنىڭ يېنىدىكى زۇلپىقار بىلەن ئادىلەلەرنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويىمەن دېگەنتىڭىز. قېنى سىز يوققۇ يالغانچى؟ دەپ كۈلدى ئەقىدە.

-تېخى ئەمدى سائەت6 يېرىم،7 بولغاندۇ؟ بۇ بەك ئەتتىگەندۇ؟ دېدىم.

-شۇنداقمۇ غۇجام؟ ئەمىسە سىلى دېرىزىدىن سىرتقا بىر قاراپ باقسىلا، <<ئاپتاپپەرەس>> قايسى ۋاقىتنى كۆرسىتىدىكىن دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن يانفۇننى ئوڭ ياندىكى ياستۇقۇمغا قويۇپ قويۇپلا دېرىزەم يېنىغا بېرىپئىككى قات پەردىنى قايرىپ ئاچتىم. ئېچىشىم بىلەنلا قۇياش نۇرى كۆزلىرىمنى چېقىپ شۇنداق بىئارام قىلىۋەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا

(ACDC) مۇزىكا ئەترىتىنىڭ يانفۇنۇمنىڭ سائەت قۇڭغۇرۇقىغا تەڭشەپ قويغان ناخشىسى ئاڭلاندى. بۇ ناخشىنىڭ سائەت نەچچىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. بۇ سائەت دەل 9 بولغان ۋاقىت ئىدى. بۇ مەن بەزىدە بەك كەچ قالغان ۋاقىتلىرىم ئۈچۈن تەڭشەپ قويىدىغان ۋاقىت ئىدى. ئادەتتە كەچ قالسام-قالمىسام مۇشۇنداق سائەت قۇڭغۇرىقىنى دائىم ئوچۇق قوياتتىم. شۇنىڭ بىلەن قۇڭغۇراقنى بېسىۋېتىپ يانفۇننى قۇلىقىمغا ئېلىپ بېرىشىمغىلا:

-ھە، رۇستەمجان، سائەت نەچچە بولۇپتۇ؟ تاڭ ئەتتىگەنمىكەن ياكى...... ياكى ۋاقىتمىكەن؟ دېدى كۈلۈپ.

-ئۇنداقمۇ ئەمەسكەنغۇ، دېيىشىمگىلا:

-ھە، ئەمىسە سائەت نەچچە بولۇپتۇ؟ دېدى كۈلكە ئارىلاش.

-شۇ، سائەت 9 بوپتەككەنغۇ، دېدىم بىر خىل ئۇيۇلغان ھالدا زورىغا كۈلۈپ.

-شۇ ئاخشام ئادىلە ئىككىمىز دېگەن، بەك كەچ بولۇپ كەتى،بولدى ئارام ئېلىڭلار دەپ. ھەم سىزگىمۇ ئەتە ئۈرۈمچى،سانجىغا بارىدىغان ئىشىڭىز بار دېسەم بەك جاھىللىق قىلىپ كەتتىڭلار. دېدى ئەقىدە بىر خىل ىاپا بولۇپ باتنىغاندەك ئاھاڭدا.

-مەن ھازىرلا زۇلپىقارلارنىڭ مەھەللىسىگە بېرىپ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي. كەچۈرۈڭ، دېدىم خجىللىقىمنى زورىغا بېسىپ.

-بولدى ئەمدى ئاۋارە بولماڭ. سىز ئاۋۋال يانفۇنىڭىزدىكى مەندىن كەلگەن نومۇرغا بىر قاراپ بېقىڭ، دېدى.

قارىسام بۇ نومۇر دەل ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ مۇقىم تېلېفۇن نومۇرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن:

-ھە، كۆردۈم، راستلا خاپا بولماڭ، دېدىم بىر خىل خجىللىق ئىلىكىدە كۈلۈپ.

-ئەمىسە سىزلەرمۇ كەچقۇرۇن ماڭىدىغان بولغاندىكىن، شۇڭا چۈشتىن كېيىن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ چوقۇم كېلىڭ. تەڭ قاتنىشايلى. ھېچ بولمىسا 1 سائەتتەك بولسىمۇ قانتىشىپ بېرىڭ دېدى ئەقىدە.

-چاتاق يوق! چوقۇم بارىمەن دېدىم.

-ئەمىسە چۈشتىن كېيىن سىزگە تېلېفۇن قىلىمەن. دېدى دە، بىز بىردەم پاراڭلىشىپ خوشلاشتتۇق.

...................

چۈشتىن كېيىن ئەقىدەنىڭ تېلېفۇنى بىلەن، مەن،ئەقىدە،زۇلپىقار ھەم ئادىلە تۆتىمىز ئۇ تۇغۇلغان كۈن خاتىرە سورۇنىغا باردۇق. ھەم ئولتۇرۇشمۇ شۇنداق كۆڭۈللۈك ساۋاملاشماقتا.........

بىر ۋاقىتتا يانفۇنۇم تىتىرەپ سايراشقا باشلىدى. ئالسام دىلمۇرات ئىكەن. بۇ چاغدا سائەت 6 دىن سەل ئېشىپتۇ. تېلېفۇننى ئېلىشىمغىلا دىلمۇرات:

- ھە، رۇستەم ئاكا، ئىشىڭىز تۈگىدىمۇ؟ مېنڭ ئىشىممۇ تۈگىدى. ئەگەر بولسا ھازىر ماڭساق بولارمۇ؟ دەپ سورىدى.

-بولىدۇ دىلمۇرات، ئەمما 10، 15 مىبۇت سەل ھايال بولۇپ قالىمەن دېدىم.

-ھە، بولىدۇ، چاتاق يوق. مەن ئىدارىدە. سىز كېلىشكە ئاز قالغاندا تېلېفۇن قىلىۋېتىڭ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ 15 مىنۇت ئارىلىقىدا سۇرۇندىكىلەرگە قايتىماق بولۇپ ئۆزۈر ئېيتتىم سەۋەبىنى دەپ. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ماڭماق بولدۇم.

-ئەمىسە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى. شۇڭا قاراپ مېڭىڭلار. دېدى زۇلپىقار ئادىلە ۋە ئەقىدە ئۈچىسى مېنى ئۇزىتىپ   چىقىۋاتقاچ. ئاندىن زۇلپىقار بىلەن ئادىلە 20 مېتىردەك ئارقىمىزدىكى دەرەخ تۈۋىدە پاراڭلىشىپ تۇردى. ئەقىدە ئىككىمىز ماشىنامنىڭ يېنىدا بىر ئاز پاراڭلاشتۇق. ئاندىن ئەقىدە:

-يولدا قاراپ مېڭىلار. ئۆگۈنلۈككە قايتىپ كەلگەندە ماڭا تېلېفۇن قىلىڭ، سىزنى كۈتىمەن........ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن زۇلپىقارلارغا قول ئىشارىتى قىلدىم. ئۇلار كەلگەندە بىز تۆتىمىز قىسقىلا پاراڭلاشتۇق دە ئاندىن خوشلىشىپ مەنمۇ يولغا چىقتىم.

......................

4 كوچا قىزىل چىراقتا ئەمدىلا توختىشىمغىلا تېلېفۇن كەلدى دە، تېلېفۇننى ئالدىم.

-ئاكا، سىز نەدە؟ئىشلىرىڭىز تۈگىدىمۇ؟ دېدى دىلمۇرات.

- ھە، تۈگىدى. ھازىر مەن، بىز بالىلار بىلەن ئارىلاپ-ئارىلاپ ئولتۇرۇپ قويىدىغان ھېلىقى كەچلىك بازا بار 4 كوچىدا، سەنچۇ، ئىشخاناڭدىما؟ دېدىم.

-مەنمۇ سىرتتا، شۇ ما بالىلار بىلەن كوچا ئايلىنىپ پاراڭلاشقاچ ۋاقىت ئۆتكۈزۈۋاتقانتىم دېدى دە، كەينىدىنلا:-ھە، بىر يەردىكەنمىز، مەن سىزنىڭ ماشىنىڭىزنى كۆردۈم دېدى دە، يېشىل چىراق ياندى، سىز يولنى كېسىپ ئۆتۈپ يول بويىدا ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بارىمەن دېدى دە، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

مەنمۇ يول بويدا ساقلاپ يانفۇن ئويناپ تۇرغان 6،7 مىنۇت ۋاقىت ئارلىقىدا ئۇمۇ كەلدى. بىز بىردەم قىسقا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ماڭدۇق...........

بىز مېڭىپ يېڭى بېكەت 3 كوچا ئېغىزىغا كېلەي دەپ قالغاندا دىلمۇرات ماڭا:

-ئاكا، مۇشۇ يېڭى بېكەت ئەتىراپىدىكى ئاشخانىلارنىڭ توخۇ قورۇمىسى بەك ئوخشايدىغۇ، شۇڭا <<جۇڭپاڭجىدىن>> بىژنى، چۆپتىن ئىككىنى سالدۇرۇپ يەپ بولۇپ ماڭمامدۇق، مەن مېھمان قىلاي، قانداق دەيلا؟ دېدى كۈلۈپ.

-ئە،،ئىم، ماقا بولىدۇ. بۇمۇ دىلمۇرات ئەپەندىمنىڭ كۆڭلى، چاتاق يوق، يولدا قۇرساق ئېچىپمۇ قالار، دېدىم.

-ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەت ماڭا كېلىپ قاپتۇ دېدى. كۈلۈپ ھەم: بەلكىم كەچمۇ قالماسمىز دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىز شۇ ئەتىراپتىكى بىر داڭقى بار بىر توخو قورۇما ئاشخانىسىغا كىردۇق.

بىز تاماقنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ، تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتكەچ بۇ يېقىندىكى تۇرمۇشىمىزدا بولغان قزىقارلىق ئۇ-بۇ ئىشلارنى دېيىشىپ كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئولتۇردۇق.

بىر ۋاقىتتا ئىشىك ئېچىلدى، ھەم شۇنىڭ بىلەن تەڭلا 10-ئاينىڭ كەچتىكى سوغۇق شامىلى كىرىشكە باشلىدى. ئىشىك ئالدىدا بولسا بىر قىز بىر ئوغۇل پاراڭلىشىپ تۇراتتى، ئەمما ئۆزى كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن:

-ھوي!ھوي! مېھمان قارى! خاپابولماي ئىۋۇ ئىشىكنىڭ ئوڭ قانىتىنى ماڭا ئەپكەپ بېرەملا؟ مەن ئېرىنمەستىن كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ جايىغا قاداپ قوياي. قانداق دەيلا؟ دېدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئىشىك ئالدىدىكى ئۇ كىشىمۇ ئارقىغا يېرىم قەدەم داجىغاندەك قىلىپ سول تەرىپىگە بۇرۇلۇپ ئاشخانا ئىچىگە قارىدى، ۋە ئۇلاپلا:

-توڭلاپ كەتكەن بولسىلا قارىم، ئى كەينىلىرىدە قەلەي قۇتا بىلەن ئەينەك قۇتىمۇ بارىكەن، شۇلار بىلەن بىر بەدەنلىرىنى قىزىتىپ تۇرسىلا دېدى دە، ئارقىدىنلا:

-كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولۇپتۇ، ئەجەپ مەھەللىدە كۆرۈنمەيسەنغۇ؟ دەپ كىرگىنىچە ئارقىغا بۇرۇلۇپ:- گۈلگىنە! بالىنى ئېلىپ بۇياققا كىرىڭ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ كىرىپ بىز ئەھۋاللاشقان ئارلىقتا بىز بۇيرۇتۇپ قويغان ھېلىقى <<جۇڭپاڭجىمۇ>> چىقتى. ئاندىن ئەنىۋەر:

-ھەي ئۇستام، ماۋۇ <<جۇڭپاڭجىدىن>> يەنە بىرنى ھەم ئەينەك قۇتىدىنمۇ بىرنى دېدى. ئاندىن مەن:

-ۋوي بۇ يېڭىلىققۇ؟ ئانار شەربىتىدىن يەنە بىر تاقلاپ يەنە ئەينەك قۇتىغا چىقتىڭما؟ دېدىم كۈلۈپ چاقچاق قىلىپ.

-ھە، شۇ بۇنىمۇ شۇ ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىمىزدە، مۇشۇنداق قەدىناسلار جەم بولغاندا دېدى ئەنىۋەر.

-ھە، مۇنداق دە، ئەجەپ........... دەپ توختاپ قالدىم يانفۇنۇمنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈۋاتقان چاغدا. چۈنكى كاللامغا ھېلىقى ۋاقىتتىكى ئاخشىمىدىكى ئىشنى، يەنى گۈزەلنۇرنىڭ ئىشىنى ئېسىگە سېلىپ قويىدىغانلىقىم يادىمغا يەتتى. بولۇپمۇ بۇ ئارقىلىق گۈلگىنەنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلاتتى. شۇڭا گەپنى تېزلىك بىلەن بۇراپ: -دېمەكچى بولغىنىم ئالدىنقى يىللاردا بالىلارنىڭ توي، مەسلىھەت چېيىدىمۇ ئىچمىگەن، شۇڭا سېنى تاشلىدىمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن دېدىم.

-ھە، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن <<پەرىز>> تۇتۇۋالغان دېدى ئايالى گۈلگىنەگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ. دەل بۇ ۋاقىتتا:

-ئاپا، چو چو قىلىمەن، دەپ ئۇلارنىڭ 3 ياشتىن ئاشقان ئوغلى جېدەل قىلىشقا باشلىدى.

شۇنىڭ بىلەن گۈلگىنە ئوغلىنى يېتىلەپ ئاشخانىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر پارچە دەرەخلىككە ئاپىرىپ كېلەي دەپ چىقىپ كەتتى. چۈنكى ئاشخانىنىڭ تازلىق ئۆيىدە بىرى باركەن.

ئاڭغىچە بىزمۇ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا مەن:

-ئاداش، بىز ھېلى ئۈرۈمچىگە ماڭىمىز، گەرچە كەچ بولسىمۇ، بىر ئاز ئىشلار بار ئىدى ئەتە-ئۆگۈن 2 كۈن قىلىدىغان. قولدا ماشىنا بولغاندىكىن، شۇڭا خاپا بولمىساڭ بىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قايتا بىر ئوبدان ئەسرالىىۋالمايمىزمۇ؟ دېدىم ئۆزۈرلۈك بىلەن.........   شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭمۇ ئۇ ئەينەت قۇتىنى <<سالىدىغان>> ئىشىمىزمۇ ئەمەلدىن قالدى.

لېكىن مەن تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرۇۋاتقان چاغدا ئەنىۋەر تۇيۇقسىز ماڭا قاراپ:

-رۇستەم، ھېلىقى ۋاقىتلاردا مەن تاھىر ئىككىڭلار تاھىرنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سالغان ھېلىقى ئىككى ساندۇقنى، مەن كېيىن نەچچە كۈندىن كېيىن كەچلىك چېنىقىشتىن قايتىغاچ شەرىقى ئايلانما يولنىڭ ئۈستى بۆلىكىدىكى ئەگىلمەچ قىسىمىدىكى بىر چوڭ جۈجەمنىڭ ئاستىدا، تاھىر ئۇ يالغۇز تاماكا چەككەچ ماشىنىسىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئاچقان چاغدا، مەن ئۇنىڭ نېمىلىكىنى يىراقتىن كۆرۈپ قالدىم. دېدى،

شۇنىڭ بىلەن مەن ئاغزىمدىكى تاماكا ئىسىنى تېزلىك بىلەن چىقىرىۋېتىپ ئەنىۋەرگە قارىدىم. ھەم سول يېنىمدىكى دىلمۇراتمۇ بۇ ۋاقىتتا دەرھاللا ئاۋۋال ئەنىۋەرگە ئاندىن ماڭا قارىدى. ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولۇپ ئوغلى ئاتىللانىڭ بۇرنىدىكى ماڭقىسىنى ئېرتىۋاتقان گۈلگىنەمۇ ماڭا بىرخىل ئەجەپلىنىش ئىلىكىدە كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى............  



-- ( داۋامى بار) --

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63525
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4681
تۆھپە نۇمۇرى: 537
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 12:55:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بىرىنجى بوپ ئوقۇپ بوپتىمەن لىكىن داۋامى يوقكەن ،تىزرەك يېزىپ يوللىۋەتسىڭىز، داۋامىغا تەشنامەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2058
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 01:13:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى بەك جىق بوپ كىتىپتۇ، بايانلار بەك كۆپ، مىنىڭچە قۇرۇق بايانلارنى ئازراق بايان ئەيلەپ، ۋەھىمىلىك ھىكايە دەپ تىما قويىۋالغاندىكىن ئاشۇ ۋەھىمىلىك يىرىگىلا كەلسىلە قانداق

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1524
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3005
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3161 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 01:39:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye1 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-16 01:13 AM
مەزمۇنى بەك جىق بوپ كىتىپتۇ، بايانلار بەك كۆپ، مىنىڭچە ...

ixlarmu kadam baskuq buyiqa asta asta kalmamdu

زۇلمەت، ۋەھىمە، تۈن، خاتىرە.............................

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12115
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3279 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 01:50:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99541
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:14:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھىمىلىك يىرىگە قىزقىۋاتىمەن، داۋامىنى تىزراق يوللىغايسىز...

ئاللا خالىسا كۈندە كۈلۈپ ياشايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99541
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-11-13
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 10:16:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھىمىلىك يىرىگە بەكرەك قىزقىۋاتىمەن، داۋامىنى تىزراق يازسىڭىز....

ئاللا خالىسا كۈندە كۈلۈپ ياشايمەن!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 11:12:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ ئىچىدىكى نىمىدۇ؟

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئابرال ئوغلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10451
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8597
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1445 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 12:02:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى  كۈتىمەن

بىز نىمە قىلۋاتىمىز

ئاللاھ ھەممىگە قادىر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13901
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 12:26:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھىمىلىككەن دەپ ئوقىسام ھېچ ئۇندا ېرى چىقمايدىيا؟

يىگانە قالساڭمۇ ھەق تەرەپتە تۇر،رەقىبلەر كۆكسىگە خەنجىرىڭنى ئۇر.بولساڭمۇ قەلەندەر ياشا مۇستەقىل،شۇندىلا روھىڭدىن تارقىلىدۇ نۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش