www.4tadu.com
  • خىلىتلار غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/83753082.html

    خىلىتلار غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى

     

    بىرىنچىسى: قان خىلىتى غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى: باش ئېغىر بولۇش، كۆپ كېرىلىش، كۆپ ئەسنەش، مۈگىدەش، ئۇيقۇ كۆپىيىپ كېتىش، گالۋاڭ بولۇپ قېلىش ،ئېغىز تەمى تاتلىق بولۇش، تىلى قىزىل رەڭلىك بولۇش، ئەزالىرىغا مۇدۇرچاقلار كۆپ چىقىش، پۈتۈن ئەزالىرىدا ئېغىرلىق پەيدا بولۇش، ئەزالىرى پۈرۈلۈپ قالغاندەك ھېس قىلىش قاتارلىقلار...

     

    ئىككىنچىسى: بەلغەم خىلىتى غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى: تېرە رەڭگى ئاق بولۇش، مۇسكۇللار بوشاپ كېتىش ۋە سۇستلىشىش، تۇتقاندا سۇغۇق بىلىنىش، كۆپ تۈكۈرۈش، ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىش، ئۇسسىماسلىق، ھەزىم خىزمىتى ناچارلىشىش،  خام كېكىرىپ قېلىش، ئۇيقۇ كۆپ بولۇش ، پىكىر بۇزۇلۇش قاتارلىقلار....

     

    ئۈچۈنچىسى: سەپرا خىلىتى غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى: چىرايى ، كۆزى ۋە تېرىسى سارغىيىپ قېلىش، ئېغىز تەمى ئاچچىق، قۇرۇق ، تىلى يىرىك بولۇپ قېلىش، بۇرۇن تۆشۈكلىرى قۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق زىيادە بولۇش، ئىشتىھا ناچار بولۇش، بەدەنگە يىڭنە سانچىغاندەك ئاغرىش قاتارلىقلار...

     

    تۆتىنچىسى: سەۋدا خىلىتى غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى: بەدەن قۇرۇق ھەم ئۇرۇق بولۇش، قاننىڭ قىيامى قۇيۇق ۋە رەڭگى قارا بولۇش، پايدىسىز قۇرۇق خىياللارنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ قېلىش، ئاشقازان ئېغىزى ئېچىشىش، يالغان ئىشتىھا پەيدا بولۇش، سۈيدۈك دۇغ ھەم قارا كېلىش ياكى قىزىل، قۇيۇق كېلىش ، ئۇيقۇ ئازىيىش، يامان چۈشلەرنى كۆپ كۆرۈش، چۈشىدە قورقۇش قاتارلىقلار....

    ھاياتلىق دەستۇرى.

    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!