ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2015-يىلىنى ئۇزۇتۇپ 2016-يىلىنى كۈتىۋالغىنىمىزغىمۇ 10 نەچچە كۈن بولۇپ قالدى. ھەممە ئادەم يېڭى يىلدا ئىشلىرىنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى، يېڭىچە قىياپەت ۋە كەيپىيات بىلەن يېڭى يىلغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. يېقىندا بىر توپ مۈشۈكمۇ دەل شۇنداق يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن يېڭى يىلنى كۈتىۋالدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مايمۇنلار ناھايىتى رەتلىك ھالدا ياپون يېزىقىدىكى «مايمۇن» دېگەن خەت شەكلىنى ھاسىل قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق يېڭى يىلنى، يەنى مايمۇن يىلىنى كۈتىۋالغان ئىكەن.
شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندا، يېقىندا بىر توپ مۈشۈك ئىنگىلىزچە «2016 يېڭى يىلغا مۇبارەك» دېگەن خەت شەكلىنى ھاسىل قىلىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە خۇشال قىلدى.
ئەسلىدە بۇ مۈشۈكلەرنىڭ ئىگىسى بۇ مۈشۈكلەرنىڭ «ئاچپاقا» لىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يىمەك يەيدىغان تەخسىسىنى شۇ خىل خەت شەكلىدە تىزىپ قويغان، مۈشۈكلەر غىزالىنىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، تۇشمۇ-تۇشتىن كېلىپ ئورۇن ئالغان. شۇنىڭ بىلەن «مۈشۈكلەرنىڭ ئۆز بەدىنى ئارقىلىق خەت يېزىشى» دەك كۆرۈنۈش ھاسىل بولغان.
بۇ سىن ماتېرىيالى ۋە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر تورغا يوللانغاندىن كېيىن، تورداشلار ئارىسىدا قىزغىنلىق ۋە غۇلغۇلا قوزغىدى. يەنە تېخى بەزى تورداشلار، بەلكىم ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئىتلار ئارقىلىق «خەت يېزىش» قىمۇ بولىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved