مارشال يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 09:39 AM 
مائارىپچى ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ بىلەن سۆھبەت
ئاپتۇرنىڭ ...
مارشال:سىز يېڭى ئوقۇتقۇچى بولغان چاغلار،ئۇيغۇر مائارىپى قانداق باسقۇچتا ئىدى؟شۇ چاغدا مائارىپ سېپىدە تەربىيلىنىپ بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى قانداق ئىدى؟
بۇ سۇئالىڭىزغا بەرگەن جاۋابى توغرا كەلمەپتۇ. (مەن شۇنداق قارىدىم)بىراق، باشقا بايانلارنىڭ جېنى بار. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كۆكتۇغ ئاكىمىزدەكلەر كۆپەيسە مائارىپىمىزدىن يەنە باشقىچە ئۈمىد تۇغۇلغان بولاتتى. مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىمۇ مەن ئوقۇغان ئانا باشلانغۇچ مەكتىپىمىم بار.(مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ كۈچىشى بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان تەلەيلىك مەكتەپ) ھەر قېتىم تەتىل قايتقاندا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئانچە-مۇنچە گەپلىشىپ تۇرىمەن. ھازىر ئوقۇغۇچىلاردا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ چۈشكۈنلىشىش ئېغىر. سەۋەبى:
ئىلگىرى خەنزۇتىلى بەك ئويلىشىلىپ كەتمەيدىغان ۋاقىتلاردا ئەدەبىيات، ئۇيغۇرتىلى ،ماتېماتىكا دەرسلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆتۈپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بۈگۈنكى كۈندە خەنزۈتىلى بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا قارايدىغان ۋەياكى باشقا ئىش قىلىدىغان بوپتۇ. مانا بۇ ئانا تىلىمىزنىڭ مەكتەپلەردە «بويۇن قىسىپ»قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان يەنە بىر مەسىلە.
يەنەبىرى،باشلانغۇچ مەكتىپىمدىكى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار مېنى ۋەتەڭتۇشلىرىمنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچى شۇ لېكىن بۇرۇنقى بىلەن ئوخشىمايدۇ . نۇرغۇنلىرى ماشىنا ئېلىۋېلىپ يېزىمىزدىن شەھەرگە «قاراماشىنا» ھەيدەۋېتىپتۇ .بۇمۇبەلكىم، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تەسەللىي تاپقۇزۇش باھانىسىدۇر .يېشى چوڭ، دەرس ئۆتۈپ پىشقان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئايرىلغان بالىلارھازىر بارغان «بالا ئوقۇتقۇچىلار» بىلەن«ئوينىشىپ» قويۇپ تاياق يەيدىكەن، ئاندىن مۇئەللىم ئۇردى دەپ مەكتەپكە بارمايدىكەن .ئىشقىلىپ، مەكتەپلەرگە باشقىچە مۇھىت كىرىپ قاپتۇ كۆكتۇغ ئاكامنىڭ بايانلىرى ئاقسۇدىلا ئەمەس، بىزنىڭ يۇتلاردىمۇبار، شۇنداقلا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ بۇمەسىلىلەر بۇيازمىدا قاقشاپ قۇيۇش بىلەن ياكى باشقا يازمىلاردا تىللاپ قويۇش بىلەن ئوڭشالمايدۇ بۇنىڭغا كۆكتۇغ ئاكىمىزدەك ئەركەك ئوقۇتقۇچىلاربەدەل تۆلىشى، ئۆزىگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلاربىلەن پىكىرھاسىل قىلىشى لازىم ئەڭ مۇھىمى، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى«ئاتا-ئانىلارمەكتىپى»نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا كۈچىشى لازىم ئوقۇش ماۋسۇمىدا بالىلارنى ئوقۇتسا، تەتىل ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇتۇشى لازىم.(مېنىڭچە، بۇچەكلىمىگەئۇچرىمايدۇ، ھېچ بولمىسا مۇشۇنداق ۋىجدانى كۆتۈرەڭگۇ ئوقۇتقۇچىلارئۆزمەھەللىسىدىكى ئازراق ئىش ئۇقىدىغان دېھقانلار بىلەن دېيىشىپ، شۇ دېھقانلارنىڭ تىلى بىلەن رەھبەرلەرگە ئىلتىماس قىلىدۇرۇشقا كۈچىشى لازىم)