بامدات نامىزىنىڭ ئوقۇلىشى
`,\WhJ?9 سوئال: بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
U:YT>U1Z جاۋاب: نامازنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، تاھارەت بىلەن پاكىز يەرگە بارىمىز. ئەگەر يەرنىڭ پاكىز بولماسلىق ئېھتىمالى بولسا، جايناماز ئىشلىتىمىز. جاينامازنىڭ يۆنىلىشىنى قىبلىگە قارىتىپ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا تۈپتۈز ئۆرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىمىز ۋە « اَللەُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر)» دەپ تەكبىر ئېيتىپ ئىككى قولىمىزنى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىمىز. ئالقانلارنى قىبلىگە قارىتىمىز. (ئاياللار تەكبىردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىگىچە كۆتۈرىدۇ. ئالقانلىرىنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىبلىگە قارىتىدۇ).
.o.@cLdU تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن قوللىرىمىزنى چۈشۈرۈپ كىندىكىمىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ قول باغلاپ تۇرىمىز، يەنى ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى سول قولىمىزنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوڭ قولىمىزنىڭ باش ۋە چىمىلتاق بارماقلىرى بىلەن سول قولىمىزنىڭ بېغىشىنى تۇتىمىز. ( ئاياللار قىيامدا تۇرغاندا، قوللىرىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. كۆزلىرىنى سەجدىگاھقا قارىتىپ، پۇتلىرىنى ھىم جۈپلەشتۈرىدۇ، تىزلىرى تىك تۇرىـــدۇ).
+
w GE ئەر ۋە ئايال ھەرقانداق كىشى قىيامدا تۇرغاندا كۆزلەر سەجدىگاھقا قاراپ تۇرىدۇ، ئوڭ - سولغا ياكى يوقىرى - تۆۋەنگە قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۆزلەرنى يۇمۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى تۆت بارماق سىغقۇدەك كەڭلىكتە ئوچۇق قالدۇرىلىدۇ. تىزلارنى ئەگمەستىن تىك تۇتىمىز، باش گەۋدە ئوڭ - سولغا تەۋرەنمەستىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
_3hCu/BV تەكبىر ئېيتىپ قول باغلىغاندىن كېيىن، مۇنۇ سانانى ئوقۇيمىز: « سُبْحَانَكَ الَّلەُمَّ وَبِحَمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلاَ اِلَەَ غَيْرُكُ» (سذبەانەكەللاەىممە ؤەبعەەمدعكە ؤە تەبارەكەسمذكە ؤەتەظەلا جەددذكە ؤەلا ظعلاەە غەيرذك (سۇبھانەكەللاھۈممە ۋەبىھەمدىكە ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك»، ئاندىن﴿أعُوذ بِاللە مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ﴾ (ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم) ۋە ﴿ بِسْمِ اللە الرَّحْمنِ الرَّحِيْمِ﴾ (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم)دەيمىز.
%Cb8vYz~ ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمىز.
B>AIec\jG فاتىھە سۈرىسى: ﴿الْحَمْدُ للّەِ رَبِّ الْعَالَمِينَ ● الرَّحْمـنِ الرَّحِيمِ ● مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ ● إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ ● اەدِنَــــا الىِّرَاطَ المُستَقِيمَ ● ىِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيەِمْ غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيەِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ﴾ ئوقۇلىشى:«ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىيم. مالىكى يەۋمىددىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين. ئىھدىنەس - سىراتەل مۇستەقىيم، سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين»ئامىين!
|MTgKEsn فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر سۈرە ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز، مەسىلەن: مائۇن سۈرىسى: ﴿أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ ● فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ ● وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ ● فَوَيْلٌ لِّلْمُىَلِّينَ ● الَّذِينَ ەُمْ عَن ىَلَاتِەِمْ سَاەُونَ ● الَّذِينَ ەُمْ يُرَاؤُونَ ● وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾ئوقۇلىشى:«ئەرە ئەيتەللەزى يۇكەززىبۇ بىددىين. فەزالىكەللەزى يەدۇئئۇل يەتىيم. ۋەلا يەھۇززۇ ئەلا تەئامىل مىسكىين. فەۋەيلۇن لىلمۇسەللىين. ئەللەزىينە ھۇم ئەن سالاتىھىم ساھۇۇن. ئەللەزىينە ھۇم يۇرائۇۇن. ۋەيەمنەئۇنەل مائۇۇن».
fs~n{z,ja% ئۇنىڭدىن كېيىن« اَللەُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىمىز. رۇكۇدا ئىككى قولىمىزنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالدا، ئىككى تىزىمىزنى تۇتۇپ باش بىلەن بەل قسىمىنى ئوخشاش تەكىشىلىكتە تۈز ئىگىمىز.
a,lH6lDk ئاياللار يېرىم ئېگىلىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىدە تۈز تۇتىدۇ. بارماقلىرىنى ئاچمايدۇ.
X3X~`~bAD رۇكۇدا ئۈچ قېتىم « سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْم » (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم) دەيمىز.
SZvw>=)a رۇكۇدىن تۇرۇشتا« سَمِعَ اللەُ لِمَنْ حَمِدَەُ» (سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ) دەپ تۇرىمىز. رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە بولغاندىن كېيىن، قوللرىمىزنى يان تەرەپلىرىمىزگە قويۇپ بەرگەن ھالدا، تۈز تۇرۇپ « رَبَّنَا وَلَكَ اْلحَمْــدُ » ( رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) دەيمىز ۋە بىر ئاز تۇرىمىز.
@oYTJd(v{ ئاندىن « اَللەُ اَكْبَرْ »(ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىمىز. سەجدە قىلىشتا ئاۋۋال تىزلىرىمىزنى، ئاندىن قوللىرىمىزنى، ئاندىن پىشانىمىزنى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇرنىمىزنى يەرگە تەككۈزىمىز. پېشانە ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىدۇ. جەينەكلەر يەرگە تەگمەيدۇ، ئىككى يوتا قورسىقىمىزغا تەككۈزۈلمەيدۇ. ئىككى پۇتىمىزنى بىر - بىرىگە جۈپلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. قول ۋە پۇت بارماقلىرىمىز قىبلىگە قارىتىلىدۇ. (ئاياللار پۇتلىرىنى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ قىلىپ ياتقۇزىدۇ. جەينەكلىرىنى بېقىنىغا، تىزلىرىنى قورساقلىرىغا چاپلاپ تۇرىدۇ).
-"!V&M سەجدە ئەسناسىدا، ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ» (سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز ۋە «اللە اَكْبَرْ (ئاللاھۇ ئەكبەر)»دەپ باشنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرىمىز. سەجدىدىن تۇرۇشتا ئاۋۋال يۈز، ئاندىن قوللار، ئاندىن تىزلار كۆتۈرىلىدۇ. ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە«سُبْحَاَن اللە»( سۇبھانەللاھ) دېگۈچىلىك ۋاقىت ئولتۇرىمىز (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارىدا« رَبِّ اغْفِرْلِي، رَبِّ اغْفِرْلِي» ( رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي)دەپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيتتى). ئاندىن قايتا «اَللەُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر بىلەن يەنە سەجدىگە بارىمىز. سەجدىدە يەنە ئۈچ قېتىم «سُبْحَاَن رَبِّيَ اْلاَعْلىَ »(سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز.
BniFEW:< ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن يەنە «اَللەُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئۆرە تۇرىمىز ۋە ئىككىنچى رەكئەتكە باشلايمىز. ئىككىنچى رەكئەتتە»بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم«نى ئوقۇيمىز. ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقوپ بولۇپ،«ئامىين» دەيمىز. ئاندىن قۇرئاندىن خالىغان سۈرىدىن بىر ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز. مەسىلەن: كەۋسەر سۈرىسى﴿ إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْڭَر.َ فَىَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ. إِنَّ شَانِئَكَ ەُوَ الْأَبْتَرُ﴾ ئوقۇلىشى: «ئىننا ئەئتەينا كەلكەۋسەر. فەسەللى لىرەببىكە ۋەنھەر. ئىننە شانىئەكە ھۇۋەل ئەبتەر».
gh
i!4 ئاندىن خۇددى بىرىنچى رەكئەتتە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تاماملاپ بولۇپ، «اَللەُ اَكْبَرْ» (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئولتۇرىمىز.
4ol=YGCI_ نامازدا ئولتۇرغاندا، ئەرلەر ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەلەر ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ، سول پوتىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى بارماقلىرىنى ئەركىن ئاچقان ھالدا ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە كۆزىنى قۇچىقىغا قارىتىدۇ. (ئاياللار ئىككى پۇتىنى ئوڭ تەرىپىگە ياتقۇزۇپ، پاقالچىقىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆزلىرىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا قارىتىدۇ.
mj5A*%"W ئولتۇرغاندا ئاۋۋال تەھىيات«ئەتتەھىياتۇ»دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.
P{QRmEE تەھىيات دۇئاسى:
.B#Lt,m ﴿اَلتَّحِيّاتُ لِلّەِ وَالىَلَوَاتُ والطيِّباتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّەا النَّبِيُّ وَرَحْمَەُ اللەِ وَبرَكَاتەُ، السَّلَامَ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللەِ الىَالِحِيَن أَشْەَدُ أنْ لاَ إلٰەَ إلاّ اللەُ، وأشەَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُەُ وَرَسُولُەُ﴾.
+=u*!6S ئوقۇلىشى:« ئەتتەھىياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىس - سالىھىين. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ».
VJHHC.Kz تەرجىمىسى: «جىمى مەدھىيىلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر، ياخشى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز(نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەر)گە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ ئاللاھنىڭ ئاپىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن».
EsA^P2?_+ ئاندىن كېيىن، «ئاللاھۇممە سەللى ۋە بارىك رەببەنا»لار ئوقۇلىدۇ:
Er{[83
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى
t$Irr* ﴿اَلَّلەُمَّ ىَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا ىَلَّيْتَ عَلىَ إبرَاەِيمَ وَعَلَى آلِ إبرَاەِيْمَ إنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ﴾.
b39;Sv|# ئوقۇلىشى:«ئەللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد.
uVOpg]8d تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
a7#Eyw^H{ ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى:
_eO+O=j_x ﴿اَلَّلەُمَّ بَارِكَ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إبرَاەِيمَ وَعَلَى آل إبراَەِيْمَ إنَّك َحَمِيدٌ مجَيِدٌ﴾.
l*% voKZG ئوقۇلىشى:«ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد».
~}4H=[Zu تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى يۇقىرى قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
s8eiq`6\H} رەببەنا دۇئاسى:
:MJBbrV
, ﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَەً وَفِي الآخِرَەِ حَسَنَەً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾.
?7a<V+V: ئوقۇلىشى: «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار».
(7Y :3 تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».
O@E&lP6 يۇقىرىقىلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، باشنى ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَەُ اللەِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ) دەيمىز، ئاندىن باشنى سول تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ « اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَەُ اللەِ » (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمە تۇللاھ ) دەپ سالام بېرىمىز. بۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغان بولىمىز.
%$sWNn سوئال: بامدات نامىزىنىڭ پەرزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟
WYaDN:kZf جاۋاب: بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلىشىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلىشىغا ئوخشاشتۇر. پەقەت نىيەت پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى سۈننەتكە سۈننەت، پەرزگە پەرز دەپ نىيەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر پەرقى شۇكى، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇش ئالدىدا ئەرلەر ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. (ئاياللارغا كېرەك ئەمەس). بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم»دەپ نىيەت قىلىنىدۇ.
ZTt%7K"L مەنبە:
{'r(P& http://www.oginish.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1232&extra=page%3D1 J>Zd75;U