ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت PuR_seT كە 2011-08-14 10:40 AMئەۋەتىلدى :
NA<6s]Cs. ئەسسالام ئەلەيكۇم رەددىيە بۇرادەر، سىز بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلەشكىنىمدىن خۇشالمەن، ئىيتقىنىڭزدەك بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋائى تۈرىك ئەدەبىياتى ئۈچۈن جۈمىلىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان، پارىس شائىرى ئەبۇلقاسىم پىردەۋسى ‹‹شاھنامە›› ئەسىرىم ئارقىلىق ئىراننىڭ تىلىنى(تىلىنى) قۇتقۇزۇپ قالدىم دىگىنىدەك ئەلىشىر ناۋائى باشچىلىقىدىكى كىلاسسىك شائىرلىرىمىزمۇ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭغا كۆز يۇمۇش ساراڭلارچە ئىنكارچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئەمما شۇ ئىنىق بولسۇنكى مەيلى نەۋائى، نىزامىدىن گەنجىۋى، ئۇبۇلقاسىم پىردەۋسى ياكى جالالادىن رۇمى بولسۇن ئۇلار خاتالاشمايدىغان ئىنسان ئەمەس. شۇنداقلا ئۇ سوفىستىك كىلاسىك شائىرلىرىمىزنىڭ شىئىر-غەزەللىرىمۇ دىن ئەھكاملىرىمىزنىڭ دەلىل -پاكىتلىرى ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولىشىغا يىقىن ‹‹ مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم ،شۇ نىڭغا ئەگەشسەڭلار ھەرگىزمۇ ئىزىپ كەتمەيسىلەر ،بىرى ئاللانىڭ كىتابى يەنە بىرى پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى››دىگەن دىمەك بىزنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە تايىنىدىغان دەلىلىمىز قۇرئان ،ھەدىس ھەرگىزمۇ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ شىئىرلىرى ئەمەس. تايىنىدىغان ئاساسىمىز قۇرئان، ھەدىسنى ئاساس قىلغان ئىسلام فىقھىسى ھەرگىزمۇ كىلاسسىك شىئىرىيەت كىتاپلىرىمىز ئەمەس، تايىنىدىغانلىرىمىز دىنى مۇجتەھىد،ئۆلەمالار ھەرگىزمۇ ئەلشىر نەۋائى باشچىلىقىدىكى شىئىرىيەت پىشۋالىرىمىز ئەمەس.
mz
2. ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەجاز تەركىپلەردە قىيامەتتەك ئەقىدە مەسىلىسىنى كىچىك سانايدىغان بىر پەرىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان ياكى بىر ھارامنى ئۇلۇغلايدىغان مىسرالار ئۇچرىمىسا كىرەك ، نەۋائىينىڭ ۋە كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مەجازلارنى ھەقلىق يۇسۇندا مۇلاھىزە قىلساق ھەقىقى مەنىسىنىڭ ئىسلامغا زىت كەلمەيدىغىنىنى بايقايمىز. ئەگەر زىت كەپ قالسا كىمنىڭ مىسراسى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر خاتالاشقان بولىدۇ،ئەينى زاماندا سوفىستىك شائىر مەنسۇر ھەللاج مەجاز ئىشلىتىشتە چەكتىن ئىشىپ ‹‹ئەنەلھەق›› يەنى مەن ئاللا دەپ جار سالغىنى ئۈچۈن شۇ ۋاقىتتىكى باغدادنىڭ قازىسى سوفىستىك ئۆلەما جۇنەيد باغدادى تەرپىدىن مۇرتەد دەپ پەتۋا چىقىرىلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ دارغا ئىسىلغان.ئەمەلىيەتتە ھەللاج ھەرگىزمۇ خۇدالىق دەۋاسى قىلمىغان. ھەللاج باتىنى جەھەتتە ئاللانى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۈمكىن ئەمما زاھىرى جەھەتتە مۇرتەدلىك قىلىقى سادىر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹ ئادەم ئەۋلادىنىڭ ھەممىسى خاتالىشىدۇ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى تۆۋە قىلغۇچىلار›› دىگەن ، ئەلشىر نەۋائى ئىسلامنىڭ ھۆججىتى ئەمەس ،ئىسلامنىڭ ھۆججىتى قۇرئان،ھەدىس. J nzI-
y
3. سىز مەجازنى ئەدەبىياتىمىزدىن يوقالسا بولغۇدەك دەپ تەئنە قىپسىز ، مەن تىمامدا ئەسكەرتكىنىمدىك ئەدەبىياتنى مەجازسىز ئىپادە قىلىش مۈمكىن ئەمەس، كۆپچىلىك ئالىملار قۇرئان،ھەدىستىمۇ مەجاز بار دەپ قارايدۇ، بۇ مەجاز قىلىشىمىزنىڭ دەلىلى، ئەمما يەنە تەكىتلەيدىغىنىم دىننىڭ زۈرۈرى ئەھكاملىرىغا تاقاشقۇدەك مەجاز ئىشلىتىپ ھەددىن ئاشماي نورماللىقنى ،ئىزچىللىقنى ساقلىغىنىمىز ياخشى،ئاللا قۇرئان كەرىمدە ‹‹ ئاللا ھەدىدىن ئاشقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ›› دىگەن ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹ ئىشنىڭ ياخشىسى نورمال بولغىنى ›› دىگەن. مۇسۇلمانلار قۇرئان،ھەدىسكە مۇراجەئەت قىلايلى. d$O)k+j
4. مەجازنى ئىشلەتمەي نوبىل مۇكاپاتى بىز ئۈچۈن چۈش بولۇپ قالغۇدەك دەپسىز ، مەجازنى ئىشلىتىپ نوبىل مۇكاپاتى ئىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.(سەمىمى تىلەك)، يۇقىردا دىگىنىمدەك ئىسلام مەجاز( سىمۇۋۇللۇق ئوخشىتىش مەجازنىڭ بىر قىسمى)نى چەكلىمەيدۇ. ئەگەر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشتا دىن ئەھكاملىرىغا چىقىلىش شەرتى قويۇلغان بولسا (ھىس قىلىشىمچە ئۇنداق شەرت يوق)ئۇنداق مۇكاپاتنى تەرىك ئىتەيلى ، ئاللاغا ئاسى بولۇشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق نوبىل مۇكاپاتى ئورنىغا جەننەتنى مۇكاپات ئالساق شۇ يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟ 1(ud(8?|
5. سىز ‹‹ بىلىملىك››،‹‹دەنا›› دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق دىنى ئالىملارغا تەئنە قىلغاندەك تۇرىسىز. ھەر بىر ئادەم ئاللا ئاتا قىلغان بىلىىم بويىچە سۆزلەيدۇ،قۇرئان كەرىمدە ئاللا مۇنداق دەيدۇ‹‹ سىلەر ناھايتى ئاز بىلىم بىرىلدىڭلار›› دىمەك ئىنساننىڭ بىلىمى تولىمۇ چەكلىك، دىنى ئۆلەمالار سىز تەلەپ قىلغاندەك بىلىمگە ئىرىشىپ بولالمىغان بولۇشى مۈمكىن، ئەمما ھەر بىر مۆمىننىڭ ئاللا بىلدۈرگەن بىلىم مىقدارىچە ھەققە تەۋسىيە قىلىش مەسئۇلىيتى بار، شۇڭا ئۇلار ئالدىڭىزدا ‹‹دانىشمەنلىك›› قىلىپ قويغان چىغى، توغرا چۈشەنگەيسىز،ھەم سىزمۇ مۇسۇلمان بولۇش سالاھىيتىڭىز بىلەن دىن ئەھكاملىرىنى ئۇلاردىن ياخشى ئۈگۈنۇپ دىن ئۈچۈن ھەسە قوششىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. i(pevu
.......
`
g5S
uV'w0`$y ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! پۇرسەت بۇرادەر.
HbUadPr ئەرەپ تىلىدىن پىششىق خەۋەردار بولغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن . بىراق بىزگە ناتونۇش بولغان ئىبارىلەر (مەجاز دىگەنلەرگە ئوخشاش) نى ئىشلەتمەي ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ئاتالغۇ بىلەن ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن .
(!iGQj(m ئىمان ۋە ئىسلام ئىنسانغا بەخىت ۋە تېنچلىق، ئىشەنچ بېرىش بىلەن بىرگە بىلىمدىن ، ئىلىم پەندىن مەھرۇم قىلمايدىغان، ئاخىرەتكە باغلاش بىلەن دۇنيادىن قۇرۇق قالدۇرمايدىغان ، ئاسمان كۆكىگە چىقىش بىلەن زىمىندىن ئايرىۋەتمەيدىغان ئالەمشۇمۇل غايىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان مەنىۋى كۈچ.
Ac@zTK6> 1 . دەرۋەقە بىز تايىنىدىغىنىمىز قۇرئان . ھەرگىزمۇ شېئىرىيەت ئەمەس . لېكىن شۇنى ئۇنتۇماڭ، ھەر بىر پەننىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر پەن ئۆز قانۇنىيىتىدىن چەتنەپ كېتىدىكەن ئۇ مۇكەممەل بىر پەن بولالمايدۇ . شېئىرىيەتمۇ شۇنداق. ھەممىنى دىنغا چېتىپ تەھلىل قىلىش بىزنى نۇرغۇن تەپەككۇردىن، ئاڭدىن بوغۇپ قويىدۇ . مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئاشۇ مىسرا ھەققىدىكى تەھلىلىم دەسلەپكى ئىنكاسىم بىلەن ئوخشاش . شۇڭا شېئردىكى مىسرالارنى دىنى ئەھكاملىرىمىزغا خىلاپ دىيىشكە بولمايدۇ .
&8^1:CcE 2 . توغرا . مەن سىز دىگەندەك ‹‹ بىلىملىك ›› ، ‹‹ دانا ›› دىگەندەك تەنە سۆزلەرنى قىلدىم . بۇنىڭغا ھەقلىقمەن . چۇنىكى مۇنبەرلەردە چىققان ھەر بىر دىنىي تېمىدا ( رامىزان كىرىش ئالدىدا ئېلان قىلىنغان ، نۇرغۇنلىرى جىدەل بىلەن ئاخىرلاشقاچقا ئۈچۈرۈلۈپ تاشلىنىپتۇ) نۇرغۇن خاتا قاراشلارنى تېما مەركىزى ئىدىيىسى بىلەن ھىچقانداق باغلىنىشلىقى بولمىغان ھەدىس بىلەن باغلاپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىسلام دىنىي ھەققىدە گۇمانىي قاراشقا كەلتۈرۈپ قويدى . ‹‹ WINDOWS xp ھالالمۇ ھارام؟ ›› دىگەن تېمىدا سىز ھۆرمەتلەيدىغان بىر دىنى ‹‹ ئالىم›› كۆچۈرۈلمە نوسخىسىنى ئىشلىتىش ھارام دەپ، قۇرئاندىكى بىر ھەدىسنى مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈردى . رىئاللىقتىن تولىمۇ چەتنىگەن بۇ قاراش ( ئاشۇ سېستىمىنىڭ ئەسلى نوسخىسىنى ئىشلىتەلەيدىغانلار ئارىمىزدا زادى قانچىلىك باردۇ؟ ) دىننى تەكىتلىگەن نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى . ئەمما شۇ قاراشنى قوللىغان ئاشۇ ‹‹ دانا ›› ، ‹‹ بىلىملىكلەر›› ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان WINDOWS xp سېستىمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمە ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەس قىياپىتىگە كىرىۋالغانمىدۇ . بىلىم ئىگەللەش ئۈچۈن كۆچۈرۈلمە نوسخىسىنى ئىشلىتىش ھارام دىيىلسە بۇنىمۇ دانالىق دەمدۇق؟
Hswgv$n تېخى تۆنۆگۈنلا بىر تېمىدا ‹‹ بىناماز كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى قۇبۇل بولمايدۇ ›› دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى . شۇ تېما ئۈستىدە تەپەككۇر قىلالايدىغان ئادەملەرغۇ بۇنى ناماز ئوقۇشقا ، ئىمان يولىدا مېڭىشقا دەۋەت قىلغانلىق دەپ چۈشۈنەر . ‹‹ بىناماز كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى قۇبۇل بولمايدۇ ›› دەپ ئۆز پېتىچە چۈشۈنۈۋالىدىغانلارچۇ؟ بۇمۇ سىز ھۆرمەتلەيدىغان ‹‹ دانا ›› نىڭ يازمىسى .
^HM9'*&KJ جەمىيىتىمىزدە ناماز ئوقۇيالمىسىمۇ مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەرىزلىرىدىن بولغان روزا تۇتۇش ، ئۆشرە - زاكات بېرىش قاتارلىق پەرزنى ئادا قىلىۋاتقانلار خېلى كۆپ . شۇلار بۇنى كۆرسە نىمە دەپ ئويلار ؟ شۇ كىشىلىرىمىز بۈگۈن روزا تۇتقان بولسا ئەتە ناماز ئوقۇش مۈمكىنچىلىكى بارغۇ . بۇلارنىمۇ نەزەردە تۇتۇش ئاشۇ ‹‹ دانا›› لىرىڭىزنىڭ ئەقلىگە نىمىشقا كەلمەيدۇ .
W2CQk 9"TPAywd ھېلىمۇ قۇسۇر چىقىرىشلار ئاز بولۇپ قالدى . سۆكمىگەن ئالىم، يازغۇچىلار ، سەنئەتكارلار ، زىيالىيلار ، خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارغىچە بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمىدى . ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىشارەت بەرگەن نۇرغۇن مۆجىزىلەر ، كەشپىياتلار بىز مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانماي باشقىلار تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ . ئاشۇ دىنسىز كىشىلەر تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى ، ھەقىقەتلىرىنى ئاشكارىلاپ ئىسلام دىنىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ بەردى ، چۈنكى ئۇلار پەنگە تايانغان.
z$q:Yg ھە دىسىلا ئىماننى تەكىتلەيدىغان زاتلىرىمىز نىمىشقا خەلقىمىزنى پەن تېخنىكا ئۈگۈنۈش ، قانداق قىلغاندا باي بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىككى ئېغىز چويلىغا چىققۇدەك گەپ قىلالمايدۇ؟ بۇنىمۇ پەننى ياقلىغانلىق دەپ چۈشۈنەمدۇق؟
'J=knjAT PM
A61g شۇڭا ھەممىنى دىنى تەرەپتىنلا تەھلىل قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس .
e=<%{M& mI[$c"!BD [ بۇ يازما raddiya تەرپىدىن 2011-08-14 01:54 PM دە ق ]