12بۆلەك ۋاقىت ئىچىگە يوشۇرۇنغان كۈتۈنۈش تەدبىرى ــــ
ئەتىگەن سائەت 5تىن 7گىچە (ئالدىنقى بۆلەك)
جۇڭيى تېبابىتى نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەر بىر كۈن 2سائەتتىن 12بۆلەككە ئايرىلغان،ئەتىگەن سائەت 5تىن 7گىچە بولغان ۋاقىت چوڭ ئۈچەي خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ،بۇ چاغدا چوقۇم چوڭ تەرەت قىلىشنى ئادەت قىلىش كېرەك. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان ئىلىمان قايناق سۇ ئىچىپ، ئاندىن ھاجەتخانىغا كىرىپ بىركۈن يېغىلىپ قالغان چوڭ تەرەتنى بەدەن سېرتىغا چېقىرىۋىتىش كېرەك، تەرەت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ،ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھاجەتخانىغا كىرىشنى ئادەت قىلىش كېرەك، بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسا، تەدىرىجى قىستىمىغان ھالەتتىمۇ يەنىلا تەرەت قىلالايدىغان ھالەت شەكىللىنىشى مۇمكىن.
ئەتىگەندە ئىلىمان قايناق سۇ ئىچكەندە- چوڭ ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە قاننى سۇيۇلدۇرغىلى ۋە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى سەھەردە ئادەتتە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى ھالەتكە كەلگەن بولىدۇ، قان بىسىمىمۇ تۈنجى قېتىملىق يۇقىرى ھالەتكە كېلىدۇ، يۈرەك-مىڭە قان تومۇر كېسەللىكلىر ىبىمارلىرىغا نىسبەتەن ئىيقاندا، سەھەر كېسەللىك ئەھۋالىدا ئاسان ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىغان خەتەرلىك ۋاقىت،قىش پەسلىدىكى سەھەر تېخىمۇ خەتەرلىك، شۇڭلاشقا ھەر قانداق قان بىسىمىنى ئاشۇرىۋىتىدىغان ئامىللاردىن، مەسىلەن،تۇزلۇق سۇ ئىچىش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىش، كۈچەپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك، يۇقىرى قان بىسىمى كېسىلى بارلار تېخىمۇ شۇنداق.
ئەتىگەن سائەت 5تىن 7گىچە بولغان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى كارۋاتتا يېتىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك، ئەتىياز،ياز پەسلىدە تېخىمۇ شۇنداق، كۈز،قىش پەسلىدە نىسبەتەن سەل ئۇزاقراق ئۇخلىۋالسا بولىدۇ، بۇ چاغدا سىرىتقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئانچە ياخشى ئەمەس، بولۇپمۇ ياشانغان، بەدىنى ئاجىز، يۈرەك-مىڭە قان تومۇر كېسىلى بارلار ۋە باشقا ئېغىر كېسىلى بارلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. ياشانغانلار ئۈچۇن سىرىتقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئومۇمى پېرىنسىپى قۇياشقا ماسلىشىپ ھەركەت قىلىشتۇر، يەنى قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ، قۇياش پاتقىچە بولغان ۋاقىتتا چىنىقىش مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
ئەتىگەن سائەت 5تىن 7گىچە بولغان ۋاقىت چوڭ ئۈچەينىڭ خىزمىتى ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقىت، چوقۇم تەرەت قىلىشقا تېگىشلىك ۋاقىت، ئادەم مەخسەتلىك ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭ ئۈچەيگە ياردەملىشىشى كېرەك. كەچتە ئۇيقۇغا كىرىششتىن بۇرۇن، سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن، كېندىكىنى مەركەز قىلىپ ئوڭ، تەتۈر يۆنىلىشتە 60 قېتىمدىن سىلاپ بىرىش،ئەتىگەن سائەت 7گىچە ئىمكانقەدەر ئورنىدىن تۇرۇپ بولۇش، بىر ئىستاكان ئىلىمان قايناق سۇ ئىچىش، تەرىتى كەلگەن ياكى كەلمىگەن بولسۇن ھاجەتخانىغا كىرىش قاتارلىق ئىشلارنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى قىلىش چوڭ ئۈچەي خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىشنىڭ دائىملىق ئەقەللى ئىپادىلىرى ھېساپلىنىدۇ.
قەۋزىيەت بارلىق كېسەللىكنىڭ ئانىسى بولۇپ، باشقا نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىسقا مۇددەتلىك قەۋزىيەت ئۈچەي ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، ئۇزۇن مۇددەتلىك قەۋزىيەت يەنى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت ئومۇمى بەدەن ساغلاملىغىنىڭ، جۈملىدىن ئۈچەي ساغلاملىغىنىڭ يوشۇرۇن قاتېلى. ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بەدەن سېرتىغا ۋاختىدا چىقىرىۋىتىلمىگەن زىيانلىق ماددىلار تۈپەيلى قورساق ئېسىلىش، ئېغىز پۇراش، دانىخورەك،ئىشتىھا تۆۋەنلەش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق كۆپلىگەن بەدەننىڭ زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئادەمنى ئاسان سەمرىتىۋىتىدۇ،تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشى، كەم قانلىق، گېمۇروي،مەقەتنىڭ يېرىلىشى، تۈز ئۈچەي يارىسى،ھەتتا ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ياشانغانلار،يۇقىرى قان بېسىمى بارلار، يۈرەك-مېڭە قان-تومۇر كېسىلى بارلار قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بولمىسا ھاجەتخانىدا ئارتۇقچە كۈچەپ چېڭقىلىش تۈپەيلىدىن خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن.
ساغلام سىزنى يەنە بىر قىتىم كەسكىن ئەسكەرتىدۇكى، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەتىگەن سائەت 5تىن 7گىچە چوقۇم چوڭ تەرەت قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈڭ!
(«12 بۆلەك ۋاقىت ئىچىدە كۈتۈنۈش»دېگەن كىتاپتىن پايدىلىنىلدى.)
بۇ ماقالە يەنە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە ساغلاملىق بىلىملىرى سەھىپىسى-‹ساغلام›(ئىزدەش نۇمۇرى: Saghlam)دە
ئاڭلىتىلدى.ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىمدا تارقىتىلىدى. http://alkuyi.cn/saghlamliq
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-10 11:12 PM