سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئۇكرائىنا پارلامىنتى ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى .ئۇكرائىنا پارلامىنتى شۇ يەر ۋاقتى 23-دېكابىر زۇڭتۇڭ پوروشىنكونىڭ 18-دېكابىر سۇنغان ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىدىن كېچىش توغرىسىدىكى قانۇن لايھىسىگە بېلەت تاشلاپ قارار چىقىرىپ ،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى .
شۇ كۈنكى بېلەت تاشلاشتا 303 ئاۋاز قوشۇلدى 8ئاۋاز قارشى تۇردى ،2ئاۋاز ۋاز كەچتى 56 پارلامىنىت ئەزاسى بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ بېلەت تاشلاشنىڭ نەتىجىسى ماقۇللاندى .يېڭى قانۇن لاھىيىسىگە ئاساسەن ،ئەسلىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي پىرىنسىپ قانۇنىدىكى ئۇكرائىنا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ دېگەن ماددا بىكار قىلىنىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۆلچىمى كۆپەيتىلىدۇ .شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ،ماددىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.قانۇن لايىھىسىنىڭ قۇشۇمچە چۈشەندۈرۈلىشىدە ئۇكرائىانىڭ ئىتتىپاق تۈزۈمەسلىك ئورنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە سىرىتتىن كەلگەن تاجفۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى .روسىيە سەربىي سىياسي ،ئىقتىسادىي ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردى ئۇكرائىناغا ئۈزلۈكسىز بېسىم چۈشۈرۈپ ئۇكرائىنانىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقللىق ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جگھەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئامال تېپىشقا مەجبۇرلىغانلىقى كۆرسىتىلدى
.
روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوف شۇ كۈنى ئۇكرائىاننىڭ ئىتتىپاق تۈزۈمەسلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنىڭ ياخشى ئاقىۋەت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ،خگلقئارالىق كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرقىي قىسىمدىكى رايونلار بىلەن سۆزلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى .ئۇكرائىنا پارلامىنتى 2010-يىلى سابىق زۇڭتۇڭ ياتسېنۇك ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي پىرىنسىپ قانۇن لايىھەسىنى تاپشۇرۇپ بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاق تۈزۈمەسلىك ئورنىنى بېكىتكەن .
ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو 24-چىسلا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ، ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت گە كىرىش-كىرمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز.پوروشىنكو شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن لىتۋانىيە زۇڭتۇڭى گىرىيبائۇكايتې (Grybaukaite) بىلەن كۆرۈشۈپ بىرلىكتە چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ش ئا ئە ت گە كىرىش توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئۆلچەملەرنى تىزىپ چىقتى. پەقەت مۇشۇ ئۆلچەملەرگە توشسىلا، ئۇكرائىنانىڭ ش ئا ئە ت گە كىرىش-كىرمەسلىك مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويىمىز. مەزكۇر مەسىلىدە ھەر قانداق باشقا خىل پىكىر ۋەزىيەتكە زىيانلىق. پوروشىنكو يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنانىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ش ئا ئە ت گە كىرىش ئۆلچىمى ئۈستىدە ئاز دېگەندە ئالتە يىللىق پىلان تۈزۈپ چىقتى.
بۇ ئىككى جەھەتتىكى پىلان ۋە ئۆلچەم-تەلەپ ئاساسى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ (Stoltenberg) شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ش ئا ئە ت نىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان زور ئالقىشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا ئىشىك ھازىرمۇ يەنىلا ئوچۇقتۇر. ش ئا ئە ت بۇچارېسىت يىغىنى (The NATO summit in Bucharest) بۇرۇن قارار چىقىرىپ، ئەگەر ئۇكرائىنا خالىسا ۋە شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرگە توشسا، ئۇ كەلگۈسىدە ش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ. بىز ئۇكرائىنانىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمىز.ئۇكرائىنا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئەگەر ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ قالسا، %51 ئۇكرائىنالىق ش ئا ئە ت گە كىرىشنى قوللايدىكەن.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگايلىنى تۈنۈگۈن شىمالىي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.موگايلىنى شۇ كۈنى ستولتېنبېرگ بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش، لىۋىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق بىر قاتار بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا موگايلىنى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئىككى تەرەپ بۇندىن بۇرۇنقى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.سىتولتېنبېرگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولغان ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 3-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا زۇڭلىسى ئارسېنىي ياسېنىيۇك شۇ جاي ۋاقتى 2-چىسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھازىرغا قەدەر ئۇكرائىنا 14 مىليارد دوللار قەرزنى تۆلەپ بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇكرائىنا نىفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى (Naftogaz) نافتوگاز نىڭ روسىيە تەبىئىي گاز شىركىتىگە تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان قەرزىمۇ بار.خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئارسېنىي ياسېنىيۇك ئۇكرائىنا پارلامېنت يىغىنىدا ئۇكرائىنانىڭ يەنە 72 مىليارد 900 مىليون دوللار قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.ئىگىلىنىشىچە، بۇندىن بۇرۇن ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ئىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدا ئۇكرائىناغا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچى دۆلەتلەر يىغىنى چاقىرماقچى بولغان.ئۇندىن باشقا روسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپ 11-ئاينىڭ بېشىدا بىريۇسسىلدا ئۇكرائىناغا تەبىئىي گاز تەمىنلەش مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم تۈرگەن، شۇندىن كېيىن روسىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر قانۇن لاھىيىسى ئېلان قىلىپ، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، ھەر مىڭ كۇپ لىتىر تەبىئىي گازنىڭ باھاسىنى 378.22 دوللارلىق باھا بىلەن ئۇكرائىناغا تەمىنلەشنى قارار قىلغان، مەزكۇر باھا خەلقئارا بازار باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا 100 دوللار ئەرزان ھېسابلىنىدۇ. مەكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، ئۇكرائىنا قەرز بولۇپ قالغان ئۈچ مىليارد 100 مىليون دوللار تەبىئىي گاز ھەققىي چوقۇم بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تۆلەپ بولىنىشى ۋە بۇ ئارقىلىق 2015-يىللىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved