سۈرەتتە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدىن رۇسىيەگە قايتماقتا
گېرمانىيە «سودا گېزىتى» نىڭ 16-چېسلادىكى خەۋىرىدە، «بىر مەيدان ئۇرۇش دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدە بەش يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش سۈرىيەنى ئاۋۋال ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىغا پاتۇرۇپ، ئاندىن پۈتۈن دۇنيانى ئىنسانپەرۋەرلىك قالايمىقانچىلىقى سۆرەپ كىرىپ، ئارقىدىن يەر شارى سىياسىي قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىدۇ دەپ قارىدى. بۇ ماقالىدە، بۇ ئۇرۇشنىڭ دۇنيانى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا بەش نۇقتىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈلدى.
1. «ئىسلام تەشكىلاتى» دىن ئىبارەت بۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. سۈرىيەدىكى توقۇنۇش پەيدا قىلغان «ۋاكۇئوم» دا، «ئىسلام تەشكىلاتى» دىن ئىبارەت بۇ ھەممە كىشى بىلىدىغان ئەسەبىي تەشكىلات باش كۆتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان چوڭ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئايلىنىدۇ.
سۈرىيە ھۆكۈمىتى بۇ تەشكىلاتنىڭ چوڭىيىشىغا ھېچقانداق قارشى تەدبىر قوللانمايدۇ. چۈنكى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بۇ نوپۇس تېخىمۇ زىچ ئورۇنلاشقان رايوندا، ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشتەك بۇ ۋەزىپە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ گېلىدىن بوغۇپ قويدى.
2. رۇسىيە قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ . «پۈتۈن يەر شارىدا، بىر تېلېفون بىلەنلا سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتالايدىغان ئادەم، دەل ئۆزى پۇتىن ئەپەندى» دېدى ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى خامېند ئالدىنقى قېتىم نۇتۇق سۆزلىگەندە بۇ ھەقتە توختىلىپ. بىر نەچچە يىلدىن
بۇيان رۇسىيە پەقەت تاماشىبىنلا بولۇپ كەلدى، ئەمما ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە ئامال قىلالمىغاندىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئوتتۇرا شەرقتە قايتىدىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، پۇتىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى چىقىرىپ، ئۆكتىچىلەرنى بومباردىمان قىلدى. ئەڭ يېڭى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئاساسەن رۇسىيەنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولدى. رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى پىلانىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما بۇندىن كېيىن سۈرىيەگە كىم رەھبەرلىك قىلشىىدىغان قەتئىينەزەر، ھەممىسى پۇتىنغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك. نۆۋەتتە، رۇسىيە نېفىت، تەبىئىي گاز مول بولغان بۇ رايوندا، ئاللىقاچان ھالقىلىق ئورۇننى ئىگەللەپ بولدى.
3. ياۋروپانىڭ مۇقىم ۋەزىيىتى تەۋرىنىشكە باشلايدۇ . 1985-يىلى، ياۋروپانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چېگرىنى بىكار قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالانغاندا، ھېچكىممۇ 2015-يىلىدەك بىر مىليون مۇساپىرنىڭ ياۋروپاغا كەلكۈندەك ئېقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. گىرېتسىيەدىن گېرمانىيىگە تۇتىشىدىغان «بالقان لىنيىسى» دۆلەتلىرى ھازىر مۇساپىرلارغا چېگرىنى تاقىۋەتتى. نەچچە ئون مىڭلىغان مۇساپىر گېرىتسىيىدە تۇرۇپ قالدى، ئەمما باشقا ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە شىمالىي ياۋروپاغا بېرىپ بولغان مۇساپىرلار پاناھلىنىش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ساقلاۋاتىدۇ. مۇساپىرلارنىڭ ئېقىپ كىرىشى چەتئەللىكلەرنى يەكلەشتەك كەيپىيات پەيدا قىلىدۇ. «ئىسلام تەشكىلاتى»نىڭ ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى پارىژدا پەيدا قىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمى ئاللىقاچان ياۋروپادىكى رادىكال ئوڭچىل پارتىيىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
4. قوشنا دۆلەتلەر ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرى ياۋروپانىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. پەقەت تۈركىيە، لىۋان، ئىئوردانىيىلا تۆت مىليون 400 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلدى. لىۋاندا، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى دۆلەت نوپۇسىنىڭ %20 دىن ئېشىپ كەتتى. سۈرىيە توقۇنۇشى بۇ يەرنىڭ ئەسلىدىنلا كەسكىنلىشىپ كەتكەن سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى.
5. ئىران قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ . سۈرىيە توقۇنۇشى بۇ يەردىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن تەڭشەيدۇ. ھازىر ئىراننىڭ تەسىر كۈچى بېيرۇتتىن تېھرانغىچە سوزۇلدى، باغداد، دەمەشىق ھۆكۈمىتى ھازىر ئىراننىڭ ئېغىزىغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ.
ئەكسىچە، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىر ھالسىراپ قالدى. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان ھازىر يەمەندە
ئىران قوللاۋاتقان قوراللىقلارغا زەربە بېرىۋاتىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved