<< ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىمىزدىكى ئەزىز قېرىنداشلار. كەمىنە پېقىر- رۇستەمدىن، ھەر قايسىڭلارغا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2014-يىللىق يېڭى يىلىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. تېنىڭلارنىڭ سالامەت، ھەم بارلىق ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئاللادىن تىلەيمەن. ھەم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىمىزنى ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاددىي بولسىمۇ كەلگۈسى يېڭى يىللىق كۆڭۈل سوۋغامنى سوۋغا ئېتىشنى لايىق كۆردۈم. بۇنىڭدا ئۆزەمنىڭ يېقىندا تېپىلىپ قالغان <<كۈلرەڭ خاتىرە>> مدىىكى بۇرۇن يازغان ھەم يېقىنقى ۋاقىتلاردا يازغان ئىجادىيەتلىرىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى. ئاۋۋال بۇ <<كۈلرەڭ خاتىرە 1 >>گە بىر قانچە ھېكايىنى سۇنماقچى. ياقتۇرغانلار قېنى مەرھەممەت>>.
<<يېرىم كېچىدىكى خېرىدار>>
رۇستەم بەكرى
(1)
بۇ خېلى بۇرۇن بولغان ئىش ئىدى......
2005-يىللارنىڭ باشلىرى ئىدى. ئۇ چاغلاردا مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كېلىپ 1 يېرىم يىلدەك خىزمەت كۈتكەچ ئۇ يەر-بۇ يەردە ۋاقىتلىق ئىشلەپ يۈردۇم. ئەمما يەنىلا ئۆزۈمدىكى مۇستەققىللىق ئىدىيەرىمنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ئاخىرى قىلىۋاتقان ئىشتىنمۇ يالتىيىپ، 1 موچەن تاپساممۇ ئۆز ئالدىمغا بىرەر ئىش قىلىپ تاپاي دەپ ئويلاپ، نېمە ئىشقا مەبلەغ سېلىپ باقسام بولار دەپ ئويلاپ بېشىم قېتىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،
مەن بىلەن كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ ھەم مەكتەپتىمۇ تەڭ ئوقۇپ چوڭ بولغان كونا قەدىناس ئەكپەر ماڭا قىلىپ قالدى:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،، دېدى ئەكپەر.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. دەپ بولۇشۇمغىلا ئەكپەر:
- ھوي رۇستەم بارمۇ سەن؟ 2 ھەپتىدەك بولۇپ قاپتۇ، يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟ قانداق قىلىدىكىن دېسەم تېلېفونۇڭمۇ يوق. ئادەتتە ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتلىرىڭدا بەزىدە ئاندا-ساندا كىرىپ پاراڭلىشىپ چىقىپ كېتەتتىڭ. ھەم تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاخشاملىرى كېلىدىغان ئىشلىرىڭمۇ يوق. قارىغاندا بىرەر خۇش خەۋەر ياكى بىرەر پىلان بار ئوخشىمامدۇ؟ ئۇنداق يېرى بولسا بىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ خەۋەردار بولۇپ تۇرايلى، دېدى كۈلۈپ.
-مەن بارغۇ ئاداش، شۇ يوقاپ كەتسەم كۆرۈنمەيسەنغۇ؟ دېدىم چاقچاق قىلىپ. ھەم ئارقىدىن ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى تاشلاپ، مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا مۇستەققىل بىرەر ئىش قىلىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى دەپ، ئۇنىڭغا قىسقىلا بايان قىلدىم.
-ھە، مۇنداق دېگىن. ناھايىتتى ياخشى ئويلاپسەن، قوللايمەن ئاداش. بەك خۇش بولدۇم. دەپ ماڭا بىر ئاز مەدەت بەردى دە، ئارقىدىنلا:
-ئەمىسە ھازىر نېمىش قىلىۋاتىسەن؟ ۋاقتىڭ بارمۇ؟ دېدى.
-قانداق دەيسەن؟ مەن ھازىر ئۆيدە، شۇ كەچلىك تامىقىمنى يەپ بولۇپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. توردا ئۇچۇر-خەۋەر كۆرۈپ بولۇپ، ئەمدى بىر ئاز ئويۇن ئوينايمىكىن دەپ دېسەم، ئۇ:
-ئۇنداق بولسا سەن بىلەن كۆرۈشمىگىلىمۇ 2 ھەپتىدەك بولۇپ قاپتۇ. يەنە بىر ئىش، سەن ئۆتكەندە گىتتاردا چېلىپ-ئېيتىپ كۆرسىتىپ قويغان Eric Clapton نىڭ << Layla >> دېگەن ناخشىسىنى يەنە بىر ئاز كۆرسىتىپ ئۆگىتىپ قويە ئاداش. ئاندىن كېيىنكى ۋاقىتتا سېنىڭ ئىشىڭنى دېيىشەيلى. ئەلۋەتتە پايدىلىق تەرىپىم تېگىدۇ، دەپ كۈلدى.
-ھە، ئەسلىدە سەن تەڭ قىممەتتە سودىلاشماقچى ئىكەنسەندە؟ دېدىم چاقچاق قىلىپ.
-ئا````ھاي، نېمىلەرنى دەيدىغانسەن، دېدى كۈلۈپ ھەم: سەن ئاۋۋال بىر كېلە، ۋاقتىڭ چىقار؟ دېدى.
-ئەلۋەتتە چىقىدۇ. ئەمىسە 15 مۇنۇتلاردەك ساقلاپ تۇر. مەنمۇ ئۇ ۋاقىتقىچە يېتىپ بارىمەن دېدم........
مەن ئەكپەرنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىچىملىك ئىچكەچ بىر ئاز تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۇ دېگەن ناخشىنى ئۇنىڭ گىتتارىدا نەچچە قېتىم چېلىپ كۆرسىتىپ قويدۇم..... ئاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئويۇم توغرىلىق پاراڭلاشتۇق.........
ئارىلىقتا ئەكپەر:
-ئۇنداق بولسا مېنڭ مۇشۇ تاللا دۇكىنىمغىلا كېلىپ پىراكتىكا قىلغاننىڭ ئورنىدا پات-پات كېلىپ تۇرغىن. ھەم شۇ قاتارىدا ئۆزۈڭمۇ مۇزىكا چالىدىغان بولغاندىكىن سەن چەتئەلنىڭ، VCD. CD. DVD قاتارلىق ناخشا كونسېرت پلاستىنكىلارنى ھەم گىتتار ئۆگىنىدىغان بىر يۈرۈش كىتاپ پلاستنكىلارنىمۇ ئېلىپ كېلىپ ئۆزۈڭگە ھېساپ قىلىپ ساتقىن. چۈنكى ئۇلارنى خېرىدارلارغا سەن ئوبدان چۈشەندۈرەلەيسەن. ئىشىنىمەنكى چوقۇم سوداڭ ياخشى بولىدۇ. ھەم شۇ قاتارىدا ھەر ئىككمىزگىلا ياخشى دېدى ۋە، ئەمما: دەپ ماڭا قارپ كۈلدى.
-نېمە ئەمما؟ دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.
-شۇ، بەزى-بەزىدە ئاخشاملىرى قىز دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قويىمەن. شادىيە ئىككىمىز مۇشۇ نەچچە ئاي ئىچىدە توي قىلايلى دەپ ئويلىغان. بەلكىم بىرەر ئايدىن كېيىن بولۇپ قالار دېدى.
-ئۇنداقتا ناھايىتتى ياخشى بولغىدەك. خۇش خەۋەركەن. ئەمما لېكىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپلا يەنە ھېلىقىدەك قىمار تۈسىدىكى <<ئېلېكترونلۇق ئەخلەتخانىغا>> كىرىپ كېتىدىغان ئىشىڭ يوقتۇر؟ دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ مىيىقىمدا كۈلۈپ.
-ياقەي، ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇنداق ئىشنى تاشلىدىم ئۇزۇن بولدى دېدى.
-ھە، ئۇنداقتا ياخشى دېدىم............
...................................
بىر ھەپتىدىن كېيىن، مەنمۇ ئۆيدىكى يەنە بىر خاتىرە كومپيۇتېرنى دۇكانغا ئېلىپ كېلىپ، ئەكپەر تەۋسىيە قىلغان نەرسىلەرنى ساتقاچ تورغا چىقتىم ھەم بەزىدە ئەكپەر ئىككىمىز 2 كومپيۇتېردا بىرلەشتۇرۇپ ئويۇنمۇ ئوينىدۇق.ئەكپەرنىڭ دېگىنىدەك ھەقىقەتەن ئەكەلدۈرگەن نەرسىلىرىم شۇنداق تېز سېتىلىشقا باشلىدى ۋە ئوبدانلا پايدىسىنى كۆرۈۋاتاتتىم. ھەم شۇ قاتاردا ئەكپەرنىڭ سودىسىمۇ يەنە بىر بالداق ياخشى بولۇپ كەتتى....
بىر كۈنى ئەكپەر قىز دوستى بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ ئۆزۈرلىىك ئېيتىپ چىقىپ كېتىپ خېلى كەچكىچە قايتىپ كەلمىدى. مەنمۇ دۇكاندا سودىنى قىلغاچ كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناپ خېلى كەچ بولۇپ كېتىپتۇ. سائەتكە قارىسام 2 دىن سەل ئېشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەكپەرگە تېلېفۇن قىلسام، ئۇنىڭ يانفۇنى ئېتىك ئىكەن. ئىچىمدە:
-ماۋۇ گۇي مېنىڭ ئەيىپلىشىمدىن قورقۇپ ئەمدى تېلىفۇننى ئېتىۋاپتىمۇ نېمە؟ يەنە <<كونا كېسىلى>> قوزغىلىپ يەنە بۇرۇنقى كونا <<ئامبۇلاتورىيەگە>> بېرىۋالغان ئوخشايدۇ دە؟ بوپتۇ، ئەتە كەلگەندە بىر سۆزلىشەي دېگەنلەرنى ئويلاپ كومپيۇتېرنى ئۆچۈردۈم.
مەن دۇكاننىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ بولۇپ ئەمدىلا نەچچە قەدەم مېڭىشىمغا كۆزۈم دۇكاننىڭ 20 نەچچە مېتىر شەرق تەرىپىدىكى يول ياقىسىدىكى يەنە مەن ئۆيگە بېرىپ كېلىدىغان مۇشۇ يولنىڭ ياقىسىدىكى ئاممىۋىي ئاپتۇبۇس بېكىتىنىڭ لەمپىسىنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا بىرەيلەننىڭ ئىككى تىزىغا ئىككى بىلىكىنى قويۇپ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. مەن مېڭى 10 مېتىرلار قالغاندا ئۇنىڭ بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم ھەم جايىمدا توختاپلا ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇردۇم. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا كاللام سەل سەگەكلەشتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا يادىمغا بۇرۇن بالىلار بىلەن ئاخشاملىرى ئولتۇرغاندا ئۆز-ئارا ئاڭلىغان جىن توغىرلىق گەپلەر يادىمغا تېزلا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىچىمگە تەشۋىش ھەم ئىككىلىنىش چۈشتى.
قېرىشقاندەك مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ يولنىڭ مۇشۇ بۆلىكى بىلەن ئالدىمدىكى بۆلەكنىڭ كوچا چىرىقى تۇيۇقسىزدىنلا لەپلا قىلىپ ئۆچتى. بۇ چاغدا بۇ يولنىڭ مۇشۇ ئىككى بۆلىكى ئايدىڭدەك قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. مەن جايىمدا يەنىلا ئىزچىل مىدىرلىماي تۇرۇپ ئىچىمدە: ئۇ ئولتۇرغان قىز جىنمىدۇ ياكى ئادەممىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قورقۇنۇچ، تەشۋىش ئىچىدە تۇرۇپ. تېز-تېز مېڭىپ ئۆتۈپ كېتەيمۇ ياكى ئارقامغا ئۆرۈلۈپ يولنىڭ بېشىدىكى بۆلىكىگە چىقىپ تاكسى توساپ قايتايمۇ،ئۇدۇل ماڭسامغۇ مەھەللەممۇ يېقىن ھەم كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ دېگەنلەرنى ئويلاپ ئاخىرى: ئەڭ ياخشىسى كەينىمگە ئۆرۈلۈپ يولنىڭ باش بۆلىكىگە چىقىپ تاكسى توسۇپ ماڭاي، دەپلا ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قارىسام 50 مېتىردەك ئۇدۇلۇمدا قاپقارا بىر سىمانى كۆردۈم. ئۇ شۇنداق ئاستا مېڭىپ كېلىۋاتاتتى مېڭىشى مەستكىمۇ ئوخشىمايتتى.
مەن كۆڭلۈمدە: ئەڭ ياخشىسى مەن بۇ بېكەتنىڭ ئالدىدىن ئاستا ئۆتۈپ كېتىپ تېز-تېز مېڭىپ مەھەللىگە بېرىۋالاي دەپ ئويلاپ، ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا، ئالدىمغا قاراپ ئاستا مېڭىشقا باشلىدىم. مەن مېڭىپ ئۇ قىز ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئارقىدىكى يولدىكى ئارلىقىم نەچچە مېتىر قالغان، ئۇنىڭ باشتىكى يەڭگىل تىتىرەۋاتقان بەدىنى بىردىنلا تىتىرەشتىن توختىدى. ۋە بېشىنى ئاستا كۆتۈردى. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئارقىنىلا كۆرۈپ تۇردۇم. ئەمدى مەن نە ئالدىمغا مېڭىشىمنى، نە ئارقامغا مېڭىشىمنى بىلەلمىدىم. ئارقامغا قارسام كېلىۋاتقان ھېلىقى قارا سىما مېڭىپ ئارىلىقىمىز 30 مېتىردەكلا قاپتۇ. مەن ئىچىمدە: -نېمىلا بولمىسۇن ئالدىمغا قاراپ يۈگىرەي دەپ ئىدىيەمدىمۇ تەييارلىق قىلىپ تۇرغىچە، بېكەتتە ئولتۇرغان ئۇ قىزمۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى...................
(داۋامى بار)