بارىكاللا، مارشال ئىنىم، ناھايىتى ئىسىل تىما يوللاپسىز! كۆپ تەسراتلارغا ئىگە بولدۇم.
يىغىنچاقلاپ ئىيىتسام:
1.سىزنىڭ قەلىمىڭىزنىڭ كۈچلۈكلىكىگە،پىكرىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلىگىگە، پىشقان مۇخبىرلارغا خاس سورىغان تاتلىق سۇئاللىرىڭىزغا قاراپ سىزگە ناھايىتى مەسلىگىم كەلدى، سىزدەك غايىلىك يىگىتنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرگەن ئاتا-ئانىڭىزغا تەشەككۇر ئىيىتتىم، كۈچلۈك ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارىڭىزغا قايىل بولدۇم، ئۆز-ئۆزۈمگە بۇندىن كىيىن سىزنى ئۆرنەك قىلىپ مەنىلىك ساياھەت قىلىمەن،ئەھمىيەتلىك ئوبدان ياشايمەن دەپ قايتا-قايتا ۋەدە بەردىم ،سىزدەك ساياھەتكە ماھىر ‹دىھقان› نىڭ ئالدىغا چىقالمىغىنىمغا ۋە دىدارلىشالمىغىنىمغا سەل ئەپسۇسلاندىم،شۇنداقلا ھامان كۆرىشىدىغانلىغىمىزغا شەكسىز ئىشەندىم.
2.سىز سەۋەپلىك قانۇنشۇناس تۇنىياز ئوسمان، مائارىپچى ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ،يازغۇچى ھاجى مىرزاھىدكېرىم ئاكىلارنىڭ ئىلغار پىكىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ زور مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولدۇم،ناۋادا بۇئىستىدات ئىگىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت سۈرەتكە ئىلىنغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە! ئىشىنىمەنكى ،باشقا تورداشلارنىڭمۇ بۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزنىڭ پاساھەتلىك سۆزلىرىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغۇسى،كۆزى بىلەن كۆرگۈسى بار،مۇشۇنداق بولغاندا تىخىمۇ كۆپ مۇسىبەت ئىنىرىگىيىگە ئىرىشىۋالغان بولاتتۇق،تەربىيىۋى ئەھمىيىتىمۇ ناھايىتى زور بولغان بولاتتى!
3.مەن بۇندىن كىيىن ۋاختىنچە يىراققا بارالمىغان ئەھۋالدا ھىچبولمىغاندا ئەتراپىمدىكى ئىستىدات ئىگىلىرى بىلەن كۆپرەك تونۇشۇپ،سۆھبەتلىشىپ ،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى توغرا كۆزقاراش ۋە مۇسبەت ئىنىرىگىيىدىن پايدىلىنىپ خاتا ۋە بىرتەرەپلىمە كۆزقاشلىرىمنى ئۆزگەرتىپ ،ۋۇجۇدۇمدىكى پاسسىپلىق ۋە مەنپى ئىنىرىگىيىنى ئازايتىشنىڭ زۆرۈرلۈگىنى ھىس قىلدىم،تورداشلارنى ئۆزەم ئىزدىنىۋاتقان ئوزۇقلۇشۇناسلىق ۋە خارەكتىر يىشىش ساھەسىدە ياخشى ماقالە ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىرادەم تىخىمۇ كۈچەيدى.
4.ئاشىق-مەشىقلاربايرىمى ھەققىدىكى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا ،ئۆز ئىتىقاد ۋە ئەنئەنىمىزگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ بارغانسىرى چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ نورۇز بايرىمىدەك ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزنى تىخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىۋاتقان كۆرۈنىشلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم،بۇ يىلقى نورۇز بايرىمىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئائىلەمدىكىلەر، يىقىن دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىللە يىغىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەشكىللەشنى ۋە بايراملىق تەنتەنە قىلىشنى يىللىق مۇھىم پائالىيىتىم قاتارىغا كىرگۈزدۈم،بۇ خۇددى ھەر يىلى ئەتىيازدا ئايالىم ۋە قىزىم بىلەن بىللە لەگلەك ئۇچۇرۇپ ئوينىغانغا ئوخشاش.
5.يەتتە قىزلىرىم ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى ھەققىدىكى فىلىملەرنى كۆرىۋاتقىنىمدا قەلبىم لەرزىگە تولدى، ۋۇجۇدۇمغا بىر ئوت تۇتاشتى، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە يىقىنقى مەزگىلدە چوقۇم بارمىسام بولمايدىكەن دەپ بىلدىم. شۇ رايۇندىكى بىرەر دوستىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ساياھەت نۇختىلىرىغا قارىتا قانداق ئاسراش ۋە قوغداش پىلانى بارلىقىنى بىلىپ تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرسە دىگەن ئۈمىتىتىمەن.
6.كوزىچى يار بېشى مەھەللىسى ھەققىدىكى رەسىملەرنى كۆرىۋاتسام ،بەش ياشقا كىرەي دەپ قالغان قىزىم كەرىمە قۇچىغىمغا چىقىپ ئولتۇرۇپ بىللە كۆردى، مەن تۇرسۇنجان زۇنۇننىڭ ئىنىسى ھاشىمجان زۇنۇن بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا بىر سىنىپتا ئوقۇغانلىغىمنى،كىچىك ۋاختىمدا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغانلىغىمنى، ئاپىمىز ئىمىنىخان ھۇشۇرنىڭ بۇلتۇر ئالەمدىن ئۆتكەنلىگىنى،خەۋەرسىز قىلىپ مىيىت نامىزىغا بارالمىغانلىغىمنى، باشقا ساۋاقداشلارغا خەۋەر قىلىش بىلەن بىللە يەتتە نەزىرىسىگە داخىل بولغانلىغىمنى دەپ بەردىم.رەسىملەرنى كۆرىۋىتىپ قىزىم مەن ھەجەپ بۇ چىرايلىق ساپال بويۇملارنى كۆرۈپ باقماپتىمەن دىۋىدى،قىزىمغا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆيگە بىرىپ تۇرسۇنجان زۇنۇن ئاكىنىڭ سالامەتلىكىگە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە بەزى لازىمەتلىكلەرنى سىتىۋالىدىغانلىغىمىز ھەققىدە ۋەدە بەردىم،ئادەتتە ئاپىسى ئىككىمىز قىزىم بىلەن بىللە پات-پات كارتۇن فىلىم كۆرەتتۇق،بەزىدە ‹قارىغۇ ساچقان› دىگەندەك ئۇيۇن ئوينايتۇق، ھەر كۈنى بىر-ئىككى ھىكايە ئىيتىپ بىرەتتۇق،بۈگۈن بولسا باشقا ئىش قىلماي مۇشۇ ئەمەلى ھىكايىنى سۆزلەپ بەردىم.
7.مىنىڭچە، ئەزىزئەيسا كۆكتۇغ ئاكىنىڭ بالىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاقى-پەزىلىتى ،پىسخىك روھيىتىنى ئەڭ ياخشى نۇرلاندۇرىدىغان،ئۇزۇقلاندۇرىدىغان،يىتىلدۈرىدىغان تۇپراق–ئۆز مىللىتىنىڭ مىللى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى،مائارىپ ھەممەيلەننىڭ ئۇرتاق مەنپەئەتى دىگەن كۆزقاراشلىرى ناھايىتى توغرا ئىيتىلغان.مەن مائارىپ سىپىدىكى دوسلارنىڭ ئۇيغۇر مائارىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىغا تىلەكداشمەن!
ئورتاق مەنپەئەت بولغاندىن كىيىن ھەممەيلەن چوڭ ئىجتىمائى مەسىلە ئۈستىدە كۆڭۈل بۆلەيلى،مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئىدىيىسىدە كىرزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلايلى،خەنزۇلاردا ‹ئۈچ موزدۇز بىرلەشسە جۇگىلىياڭنى بىسىپ چۈشىدۇ› دەيدىغان گەپ بار،جامائەت شەكلىدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىزدىنەيلى ، ئالاقىدار پارتىيە ھۆكۈمەت مائارىپ مەمۇرلىرىغا بىقىنىۋالماستىن،ئورتاق مەنپەئەتىمىز بولغاندىكىن ئۇلارغا ياردەملىشىپ توغرا تەدبىر كۆرسىتىپ بىرەيلى!
8.مەن يەنە قانۇنشۇناس تۇنىياز ئوسمان ئاكىنىڭ مۇنۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدىن ناھايىتى ھوزۇرلاندىم:
مارشال:بىز ئۇيغۇرلار قانۇنغا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشىمىزكېرەك؟ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ مۇناسىۋىتى توغۇرلۇق چۈشەنچىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟
قانۇن بىلەن ئەخلاق ھەم زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرقلىق دېيىشكە بولىدۇ.ئادەتتەجەمىيەتتىكى ھۆكۈمران سىياسىي كۈچنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىلىرى قانۇندا قۇبۇل قىلىنىپ قانۇن تۈسىگە كىرىدۇ.ھەر قايسى مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئەخلاقى چۈشەنچىلىرى پەرقلىق بولسىمۇ بىر قىسىم ئورتاقلىقمۇبولىدۇ.
ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تەۋەچەمبىرىكى ۋە قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن نېمىنىڭ خاتا،نېمىنىڭ توغرا،نېمىنىڭ ياخشى،نېمىنىڭ رەزىل ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى بىرخىل ئۆلچەمدۇر.
ئەخلاق مەلۇم ھەركەتنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلسا قانۇن ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.قانۇن مەجبۇرلاشنى ئاساس قىلسا،ئەخلاق ئىچكى مايىللىقىنى ئاساس قىلىدۇ.قانۇن جازالاش ،چەكلەش جەھەتتە رول ئوينىسا ئەخلاق يېتەكلەش جەھەتتە رول ئوينايدۇ.ئەخلاقنىڭ رولى كەڭ دائىرىلىك،قانۇننىڭ رولى تار دائىرىلىك بولىدۇ.بىردۆلەتنى ياكى جەمىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ئەخلاقنىڭ رولى قانۇننى بېسىپ چۈشىدۇ،قانۇنغا خىلاپ ئىشلار ھۆكۈمران سىياسىي كۈچنىڭ ئەخلاقىغا خىلاپ دەپ قارىلدىغانلىقى ئۈچۈن،مۇبادا ئەخلاققا خىلاپ ئىش يۈز بەرمىسە شۇ جەمىيەتتە قانۇنغا خىلاپ ئىشلار بولمىغان بولىدۇ.جەمىيەت مەدەنىيلىككە،خاتىرجەملىككە يۈزلىنىدۇ.
شۇڭا ئېيىش كېرەككى قانۇن ئەخلاقنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ،ئەخلاق ئوينىغان رولنى ئوينىيالمايدۇ.قانۇننى جەمىيەتنىڭ تارازىسى دېسەك ئەخلاق جەمىيەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر.بۇ ئۇل تاشنى قوغداپ تۇرىدىغان كۈچ بولسا ئېتىقاتتۇر.مۇبادا بىر جەمىيەت ئېتىقاد كىرىزىسىگە پېتىپ قالسا ئەخلاقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ،ئەخلاق يوقالسا قانۇن تارازىسى قىيسىيدۇ،ئادالەت ۋە ھەققانىيەت گۆرگە كىرىدۇ.جەمىيەت زوراۋان كۈچلەرنىڭ جەننىتىگە،ئاجىزلارنىڭ جەھەننىمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ئەخلاق كىرىزىسى جەمىيەتلىشىپ كەتسە ئىنسانلار ياۋۇزلۇقتا ۋەھشىيلىكتە ھەر قانداق ھايۋاندىن ئېشىپ چۈشىدىغان لەنەتىتەككۈر مەخلۇقاتقا ئايلىنىدۇ.بۇ چاغدا قانۇن ھېچنىمىگە ئەرزىمەس بىرنەرسە بولۇپ قالىدۇ.‹‹دۆلىتمىزدە كەم بولۇۋاتقىنى قانۇنئەمەس،ئەخلاق››دېگەن سۆز مۇشۇنداق رېئاللىقتىن چىققان بولسا كېرەك.
بۇ جاۋاپتىن ئەخلاق بىلەن قانۇننىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدەناھايىتى ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، شاھانە ئەسەر ‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ ئاۋازلىق نەشرىنى يەنە بىر قىتىم ئاڭلىغۇم كىلىپ كەتتى! بىلىمخۇمارئاكىنىڭ ‹ يەھۇدىلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار › دىگەن ماقالىسىدىكى ئىنسان مۇكەممەللىكىنى قوغلۇشۇش دىگەن ئۇقۇمغا قارىتا چۈشەنچەم تىخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى.
9.تۆۋەندىكى سوئال-جاۋاپقا قارىتا تولۇقلايدىغىنىم بار:
مارشال:ھازىرئۇيغۇر جەمىيتى ئۇچراۋاتقان كىرزس ھەمدە بۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ؟
تۇنىياز ئوسمان:نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمىيتى ئېغىر كىرزس ۋە خىرىسئىچىدە تۇراۇۋاتىدۇ.كىرزس ۋە خىرىسنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ئىلگىركى ھەر قانداق دەۋرنى بېسىپ چۈشىۋاتىدۇ.ئانا تىل،مىللىي مەدەنىيەت،ئەنئەنە ھەتتا مەۋجۇتلۇقمۇ خىرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ.ئېتىقادجەھەتتىن باشلانغان كىرزس ئەخلاقنىڭ ئېغىر بۇزۇلۇپ ئەخلاقسىزلىقنىڭ جەمىيەتلىشىشى،مەدەنىيەتنىڭ شالغۇتلىشىشى،ئەنئەنىڭ ئېتىۋاردىن قېلىشى،قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ چاك چېكىدىن بۆسۈلىشى،ئادىمىيلىكنىڭ سۇسلىشىشى،ۋىژداننىڭ خىرەلىشى،شەرەپ-نۇمۇس تۇيغۇلىرىنىڭ يوقۇلىشى،مىللىي قەدرىيەتلەرنىڭ سۆيۈلۈشتىنى ئۇزاقلىشى،ئىدىيەنىڭ پارچىلىشى،مال دۇنيا ۋەھوقۇق ھېرىسمەنلىكىنىڭ باش كۆتۈرىشى...قاتارلىق ئۇيغۇرجەمىيتىنى ھالاكەتكە باشلايدىغان ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
شۇنىڭ بىلەن كىرىزس بارغانچە ئېغىرلىشىپ مىللىيم ەۋجۇتلۇقنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىلماقتا.ئەخلاقىي بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىققان بۇزۇقچىلىق،ئەيدىز،زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق ئاپەتلەر نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئەمەس روھىيىتىنىمۇ نابۇت قىلماقتا...ئادەملىرىمىز ماددىي جەھەتتىن ئانچە-مۇنچە ھاللانغاندەك تۇرغىنى بىلەن روھى جەھەتتىن يەنىلا نامرات تۇرماقتا.ھەممىلا ئۇيغۇر تىرىكچىلىك غېمىدە،پۇل تاپقانلىرى قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش كويىدا،ئەمەلدارلىرىمىز قانداق قىلىپ بايلىق يىغىش قانداق قىلىپ تېخىمۇ چوڭ ئەمەلگە ئېرىشىش غېمىدە،زىيالىيلارمۇ ئۆز غېمىدە،ھېچكىمنىڭ ئارتۇق ئىشلار بىلەن ئارىلاشقۇسى يوق،ھېچكىمنىڭ پايدا-مەنپەئەت چىقمايدىغان ئىشقا باش قاتۇرغىنى يوق،ھېچكىمنىڭ خوتۇن-باللىرىنىڭ غەملىرىنى قايرىپ قويۇپ بۇنداق ئىجتىماھىي مەسىللەرگە كاللا قاتۇرغۇسى يوق...
شۇنداق بولغاچقا ئىجتىماھىي مەسىللەرگە باش قاتۇرۇش،تەرەپ-تەرەپتىن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان كىرزس ۋە خىرىسلار ھەققىدە ئويلىنىش ئىشى ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىلىم ئادەملىرىگە ئېشىپ قالغان،پەقەت شۇلارنىڭ ئىشى بولۇپ قالغان،پەقەت شۇلارنىڭ ئىشى بولۇپ قالغان.مانا بۇ خىرىس ۋە كىرزسكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قىيىن تەرىپى.شۇنداقتىمۇ ئالدىنى ئېلىش،تاقابىل تۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەي بولمايدۇ.
مېنىڭچە ئۇيغۇر جەمىيتى دۇچ كېلىۋاتقان كىرزس ۋەخىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇنداق ئىككى يولى بار.بىرسى،مىللىي قەدرىيەتلەرگە سادىق بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقاد،مەدەنىيەت،تىل ۋە ئەنئەنىلىرىمىزنى قەتئىي ساقلاش،بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىمىنۇت ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ،ئىچكىجەھەتتىن تۈگىشىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
يەنە بىرسى،دۆلەتنىڭ قانۇن-بەلگىمىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ،مىللىي تېرۇتىرىيىلىك ئاپتۇنىمىيە قانۇنىدىكى ۋە باشقا قانۇنلاردىكى ۋەدە قىلغان ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن تىنماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.مەسىلەن:قانۇندا ئۆز تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقى،بىلىش ھوقۇقى،ئەركىنلىك ھوقۇقى،ئەرزقىلىش پاش قىلىش ھوقۇقى،جامائەت پىكرى ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق،پاسپۇرتىغا ئېرىشىش ھوقۇقى ...قاتارلىق مۇھىم ھوقۇقلار ئېتىراپ قىلىنغان،قوغداشقا ۋەدە بېرىلگەن.رېئاللىقتا بۇ ھوقۇقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ۋە جاسارەت كۆرسىتىشكە،دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي بۇ ھوقۇقلارنى تارتىۋىلىنغان،دۆلەت قانۇنىنى بۇزۇۋاتقان،توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بىر قىسىم سولچىل كۈچلەر بىلەن قانۇنى يۇسۇندا كۆرەش قىلىشقا ھەتتا بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنى بىلىم،ساپا كېرەك بولىدۇ.سۇنماس روھ ۋە جاسارەت كېرەك بولىدۇ.
ئەگەر بىر مىللەت كىشىلىرى ئۆزىنىڭ قانۇندا بېكىتكەن بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمايۋاتقان ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشنى بىلمىسە،جاسارەت كۆرسىتەلمىسە،بەدەل تۆلەشتىن قېچىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ گاس،گاچا،قارىغۇ بولۇۋالسا،ھەق-ھوقۇق ئۈچۈن گەپ قىلغان ئادەملىرىنى يېتىم قالدۇرۇپ كەينىنى قىلىپ تۇرۇۋالسا بۇنداق مىللەتنى چوقۇم نەس باسىدۇ.خىرىس ۋە كىرزس دولقۇنلرى ئىچىدە غەرق بولىدۇ.
مىنىڭچە،بىز ئۇيغۇرلار ئومۇمەن تىخى كىرزىسنى ھەل قىلىش باسقۇچىغا كىرمىدۇق ،تىخىچە كىرزىسنى تونۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز،چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئادەملەردە پەقەتلا كىرزىس تۇيغۇسى يوق،ھازىرقى تۇرمۇشىغا قانائەتلىنىپ يۈرىۋاتىدۇ.دانالار‹ئەڭ چوڭ كىرزىس-كىرزىس تۇيغۇسىنىڭ بولماسلىقى،قانائەتلىنىش بولسا ئەڭچوڭ توزاق› دەپ ئىيىتقان. ئادەمنىڭ ئىككى چوڭ ئىستىكى بولىدۇ،بىرى خۇشاللىققا ئىرىشىش ئىستىكى، يەنە بىرى ئازاپ-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇش ئىستىكى ،مىنىڭچە قانائەتلىنىش ئادەمنىڭ خۇشاللىققا ئىرىشىش ئىستىكىنى كۈچەيتىۋىتىپلا قالماستىن ،ھەممىدىن يامان بولغىنى ئازاپ-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇش ئىستىكىنىڭ كۆمۈلۈپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. مىنىڭچە كىرزىس دىگەننى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ،شۇڭا بىزئالدى بىلەن مەن نىمىنى يوقۇتۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيمەن دىگەننى تاكى جاۋاپ تاپقۇچە يىتەرلىك ئويلۇشىشىمىز كېرەك،ئاۋال ئىدىيىدە تۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز، ئاندىن ماس ھالدا تەدبىر ۋە ھەركەت قىلىشىمىز زۆرۈر.كىرزىسنى تۇنۇغاندىن كىيىن ماس ھالدا ھەركەتتە ئۆزگۈرۈش كىرەك، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئۈنۈملۈك ئۆزگۈرۈش ئۈچۈن ئۈگۈنىش ۋە بىلىم ئىگەللىمەك كىرەك.مىسال: مەن بىرەيلەنگە ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىشنى ئادەت قىلىڭ،قەۋزىيەت ، يۇقۇرى قان بىسىمى ، يۇقۇرى قان مىيى دىگەندەك ئاۋارىچىلىقلاردىن خالى بولىسىز دىسەم (تەپسىلاتى:ئەتىگەن سائەت 5تىن 7گىچە (ئالدىنقى بۆلەك)) مەندە بۇنداق كىسەللەر يوق دەپ پەرۋا قىلمايدۇ،چۈنكى ھازىر بولمىغان بىلەن يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق تۇرالارمەن،ناۋادا ئاشۇنداق كىسەل بولۇپ قالسام قانداق قىلارمەن دىگەننى قەتئى ئويلىمايدۇ،شۇڭا بىخىرامان ،خىيالى يۈرىۋىرىدۇ،ئۆزىدىن ئەنسىرىمدى دىگەن تەقدىردىمۇ ،ئەتراپىدىكى مۇشۇنداق كىسىلى بارلارنىمۇ خەۋەرلەندۈرۈپ قويمايدۇ،ئۆزىدە كىرزىس تۇيغۇسى يوق ئادەم باشقىلارغا كەلگەن كىرزىسنىمۇ ھىس قىلالمايدۇ،بۇ خۇددى دىنى ئىتىقادى يوق ئادەمنىڭ كاللىسدا سەجدە قىلىش دىگەن ئۇقۇم يوق بولغىنىدەكلا بىر ئىش.شۇڭلاشقا مەن ئۇ ئادەمگە بۇ ھەقتىكى كىرزىسنى قۇربىمنىڭ يىتىشىچە چۈشەندۈرىشىم كېرەك ،كاللىسىدا كىرزىس تۇيغۇسى پەيدا بولسىلا،بىپەرۋا يۈرمەستىن چۇقۇم ھەركۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىشنى ئادەت قىلىشقا تىرىشىدۇ، باشقا تەدبىرلەرگە نىسبەتەن سەزگۈر ۋە قىزغىن بولىدۇ، ھەركۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىش ئادىتىنى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتۇرىشى ، ئۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ كۆزقاراشقا قانچە پىرسەن ئىشىنىشىگە باغلىق،شەكسىز ئىشەنگەندىلا ئاندىن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ.
10.قانۇنشۇناس تۇنىياز ئوسمان ئاكىنىڭ مۇنۇ يەكۈنى بىزدىكى نىگىزلىك مەسىلىلەرنى يۇرۇتۇپ بىرىش ۋە نىمە ئىش قىلىش جەھەتتە ئەسكەرتىش رولىغا ئىگە دەپ قارايمەن.
ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى جىنايەتلەرنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەشتەبولۇدىغان سەۋەبلەر كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ بولسىمۇ تۆۋەندىكىلەرنى نۇقتىلىق كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
1.مائارىپسىز،تەربىيەسىز قېلىشتىن پەيدا بولغان نادانلىق.
2.نامراتلىق.
3.ئۆز يىلتىزىدىن،ئۇيغۇر قىممەت قارىشىدىن يىراقلاشقان تەربىيە
4.ئەمەلىيەتتىكى باراۋەرسىزلىك پەيدا قىلغان چۈشكۈنلۈك،ئۈمىدسىزلىك.
5.ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىك چۈشەنچىلىرىنىڭ يىمرىلىشى.
6.مىللىي مەدەنىيەت،مىللىي قەدرىيەت ۋە ئېتىقادتىكى ياتلىشىش.
7.قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى.
بەلكى يەنە نۇرغۇن سەۋەبلەربولۇشى مۇمكىن.يۇقۇردىكى سەۋەبلەر بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر-بىرىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
11.مارشال:ئەڭ ئاخىرىدائۇيغۇر ياشلىرىغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ؟
تۇنىياز ئوسمان:ياشلارمىللەتنىڭ كەلگۈسى،كېلەچىكىمىزنىڭ ئۈمىدى.شۇڭا مەن ياشلىرىمىزنىڭ مىللىي قەدرىيەت،مەدەنىيەت،ئېتىقاد،ئەنئەنىلىرىمىزگە
سادىق بولۇپ بىزگىچەيېتىپ كەلگەن ئېسىل مەدەنىيىتىمىزنى،ئاناتىلىمىزنى،قىممەت قاراشلىرىمىزنى يەنە بىر ئەۋلاتقا
ساق-سالامەت ئۇلاشتۇرىشىنى،ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان كىرزس ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن
دادىل ئىزدىنىپ جاسارەت كۆرسىتىشنى،ئائىلىسىنى،پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد،ئانا تىل،مىللىي مەدەنىيەت تەربىيسى ئېلىپ باردىغان
قورغانغا ئايلاندۇرىشىنى ئۈمىدقىلىمەن.شۇنداقلا مىللىي كىملىككە،مەدەنىيەتكە جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ زۆرۈر بولغان ھەممە ئىشىغا
ساھىپ چىقسىكەن دەيمەن.
بۇ ناھايىتى ۋەزنىلىك ئىسىل گەپلەركەن ،بىز ئات-ئانا بولغۇچىلار ئاۋال
ئۆزىمىز ئىجرا قىلىپ ،پەرزەنتلىرىمىزگە ئائىلىدە ئۈلگە بولساق كىيىنكى ئەۋلاتلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى سوۋغاتبەرگەن بولىمىز،ھەممەيلەننىڭ شۇنداق قىلىشىغا تىلەكداشمەن،ئۆزەممۇ ھەم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن.
12.دانالىرىمىزنىڭ يىتەكلىشى ۋە يول كۆرسىتىشى بىلەن ھاياتىمىزدىكى ھەرخىل كىرزىسلارنى توغرا چۇڭقۇر تونۇپ يىتەيلى، ھاجى مىرزاھىدئاكىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ‹ چىن قەلبىڭىزنىڭ شەكسىز تەستىق قىلغىنى ئەڭ توغرا سۆز ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قايىل بولۇپ قۇبۇل قىلغىنىڭىز ئەڭ چىن ھەقىقەت ، بىجانىدىل ئىشەنگىنىڭىز ئەڭ سادىق دوستۇر › مۇشۇ ئۈچ ئىغىز پاساھەتلىك سۆزلىرىنىڭ نىگىزى بولغان ئىشەنچ بىلەن ياشايلى،ھەرخىل كىرزىسلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىغىمىزغا ئىشىنەيلى! ‹مەخپىيەتلىك›فىلىمىدىكى تارتىش قانۇنىيىنڭ پىرىنسىپى بويىچە قانچە چۈشكۈنلەشسەك شۇنچە ئىچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىمىز،ئەكسىچە قانچىكى كۆپ ئىشەنىچ قىلساق، ئىشەنچىمىز بىزنى شۇنچە كۆپ مۇناسىپ ھەركەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ،بىزنىڭ ئىدىيىمىز ، ئىشەنچىمىز ۋە ھەركىتىمىز باشقىلارنىڭمۇ بىز ئارزۇ قىلغاندەك ئويلىشى ۋەھەركەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نەتىجىدە خۇشاللىنارلىق ئىشلارغا ساھىب بولىمىز.
ئالىمجان مەخمۇت (ساغلام)
2013-يىلى3-ئاينىڭ 9-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 11:18 AM