-
تېببىي رىسالىلەردىن : سۇلار ھەققىدە بايان - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/83366598.html
تېببىي رىسالىلەردىن : سۇلار ھەققىدە بايان
ساپ ھاۋا سۈيى :
تەبىئىتى : ھۆل سۇغۇق.
خاسىيىتىلا تائامنى ئۆز جايىغا يەتكۈزىدۇ.
زەرىرى: كۈندە ئىچىش ئىچكىرىدىكى ھەزىم قىلىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسكەنجىبىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا شەربەتلەر بىلەن ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ.
ياش ۋە قار سۈيى:
تەبىئىتى: قۇرۇق سۇغۇق.
خاسىيىتى: ئىسسىق مىزاجلىقلار ، جىگەر زەئىپ بىمارلار ئۈچۈن قۇۋۋەت بولىدۇ.
زەرىرى: بەل ئاغرىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئىچىنى سۈرىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسسىقلىق دورىلار بىلەن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
بۇلاق سۈيى:
تەبىئىتى : سۇغۇق.
خاسىيىتى: ئىسسىق،جىگەرگە پايدىلىق، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلدۇرىدۇ.
زەرىرى: ئەسەبلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۈلقەنت شەربىتى، گۇلاپ ۋە بىدىمىشكى شىرىسى بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
يامغۇر سۈيى :
تەبىئىتى:ئازراق ئىسسىق .
خاسىيىتى: كۆكرەك ئاغرىقى ۋە يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
زەرىرى ئىسسىق مىزاجلىقلارغا زىيانلىقتۇر ۋە ئىسسىتمىلىق ئادەمگە زەرەر يەتكۈزىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەسەل بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىنسا بولىدۇ.
كارىز سۈيى:
تەبىئىتى : ھۆل سوغۇق.
خاسىيىتى: قۇلىنجى كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ.
زەرىرى: تەستە ھەزىم بولىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاينىتىپ ،سۇۋۇتۇپ ئاندىن ئىچىلىدۇ.
قايناقسۇ:
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
خاسىيىت: ئىچىنى يۇمشىتىدۇ ۋە مەيدىنى بەلغەمدىن بوشىتىدۇ.
زەرىرى : مەيدىنى بوشاشتۇرىدۇ، ھەزىم قۇۋۋىتىنى يوقىتىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىمار قۇستۇرۇلىدۇ.
شور سۇ
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خاسىيىتى: ئىچىنى ھەيدەيدۇ،قورساقتىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ.
زەرىرى: زەرىرى بەھەق ۋە قىچمە پەيدا قىلىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياغ قوشۇلغان شېرىن تائاملار بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
نېفىت كانىدا بولىدىغان سۇ
تەبىئىتى: ئىسسىق
خاسىيىتى: بەل ئاغرىقى ۋە بۇغۇم ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.
زەرىرى : كۆز نۇرىنى يوقىتىدۇ، باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالما شەربىتى بىلەن ئىچىلىدۇ.
تىللا ۋە كۈمۈش كانىدا بولىدىغان سۇ :
تەبىئىتى : مۆئدىتىل
خاسىيىتى: سەۋداغا پايدا قىلىدۇ.
زەرىرى : قاننى ئازايتىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قارا توخۇنىڭ تۇخۇمىغا گۈرۈچ ۋە سۈت قوشۇپ بىرگە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
كۆمۈر كانىدا بولىدىغان شۇ
تەبىئىتى: قۇرۇق سۇغۇق.
خاسىيىتى : مەيدىنى كۈچلۈك قىلىدۇ.قارا جىگەر(تال) ئىللىتىنى يوقىتىدۇ.
زەرىرى: قۇلۇنجى پەيدا قىلىدۇ ۋە سۈيدۈك كېلىشنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياغلىق ۋە شېرىن تائاملار بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
لايقا سۇ
تەبىئىتى:قۇرۇق سۇغۇق.
خاسىيىتى: پايدىسى يوق.
زەرىرى : قاننى ئازايتىۋېتىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۇلاپ ۋە مەستىكى بىلەن بىرگە ئىچىلىدۇ.
ئاچچىق سۇ
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خاسىيىتى: ئىچىنى يورغىلىتىدۇ ۋە بۇرۇن يولىنى ئاچىدۇ.
زەرىرى: بەدەننى ئەزگىن(مىسكىن) قىلىدۇ، قاننى بۇزىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىلان ۋە جىگدە بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ.
سېسىغان سۇ
تەبىئىتى: سۇغۇق ۋە ئېغىر.
خاسىيىتى: پايدىسىزدۇر.
زەرىرى : قاننى بۇزىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گۇلاپ ۋە مەستىكى بىلەن بىرگە ئىچىلىدۇ.
تۇرۇپ قالغان سۇ
تەبىئىتى: ئېغىر
خاسىيىتى: پايدىسى يوق.
زەرىرى: باشنى قايدۇرىدۇ.
زەرىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاينىتىپ سۇۋۇتۇپ ئىچىلىدۇ.
مۇھەممەد ئەت تېۋىپ ھارابىينىڭ مىزاج ھەققىدىكى رىسالىسىدىن.
ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش دەستۇرىدىن ئېلىندى.
كۆكيال ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى.
收藏到:Del.icio.us