ئوباماغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن رازۋېدكا قىلىش ئۈسكۈنىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلىرىدىكى يېڭى نىشانلارنى رازۋېدكا قىلماقتا، دېدى.
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھىمامىن ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ، بىر كېچىدە 55 قېتىمدىن كۆپرەك ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلغان ھەمدە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ 53 تايانچ نۇقتىسىغا زەربە بەرگەن. كوناشېنكوۋنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن رازۋېدكا قىلىش ئۈسكۈنىلىرى كېچىچە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەسىدىكى يېڭى نىشانلارنى رازۋېدكا قىلغان ھەمدە ئارقىدىنلا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ يېڭى بايقالغان نىشانلارنى ۋەيران قىلغان.
سوۋېت-24M
سوۋېت - CM 25
سوۋېت - 34
كوناشېنكوۋ يەنە، رۇسىيەنىڭ سوۋېت-24M، سوۋېت - CM 25 ۋە سوۋېت - 34 ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى خۇمۇس، خاما، لازىقىيە، ئىدلب قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تايانچ نۇقتىلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي ئىشلار تەھلىلچىلىرى، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمى باشلىغاندىن بۇيانقى بارلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە سۈرىيە مۇشۇ سەۋىيە بويىچە ھەرىكەت قىلسىمۇ، رۇسىيەگە تىلغا ئالغۇدەك ماھىيەتلىك چىقىم بولۇپ كەتمەيدىكەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ تەھلىلى بىلەن ئوباما ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىلىرى ئاشكارىلىغان بايانات ئۆزئارا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، ئوبامانىڭ قارىشىچە بولغاندا، پۇتىن ئەلباش بەشەر ئەسەدنى قوللاش ئۈچۈن ئىلگىرى تەۋەككۈل قىلىپ باقمىغان بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئوباما يەنە بۇنداق ھەرىكەتنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، يەنە كېلىپ پۇتىننىڭ بۇ ھەرىكىتى مەغلۇب بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
شۇنىڭ بىرگە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرغىچە، موسكۋانىڭ سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىشتىكى مۇددىئاسى دەمشىقنى قوللاش ئۈچۈن، دەپ قارايدۇ. بۇندىن بۇرۇن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەلباشى پۇتىن، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى بەشەر ئەسەدنى قوللاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئۈچۈن، دېگەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىلىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا:«مېنىڭچە، رۇسىيەنىڭ بەشەر ھاكىمىيىتىنى قوللىشى، بەشارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاشتا بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپرەك نەپ بېرىدۇ» دېگەن. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىنىڭ بەش ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
بىراق ئۇلار رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، موسكۋانىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشقا ھەددىدىن ئۇزاق ئىشتىراك قىلىشىنىڭ، موسكۋانىڭ ئۆزىدە مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما موسكۋا سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى نامايەن قىلغان. گەرچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە ئايروپىلان ۋە پاراخوتنىڭ يېقىلغۇ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ دۆلەت مۇداپىيە خام چوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
سۈرىيەدىكى ھەربىي توقۇنۇش داۋاملاشقىنىغا تەخمىنەن تۆت يىل بولدى، ھازىرغا قەدەر توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 220 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ھەرقايسى قوراللىق تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش بەكمۇ كەسكىن بولدى، بۇ قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھەرىكەتچان بولغان «شام ئىسلام دۆلىتى» (دايسا) ۋە «نۇسرا ئالدىنقى سېپى»نى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى قاتتىق زەربىگە ئۇچراتتى. رۇسىيە، سۈرىيە ئەلباشى بەشەرنىڭ تەكلىپى بىلەن 9-ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved