www.4tadu.com
  • 155نەپەر دائۇسسۆلەپ كىسىلىنى داۋالاشتىن خۇلاسە - [تېرە كىسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/83769166.html

    155نەپەر دائۇسسۆلەپ كىسىلىنى داۋالاشتىن خۇلاسە

     

    ئاپتۇرى: سىدىق رەمەت (مەسئۇل ۋاراچ)

     

    قىسقىچە مەزمۇنى مەقسەت: دائۈسۆلەپ، (دائىرىلىك چاچ چۈشۈش) كىسىلىنى مىزاجىغا ئاساسەن ئايرىپ، مىزاجىغا ماس ھالدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىلارنى ياساپ داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، دورىلار ئۈستىدە ئانالىز ئىلىپ بىرىش.

    ئۇسۇل: دوختۇرخانىمىز 2000-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا داۋالىغان 155نەپەر دائۈسۆلەپ بىمارنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك داۋالاش نەزىرىيەسى بويىچە كىسەللىك سەۋەبىنى ئىنىقلاپ ياش- جىنسى مىزاج بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنى چاچ ئۈندۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلارنى تاللاپ بىرلەشتۈرۈپ، مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ياساپ ئىچىشكە بىرىپ، سىرتتىن چاچ ئۈندۈرۈشكە ياردەم بىرىدىغان دورىلار بىلەن مەلھەم ياساپ مايلاشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ كىلىنكىلىق ئۈنۈمىنى كۈزىتىش.

    نەتىجە: دائۈسۆلەپ (دائىرلىك چاچ چۈشۈش) بىمارلارنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك داۋلاش پىرىنسىپى بويىچە مىزاج ئايرىپ، داۋالىغان بىمار 155نەپەر بولۇپ ئەر 98نەپەر بولۇپ، %63.2نى؛ ئايال 57نەپەر بولۇپ، %36.8نى ئىگەللەيدۇ.

    مىزاج ئايرىمىسى بويىچە گۇرۇپپىلارغا ئايرىغاندا: قان بۇزۇلۇشىدىن بولغانلار 23نەپەر %14.8نى؛ غەيرى تەبىئىي بەلغەمدىن بولغانلار 79نەپەر%50.9نى؛ غەيرى تەبىئىي سەپرادىن بولغانلار 40نەپەر %25.8نى؛ غەيرى تەبىئىي سەۋدادىن بولغانلار 13نەپەر %8.4نى ئىگەللەيدۇ.

    بىز داۋالاش جەريانىدا دىئاگنوزىغا ئاساسەن ئايرىپ بىمارلارنى مىزاج تۈرى بويىچە قايسى خىل خىلىتتىن بولغان بولسا شۇ خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ مۇسھىل بىرىپ بىمارنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئاساسلىق ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى بىلەن داۋالاپ كۈزەتكەندە 155نەپەر دائۈسۆلەپ بىمارىنىڭ تولۇق ساقايغىنى 82نەپەر بولۇپ %52.9 . كۆرىنەرلىك ياخشىلانغىنى 48نەپەر بولۇپ، %30.9 . ئۈنۈم بولغىنى 17نەپەر بولۇپ، %11 . ئۈنۈم بولمىغىنى 8نەپەر %5.2 بولۇپ ئومومى ئۈنۈم بىرىش نىسپىتى %94.8 بولدى.

    خۇلاسە: دائۈسۆلەپ (دائىرلىك چاچ چۈشۈش) كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەل بولۇپ، بۇ ئاساسەن، بەدەندىكى خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولۇپ، بۇزۇق ماددىلار تۈك بەزلىرىگە تەسىر قىلىپ، ماددا ئالمىشىپ توسقۇنلۇق ئۇچراپ يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي دائىرلىك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

    بۇ كىسەل كۆپىنچە ياشلاردا كۆپ بولۇپ تۇيۇقسىز باشلىنىدۇ. ئالدىن ھىچقانداق ئالامەت سىزىلمەيدۇ. چاچ چۈشۈش دائىرىسى ئىنىق بولۇپ، باشنىڭ خالىغان يىرىدە يۈز بىرىدۇ. ھەتتا ساقال- بۇرۇت ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ مويلىرىمۇ چۈشۈپ كىتىدۇ.

    دائۈسۆلەپ (دائىرلىك چاچ چۈشۈش) بولغان بىمارلارنىڭ مىزاجىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىزاجى، جىنسى، يىشى قاتارلىق نوقتىلارنى ئەستايىدىل ئانالىز قىلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن قايسى خىلىتنىڭ بۇزۇلىشىدىن بولغان بولسا، شۇ خىلىتقا قارىتا تەڭشەش ئىلىپ بىرىپ، ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش نەزەرىيەسى بويىچە توغرا داۋالاش ئىلىپ بارغاندا بۇ خىل كىسەلنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىمارلارنى بالدۇر غەمدىن خالاس قىلىپ، داۋالاش نۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدۇ.

    ئاچقۇچلۇق سۆز: دائۈسۆلەپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىلىرى، داۋالاش

     

    دائىرلىك چاچ چۈشۈش بەدەندە خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشىدىن يەنى بۇزۇق ماددىلار تۈك بەزلىرىگە تەسىر قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان، ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىك. بۇ كىسەل تۇيۇقسىز باشلىنىدۇ. ئالدىن ھىچقانداق ئالامەت سىزىلمەيدۇ. چاچ چۈشۈش دائىرىسى ئىنىق بولۇپ، باشنىڭ خالىغان يىرىدە يۈز بىرىدۇ. ھەتتا ساقال ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ تۈكىمۇ چۈشۈپ كىتىدۇ.

    كىسەللىك ۋاقتى بىر نەچچە ئايدىن، بىر قانچە يىلغا داۋام قىلىدۇ. بەزىدە چاچ چۈشكەن ئورۇنغا ئۆزلۈكىدىن چاچ ئۈنۈپ قالىدۇ. دائىرلىك چاچ چۈشۈش بولسا ھەرقايسى خىلىتلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ.

    شىپاخانىمىز 2000- يىلدىن باشلاپ بالنىست ۋە ئامبولاتورىيدە بولۇپ 155نەپەر دائىرلىك چاچ چۈشۈش بولغان بىمارلارنى داۋالاپ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق.

    تۆۋەندە داۋالاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

    1. كىلىنىلىق ماتىرىيال:

    دائىرىلىك چاچ چۈشكەن 155نەپەر بىماردىن ئەرلەر 98نەپەر بولۇپ، %63.2نى؛ ئاياللار 57نەپەر بولۇپ، %36.8نى ئىگەللەيدۇ. ياش جەھەتتە ئاساسى ياشلار بولۇپ، 35ياشتىن تۆۋەنلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

    قان بۇزۇلۇشتىن بولغىنى 24نەپەر بولۇپ (%15.5)، غەيرى تەبىئى بەلغەمدىن بولغىنى 78نەپەر (%50.3)، غەيرى تەبىئى سەۋدادىن بولغىنى 13نەپەر (%8.4)، غەيرى تەبىئى سەپرادىن بولغىنى 40نەپەر (%25.8) تەشكىل تاپىدۇ.

    2. داۋالاش ئۇسۇلى:

    ئالدى بىلەن بىمارغا قارىتا روھى پەرۋىش ئىلىپ بىرىپ، بىماردا كىسەلگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، داۋالاشقا قارىتا تولۇق ماسلىشىشچانلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەدەندە ناچار خىلىت پەيدا قىلغۇچى تاماقلاردىن چەكلەپ، كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرىلگەندىن كىيىن شىپاخانىمىز بىمارلارنىڭ مىزاجىغا ماسلاشتۇرۇپ دورا تەييارلاپ داۋالاش ئىلىپ باردۇق.

    155نەپەر بىمارغا ئالدى بىلەن بەدەندىكى بۇزۇلغان خىلىتلارنى تازىلاش ئۈچۈن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرىلگەندىن كىيىن مەخسۇس دورىلار بىلەن داۋالاش ئىلىپ باردۇق.

    1) قان بۇزۇلۇشتىن بولغان دائىرلىك چاچ چۈشكەن بىمارلارغا قاننىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن سەرپىستان، ئەينۇلا، تەمرى ھىندى، شاھتەرە، سىرىق ھىلىيلە، گاۋزىبان، چىلان قاتارلىق دورىلارنى 20gدىن ئىلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچكۈزۈلدى. چاچ چۈشكەن ئورۇنغا چاچ مىيى بىلەن مايلاپ، ئۇلاپ، ئىچىشكە ھەببى دائۇسسۆلەپ 7تالدىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ بىرىلىدى. چاچ مىيىنىڭ تەكىۋى: سىيادان يىغى، شاپتۇل مىغىزى، ئوسما سۈيى، يىلىم قاتارلىق دورىلاردىن تەييار قىلىنغان بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى چاچ ئۈندۈرۈش، چاچ چۈشۈشنى توختىتىش، باشتىكى كىپەكنى يوقۇتۇش مەخسىتىدە ئىشلەتتۇق.

    ھەببى دائۇسسۆلەپنىڭ تەكىۋى: ئەفتىمۇن 12g، سوقمونىيا 6g، ئەپسەنتىن 6g، ئەنزىرۇت 9g، سەبرى 30g، بىستى پايەنچ 6gئىلىپ دورىلارنى ئىزىپ، تاسقاپ قايناق سۇ بىلەن خىمىر قىلىپ ھەب ياسىلىدۇ. ئىشلىتىلىشى ئاساسلىقى چاچ ئۈندۈرۈش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش مەخسەت قىلىنىدۇ. بۇ دورىلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئىتىرفىل كەشنىز، ئىتىرفىل كەبىر قاتارلىق تەييار دورىلارنى بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كۈنىگە ئۈچ ۋاخ g10دىن بىرىلدى.

    2) غەيرى تەبىئىي بەلغەمدىن بولغان دائىرلىك چاچ چۈشۈش بولغان بىمارلارغا كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش ئۈچۈن بىخ بادىيان، بىخ كاسىنى، بىخ كەرەپشە، ئۇستىقۇددۇس، بادىيان، پىرسىياۋۇشان، بىخ سۇس، ئىزخىر قاتارلىقلار g21دىن، ئەنجۇر قىقىنى g30، ئۈزۈم g15، قىزىل گۈلقەنت g12 ئىلىپ، تېخنىكولوگىيە قائىدىسى بويىچە شەربەت تەييارلاپ بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈندە ئۈچ ۋاخ ھەر قىتىمدا 100~60mlغىچە ئىچكۈزىلىدۇ. ۋاقتى 13~9 كۈنگىچە بولىدۇ. ماددا پىشقاندىن كىيىن سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن مۇسھىل بەردۇق. پىرسىياۋۇشان، قىزىلگۈل، رۇم بادىيان g10دىن، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، ئاقلانغان بىخ سۇس g15دىن، ئەنجۈر قىقى، سانا، تەرەنجىبىللەرنى ml500 قايناق سۇغا 8سائەت چىلاپ دورىلارنىڭ تەمى چىققاندا سۈزىۋالىمىز. باشقا دورىلارنىڭ ئۇرۇق، يىلتىزلىرىنى چالا سوقۇپ 1500ml سۇغا 8سائەت چىلاپ يەڭگىل ئوتتا قاينىتىپ 750mlسۈيى قالغاندا، سۈزۈپ تاتلىقى ئىلىنغان دورا سۈيىنى قوشۇپ قىزىلگۈلقەنتنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە ئابدىمىلىك بادام يىغى قۇيۇپ تەييار قىلىنىدۇ.

    بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن 100~50ml غىچە تاماقتىن كىيىن ئىسسىق ئىچكۈزىلىدۇ.

    بىمارنىڭ بەدىنى تازلىنىپ، لايىقلاشقاندا ئىچىشكە ھەببى دائۈسسۆلەپ 7تالدىن كۈنىگە 3ۋاخ بىرىلىدۇ. سىرىتتىن چاچ مىيى، تۇخۇم يىغى قاتارلىقلار كۈنىگە ئىككى ۋاخ مايلاپ ئۇلاپ بىرىلدى. بەدەننى كۈچلەندۈرۈش مەخسىتىدە ماددەتول ھايات، ئامىلەنۇش قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ g10 دىن بىرىلدى.

    3) غەيرى تەبىئىي سەۋدادىن بولغان دائىرلىك چاچ چۈشۈش بىمارلارغا قارىتا ئۇستىقۇددۇس، گاۋزىبان ھىندى، بادرەنجى بۇيا، پىرسىياۋۇشان، شاھتەرە، بادىيانلار g10دىن، ئاقلانغان بىخ سۇس، سەرپىستانلار g15دىن، چىلان g30، تەرەنجىبىن g60 تەييارلاش، يىلتىز، ئۇرۇق، دورىلارنى چالا سوقۇپ 1500mlسۇ بىلەن بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ يەڭگىل ئوت بىلەن 750mlسۇ قالغىچە قاينىتىپ تەرەنجىبىننى سىلىپ ئىرىتىپ، سۈزۈپ بىمارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ 100mlدىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ بىرىلدى. بىماردا ماددىنىڭ پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندە سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇسھىل تەييارلاپ بىرىلدى.

    گاۋزىبان، بارەنجى بۇيا، ئۇستىقۇددۇس، فىرسىياۋۇشان، ئارپا بىدىيان، شاھتەرە g10دىن ئاقلانغان بىخ سۇس، سەرپىستانلار g15دىن، چىلان، ئەفتىمۇن، سانا، تەرەنجىبىنلەر g30دىن، خىيار شەنبەر g45، بادام يېغى 10ml، تەييارلاشتا ئەفتىمۇن، تەرنجىبىن، چالا سوقۇلغان خىيار شەنبەرلەرنى 750mlقايناق سۇغا 8سائەت چىلاپ تەمىنى چىقىرىمىز. باشقا ئۇرۇق، يىلتىز دورىلارنى چالا سوقۇپ، 1500mlسۇغا 8سائەت چىلاپ، يەڭگىل ئوتتا 750mlقايناق سۇ قالغىچە قاينىتىپ سۈزۈپ تاتلىقى ئىلىنغان باشقا دورىلارنىڭ سۈيىنى قوشۇپ بادام يىغى ئارىلاشتۇرۇپ g300شىكەر قوشۇپ تەييار قىلىنىدۇ. بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن 200~150mlگىچە كۈنىگە ئىككى ۋاخ بىرىلىدى. بىمارنىڭ بەدەندىكى غەيرى تەبىئىي سەۋدا سۈرۈلۈپ بەدىنى تازىلانغاندا، ھەببى دائۈسسۆلەپ 7تالدىن ئۈچ ۋاخ بىرىلدى. سىرىتتىن چاچ مىيى، سىيادان مىيى قاتارلىق مايلار كۈنىگە ئىككى ۋاخ ئالماشتۇرۇپ ياغلاپ ئۇلاندى.

    مۇرەككەپ دورىلاردىن سۇپۇپى ھىلىيلە سىيا، مەجۇنى شەيىپ، ئىتىرفىل كەبىر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالىغا قاراپ g10دىن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ بىرىلدى.

    4) غەيرى تەبئىي سەپرادىن بولغان دائىرلىك چاچ چۈشۈش بىمارلارغا قائىدە بويىچە يۇقارقىدەك داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدى. ئۇلارغا قائىدە بويىچە مۇنزىج، مۇسھەل بىرىپ بىمارنىڭ بەدىنى لايىقلاشقاندىن كىيىن ھەببى دائۈسسۆلەپ، ئىتىرفىل كەشنىز، شەربىتى بۇزۇرى قاتارلىق دورىلار مۇۋاپىق مىقداردا بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈنىگە ئۈچ ۋاخ بىرىلدى. سىرىتتىن چاچ مىيى، مەلھىمى ئەمرازلار بىلەن ياغلاپ بىرىلدى.

    داۋالاش جەريانىدا تىرە تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ، چاچنى پاكىزە يۇيۇپ تۇرۇش، ھەر قىتم مايلاشتىن بۇرۇن باشنىڭ تازلىقىنى پاكىزە ئىشلەش، ھەركۈنى 5~10مىنۇت تەكرار ئۇلاش ئىلىپ بىرىلدى.

     

    3. داۋالاش نەتىجىسى

    يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە داۋالىغىنىمىزدا 155نەپەر بىمارنىڭ ساقايغىنى 82نەپەر بولۇپ %52.9 . كۆرىنەرلىك ياخشىلانغىنى 48نەپەر بولۇپ %30.9 . ئۈنۈمى كۆرۈلگىنى 17نەپەر %11 . ئۈنۈمى بولمىغىنى 8نەپەر%5.2 . ئومومىي ئۈنۈم بىرىش نىسپىتى %94.8گە يەتتى.

     

    4. مۇھاكىمە

    دائىرىلىك چاچ چۈشۈش كىسىلى بەدەندە خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشىدىن پەيدا بولغان كىسەللىك بولۇپ، بۇنى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش نەزەرىيسى بويىچە بەدەندە بۇزۇلغان غەيرى تەبىئىي ماددىلاردىن مۇنزىج، مۇسھىل ئىشلىتىپ بەدەننى تازىلاپ، تەبىئى مىزاجىغا كەلتۈرگەندىن كىيىن بىمارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مەخسۇس دورىلارنى تەييارلاپ داۋالىغاندا كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

    داۋالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا دائۇسسۆلەپ بىمارلارنى مىزاج تەلىماتى بويىچە ئايرىماي، داۋالىغانغا قارىغاندا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ داۋالاش نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلىپ، مىزاج تەلىماتى بويىچە ئايرىپ مۇزىج مۇسھىل بىر داۋالىغاندا ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ ئۈنۈم بىرىش نىسپىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتەرگىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

    شىپاخانىمىز 3يىلدىن بۇيان دائىرلىك چاچ چۈشۈش كىسىلىگە مەخسۇس تەتقىق ئىلىپ بىرىپ، بىمارلارنىڭ مىزاجىغا ئاساسەن دورىلارنى لايىقلاشتۇرۇپ، يۇقارقىدەك ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. كەسىپداشلارنىڭ بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۈمد قىلىمىز.

    بۇ تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغاچقا ، ئۇيغۇر تېببىي تورىدىن يۆتكەپ كېلىندى.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": چاچ دورا
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!