www.4tadu.com
  • چاچنى بويايدىغان بوياقلار - [تېرە كىسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/83616540.html

     

    بىز ئالدىنقى ماۋزۇدا (مەزكۇز كىتابتىكى)سۆزلىگىنىمىزدىكىدەك ، بازاردا سېتىلىدىغان چا بوياقلىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا سەلبىي تەسىرلىرى بار.شۇڭا چاچنى بوياشقا ھاجەتمەن كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن ، ئۆسۈمۈكلەردىن ياسىلىدىغان بىر قىسىم بوياقلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    ئاقارغان چاچنى قارايتىدىغان بوياقلار

    بىرىنچى: بىر ھەسسە خېنىگۈلنى سوقۇپ، ئۈچ ھەسسە ئوسما ياپرىقىنى يانجىپ ، ئىككىسىنى بىللى دۆۋىلەپ  قويۇپ ، سۇماق سۈيى ياكى ئانار دانىلىرىنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن نەملەپ چاچقا سۈركەپ ،2-3 سائەتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

    ئىككىنچىسى : بىر قىسىم توغرالغان تۇرۇپنى كۆك ياڭاق پوستىنىڭ سۈيىگە چىلاپ چاچقا سۇۋاش لازىم.

    ئۈچىنچىسى: ھاك بىلەن مۇدارسەنگىنى سۇدا قاينىتىپ ، مەزكۇر سۇغا ئازراق يۇڭنى چىلاپ چاچقا سۈرسىمۇ بولىدۇ(لېكىن بۇ دورىلارنىڭ باش تېرىسىنى غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك ، دىققەت قىلىپ چاچنى پاكىز يۇيۇۋېتىش لازىم).

    تۆتىنچىسى: قاينىتىلغان ھاك ۋە مۇدارسەنگى سۈيىگە ئوسما بىلەن خېنىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋالسا بويىقى قېنىقراق بولىدۇ.(دىققەت : ھەر قانداق بوياق ماددىسىغا بىر قىسىم مىخدارچىن ۋە قەلەمپۇرنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇۋەتسە ، مەزكۇر بوياقنىڭ مېڭىگە بولغان ناچار تەسىرىنى ئازايتىدۇ، بوياقنى قېنىقلاشتۇرىدۇ.

    بەشىنچىسى: 30 گرام موزىنى زەيتۇن يېغىدا ، ئەگەر زەيتۇن يېغى تېپىلمىسا باشقا ئۆسۈملۈك مايلىرىدا كۆيگۈچە قورۇپ،ئاندىن سوقۇپ ئۇنىڭغا 45گرام زەمچە، 21 گرام ئاق تۇز،15 گرام كەتىرانى ئارىلاشتۇرۇپ،ئىسسىق سۇدا يۇغۇرۇپ چاچقا ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ. بەزىلەر بۇنىڭغا ئوسما ، خېنە ۋە سوقۇلغان قەلەمپۇرلارنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى كۆرسەتكەن.ئالتە سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن چەلەڭنىڭ ھۆل يۇپۇرمىقىنى سىقىپ بوياقنى قۇرۇتماسلىق، كېيىن يۇيۇپ تاشلاش كېرەك. ئەگەر ئوسما بىلەن خېنىنى سۇغا چىلاپ ئاپتاپقا قويۇپ ، سۈيى رەڭ ئالغاندىن كېيىن مەزكۇر دورىلارنى شۇ سۇدا يۇغۇرۇپ بوياق قىلسا تېخىمۇ ئوبدانراق بولىدۇ.(ئوسما بىلەن خېنىنى قاينىتىپ ، سۈزۈپ سۈيىگە مەزكۇر دورىلار سېلىنسا خۇددى ئاپتاپتا قويغاندەك بولىۋېرىدۇ).

    ئالتىنچى: ئىككى ھەسسە ئوسما، زەمچە ، تۇز ، كۆيدۈرۈلگەن موزا ۋە ئۇششاق تالقانلانغان تۆمۈر دېتىنى بىرلەشتۈرۈپ ، سىركىدە ھۆللەپ چاپسىمۇ بولىدۇ. سىركىنىڭ ئورنىغا تۇرۇنجى(ئاپلىسىن) نىڭ سىققان سۈيى قۇشۇلسا تېخىمۇ ياخشى.

    يەتتىنچى: قاراگۈلنىڭ ئۆزى ۋە يۇپۇرمىقىنى  ئېلىپ ئاغزى چوڭ شېشىگە سېلىپ بىر قات يۇپۇرماق، 33گرام سوقۇلغان زەمچە ، بىر قات يۇپۇرماق ، بىر قات زەمچە سېلىپ 500گرام يۇپۇرماق 33گرام گرام(330گراممىكىن دەيمەن) زەمچىنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئاغزىنى بىكىتىپ ئات قىغىغا 40 كۈن كۈمۈپ پۇشۇرسا ناھايىتى ياخشى بوياق ھاسىل بولىدۇ.

    سەككىزىنچى: پىشمىغان قاپاقنى پىلىكىدىن ئۈزمەي تۇرۇپ ، بىر يېرىنى تىشىپ ئىچىگە ئۇندەك تالقانلانغان  تۆمۈر دېتى ۋە قەلەمپۇرنى سېلىپ ، كەسكەن قىسمىنى ئۆز يېرىگە قويۇپ لاي بىلەن چاپلاپ 40 كۈن ئۆز پىلىكىدە  ئۆستۈرۈلسە ناھايىتى ياخشى بوياق بولۇپ چىقىدۇ.

    توققۇزىنچى: ئاقىرىپ كەتكەن چاچ ساقالنى سېرىقلىقتىن خالىي قىلىش لازىم بولسا ، تۇرۇپنى ئۇششاق توغراپ ، سۈيىنى سىقىپ مەزكۇر سۇنى مويغا سۈركەپ يېتىپ ئەتىسى پاكىز يۇسا موي ئاقىرىپ كېتىدۇ.

    ئونىنچى: لىمۇن سۈيىنى ياكى گۇلاپقا ئېزىلگەن كاپۇرنى مويغا سۈركەپ ، ئەتىسى يۇيۇپ تاشلىسىمۇ موي سۈزۈك، ئاق ھالەتكە كېلىدۇ.

    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمى ساۋاتلىرىدىن.

    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى

     

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": چاچ سۇ باش
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!