www.4tadu.com
  • قەھۋە ھەققىدە كىچىككىنە سۆز - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/83337079.html

    قەھۋە ھەققىدە كىچىككىنە سۆز

    قەھۋە (كافى) قەھۋە دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئېلىنغان خورما رەڭلىك تالقان بولۇپ. ئۇنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن %3.19 سۇ، %12.05 ئازوتلۇق ماددىلار، %15.63 ياغ، %1.32شېكەر،%38.41 ئازوتسىز بىرىكمىلەر،%3.75 مېنىرال تۇزلار،%1.38 كوففىئىن ۋە باشقا تەركىبلەر بار. ئۇنىڭدا كوففىئىن بولغانلىقتىن قەھۋە ئىچكەن كىشىلەرگە ئەسەبلەرنى قوزغاتقۇچى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     كىشىلەر قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن ئازراق خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، يۈرەك قان تۇمۇر ھەرىكىتى تىزلىشىدۇ. ھاردۇقى چىقىدۇ. لېكىن بۇنى كۆپ مىقداردا ئىچسە ئەكس تەسىر قىلىدۇ. قەھۋەنىڭ زىيانلىق تەركىبلىرىمۇ چايغا ئوخشايدۇ. ياۋروپا ، ئامرىكىلىقلار قەھۋەنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ ۋە قايناتمايلا قىزىتىپ ئىچىدۇ. قەھۋەنىڭ يۈرەك ۋە ،مېڭىنى بىر ئاز قوزغاش خۇسۇسىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئەپيۈن، كۆكنار ۋە باشقا ئۇخلاتقۇچى، مەس قىلغۇچى نەرسىلەر بىلەن زەھەرلەنگەندە ، دورا قاتارىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر قەھۋەدىن شۇ مەقسەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان كوففىئىن دەيدىغان  غەرب تېبابەت دورىلىرى بار. قەھۋەنى ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا پۇت-قول تىترەيدىغان ، كۆپ سۆزلەيدىغان ، يۈرەك ھەرىكىتى تىزلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ ، مانا بۇ كوففىئىندىن زەھەرلىنىش دېيىلىدۇ.

     

    ھاياتلىق دەستۇرىدىن ئېلىندى.

    كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت تور خاتىرىسى  

     

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": قەھۋە يۈرەك
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!