3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:45 دە، 2015\16-مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەككىز كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسى ئوينالدى. بايرېن ميۇنخېن ساھىبخان مەيدان يۇۋېنتۇسنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا، ئالابا مۇداپىئەدە خاتالىق سادىر قىلدى، 6-مىنۇتتا پوگبا توپ كىرگۈزدى، 28-مىنۇتتا موراتا بايرېننىڭ قاتمۇقات مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ يان تەرەپكە پاس تاشلىدى، كوادرادو توپ كىرگۈزدى. يۇۋېنتۇس ئالدىنقى يېرىم مەيداندا 2-0 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا لېۋاندوۋىسكى ئاۋال كاللا توپ ئۈسۈپ بىر توپ كىرگۈزدى، 90 مىنۇت توشتى. ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن باسقۇچتا مۇللېر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن ئىككى كوماندا 2-2 نەتىجىدە تەڭلەشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى ئايلانمىدا ئومۇمىي 4-4 نەتىجىدە تەڭلىشىپ، ئۇزارتىلما مۇسابىقە ئوينىدى. ئۇزارتىلما مۇسابىقىدە، بايرېننىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، 108-مىنۇتتا دىياگو بىر توپ كىرگۈزدى، 110-مىنۇتتا كومان بىر توپ كىرگۈزدى، بايرېن 4-2 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا بايرېن ساھىبخان مەيداندا 4-2 نەتىجە بىلەن، ئىككى ئايلانمىدا ئومۇمىي 6-4 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى شاللاپ سەككىز كۈچلۈككە كىردى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved