بەزىلەر شىئىرلىرىدا ئۇ دۇنيادىمۇ يارىغا ئاشىق ئىكەنلىكىنى شىئىرى تىل بىلەن بايان قىلغاچ ھەم بەزىلەرنىڭ شۇنداق سۆزلەشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ مۇئەييەنلەشتۈرگىنگە قاراپ بۇنىڭ ئىسلامغا زىت سۆز ئىكەنلىكنىياكى ئەمەسلىكنى بايان قىلىش ئۈچۈن تىمىدىكى ئىنكاسىمنى تىما شەكلىدە يوللاشنى لايىق كۆردۈم.
^}-(8~_en بىر ئادەم قىيامەتتە يەنى ئاخرەتتە ئاشىقىنى ئەسلىيەلەمدۇ؟
mkCv
f ئاللا قۇرئان كەرىمدە قىيامەت يەنى ئاخىرەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ.‹‹ (قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا(ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ، ئۇ كۇندە كىشى ئۆزىنىڭ قىرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، دادىسىىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ،ئۇ كۇندە ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى )يار بەرمەيدۇ ››سۈرە ئەبەسە33-37-ئايەتكىچە.
[S}o[v\ دىمەك ئايەتتىن شۇ ئىنىق چىقىپ تۇرىدۇكى، قىيامەتتە (ئاخىرەتتە) بىر كىم بىر كىمگە ئاشىق بولۇش ئەمەس بەلكى قاراش، ئەسلەشكە ھالى بولمايدۇ، قادىر بولالمايدۇ. ھەر بىر ئادەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھىساباتىنى بىرىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ھەتتاكى ئامراق ئايالىدىنمۇ، جان كۆيەرلىك بىلەن كىچىلەرنى بىدار ھالەتتە ئۆتكۈۈپ باققان ئانىسىدىنمۇ ،يامانلارنىڭ يامانلىقدىن تاغدەك يۆلەنچۈك بولۇپ قوغدىغان دادىسىدىنمۇ، يەنە تىخى بىر ئۆمۈر ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئىقىپ چوڭ قىلغان بالىسىدىنمۇ قاچىدىغان تۇرسا ئاشىق بولۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت بولسۇن.تۆۋەندە بىز ھەر بىر ئىنسان بۇ دۇنيالىق ھاياتىدىن ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلسا شۇ ئادەمگەنىسبەتەن قىيامەتنىڭ كەلگەن لىكىنى ھەمدە قىيامەتنىڭ قانداقلىقىنى ھەدىس ئارقىلىق بايان قىلىپ ئۆتىمىز.
!zw)! rV= 1. ‹ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن مۇنداق دىگەن، سىلەر مەندىن قىيامەت توغۇرلۇق سورايسىلەر ،ھالبۇكى قىيامەتنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ نەزلىدەدۇر، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۈگۈن نەپەسلىنىۋاتقان ھايات جان يەنە يۇز يىلغىچە زىمىن يۈزىدە تىرىك قالمايدۇ.› مۇسلىم رىۋايىتى، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتنىڭ ۋاقتى ھەققىدە سۆزلەپ بۇ سۆزنى قىلىشى ھەر بىر ئىنساننىڭ قىيامىتى شۇ ئىنساننىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ..
n%Vt r 2. ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلىنىپ ئائىشە مۇنداق دەيدۇ، سەھرا ئەرەپلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىيامەت توغۇرلۇق سورىشاتتى، رەسۇلۇللا ئۇلارنىڭ كىچىكىگە قاراپ مۇشۇ(بالىغا) قىرىلىق يەتمەي تۇرۇپ سىلەرگەسىلەرنىڭ قىيامىتىڭلار يىتىپ كىلىدۇ دىگەن.› بۇخارى ،مۇسلىم رىۋايىتى.
,Z7tpFC 3.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى،مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم،‹ ئىنسانلار قىيامەت كۈنى يالاڭئاياق، يالىڭاچ توپلىنىدۇ ،دىۋىدى ، ئى رەسۇلۇللا ئەر ئاياللار ئۆزئارا بىر-بىرىگە قاراشمامدۇ؟ دىسەم ، ئى ئائىشە (ھىساپ) ئىشى ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە قارىشىدىنمۇ قاتتىق( يەنى ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن قىلىپ باشقىلارغا قاراشقىمۇ ھالى يوق) بۇخارى ،مۇسلىم رىۋايىتى.
By
t{3$ 4. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ.‹ قىيامەت كۈنى قۇياش مەخلۇقاتقا يىقىنلشتۇرۇلۇپ بىر مىل مىقدارىدا بولىدۇ، كىشىلەر ئۆز ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىچە تەرگە چۈمىدۇ،بەزى ئىنسانلار ئوشۇقىغىچە تەرگە چۈمىدۇ، بەزىلەر تىزىغىچە چۈمىدۇ، بەزىلەر كىندىككچە چۈمىدۇ، يەنە بەزىلەرنى تەر يۈگەنلەيدۇ ۋە رەسۇلۇللا ئاغزىنى كۆرسەتتى› مۇسلىم رىۋايىتى . ھەدىسلەرگە كۆرە ئىنسان ئۇ دۇنيادا مۇھەببەتلىشىشكە ھالى يەتمەيدۇ ئەلۋەتتە، بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا›دىگەن ھەدىسىدىكى كىنايىنى دەلىل قىلىپ بىز كىنايە قىلدۇق دىيشى مۈمكىن، توغرا كىنايە قىلىش ئىسلامدە چەكلەنمەيدۇ، ئەمما بۇ يەردە مۇھەببەتنىڭ چۇڭقۇرلىقىنى ،ئەبەدىيلىكنى مۇھەببەتتىن تولىمۇ مۇھىم بولغان ،ھەمدە ئىنساننىڭ جەننىتى بولۇپ بەختلىك ياشاش ياكى دوزىخى بولۇپ ئازاپتا قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئاقىۋەتلىك ئىشى بولغان قىيامەت ئارقىلىق كىنايە قىلىش تولىمۇ تەنتەكلىك. بۇنىڭدىن بىر بولسا قىيامەتنى يەڭگىل ساناش ،كۆزگە ئىلماسلىقتەك كۇفرىئەكبەر قىلىقى سادىر بولىدۇ. بىر بولسا مۇھەببەتنى يۈكسەكلىككە كۆتۈردۈم دەپ چەكتىن ئاشۇرۋتىدىغان ، بۇ دۇنيادىكى زاھىرى ئىشنى تەتقىق قىلماستىن ئۇ دۇنيادىكى غەيبى ئىشقا كىنايە قىلىدىغان كىسەل پىكىر سادىر بولىدۇ. ھەر ئىككىسى ئەقىدىگە تاقىشدىغان خاتالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
EH'?wh|Yp دىمەك ئەسلىدە ئەدەبىيات دىن بىلەن زىدييەتلەشمەيدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق قەدىمدىن ھازىرغىچە دىننىڭ ۋارىسلىرى بولمىش ئۆلەمالار ئەدەبىياتتىن پايدىلىنىپ ئاللاھقا دەئۋەت قىلىۋاتىدۇ. ئەدەبىيات ئاللا ياراتقان يارالمىش سۈپىتى بىلەن ئۇ مۇ بىر دىنغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاستە. كىمكى ئەدەبىيات ئارقىلىق دىننىڭ ئەھھكاملىرىغا قارشى سۆز قىلسا ئۇ سۆز رەت قىلىنىدۇ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان شەخىسنىڭ ئەدىبىياتنى دىنغا بىقىنمايدىغان ،دىن بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان ئىككى نەرسە دىيىشى ،شۇنداقلا ئەدەبىياتنى قالقان قىلىپ نىمىلا دىسەك دىن ئارلاشماسلىقى ،ھۆكۈم چىقارماسلىقى كىرەك دىيىشى ئەخمىقانىلىك ۋە تۇترۇقسىزلىقتىن ئىبارەت. چۈنكى مۇسۇلمانغا نىسبەتەن دىنى ئەھكاملار بىر ئۆلچەم بولۇپ شۇ ئۆلچەم ئارقىلىق مۇسۇلمان ئۆز يولىنى توغۇرلاپ ماڭىدۇ.
N{
]|!# شۇڭا شائىر، يازغۇچى تورداشلىرىمىزنىڭ دىنغا ئائىت سۆز تاللىغاندا ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكىنى چىقىش قىلىپلا قالماستىن ، مەن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا قىلدىممۇ ؟ ياكى خاتا قىلدىممۇ؟ ئىپادىلىشىم مۇسۇلماندارچىلىققا ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ ؟ دىگەن نۇقتىدىن تەتقىق قىلىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدىنىپ ياكى ۋاقىت يار بەرمىسە دىن مەسىللىرىگە پىششىق كىشىلەردىن سوراپ تاللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ پەننى زىيالىلار بىلەن دىنى زىيالىيلار ياكى موللىلارنىڭ ئارلىقىنىڭ يىقىنلىشىشى، بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يوقىلىشىغىمۇ پايدىسى زور. ئاللا ئەڭ ئالىم
L`yyn/2> ھەر بىر مۇسۇلمانغا مەيلى ئۇ شائىر بولسۇن ياكى موللا بولسۇن، ھەق ئۈستىدە مىڭىشقا ئاللا نىسىپ قىلسۇن. .....
HR85!S` [ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-08-14 07:26 AM دە ]