-
تەكرار قىزىتىلغان ياغ ۋە راك كېسىلى - [تېببىي ئۇچۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329523.html
تەكرار قىزىتىلغان ياغ ۋە راك كېسىلى :
تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا ياغنى تەكرار قىزىتىش ۋە قىزىتىلغان ياغدا قورۇما قورۇپ ئىستىمال قىلىش راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىكەن . ئاساسلىق راك پەيدا قىلغۇچى ئامىللاردىن : فىزىكىلىق ئامىللار ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ، گامما نۇرى ، ئىئونلاشقان رادىئاتسىيە ، ئېكس نۇرى ، لازىر نۇرى ، ؛ خېمىيەلىك ئامىللاردىن ئارسىن ، بىنزول ، كوكىس مېيى ؛ جانلىق ئامىللاردىن ۋېرۇسلار ۋە باكتىرىيەلەر بار .
ئادەم بەدىنىدىكى يۇشۇرۇن ھالەتتىكى ئاكتىپلاشمىغان راك ھۈجەيرىلىرىدىكى راك گېنلىرى فىزىكىلىق ، خېمىيەلىك ۋە جانلىق ئامىللار تەسىرىدىن توساتتىن ئۆزگىرىپ ، ئەسلىدىكى نورمال گېنلار بىنورمال گېنلارغا ئۆزگىرىپ كەتكەچكە ، ئەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىلوگىيەلىك فونكىسسىيىسىنى تاماملايدىغان گېنلار ۋە شۇ گېنلار تۇرۇشلۇق ھۈجەيرىلەر نورمال فۇنكىسسىيەسىنى يوقىتىپ ، غەيرىي شەكىللىك ھالدا ، راك پەيدا قىلىدىغان ھۈجەيرە بولۇپ قالىدۇ .
تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا ، ھۈجەيرىنىڭ دېزىنفىكسىيەلىنىشى ، راكقا ئۆزگىرىشى تۆرەلمىلىك تەرەققىيات مەزگىلىدە بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن .
تەكرار قىزىتىلغان ياغدا قورۇما قورۇغاندا ياغ تەركىبى ھەم قورۇما تەركىبىدە فىزىكىلىق ، خېمىيەلىك ئۆزگىرىش بولۇشى ئېنىق . يەنە بىر جەھەتتىن ياغ تەكرار قىزىتىلغاندا دۇغلىشىدۇ ، تەدرىجىي سۈپىتى ، رەڭگى ئۆزگىرىدۇ . قىزىتىلىپ دۇغلاشقان ياغنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا راك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن . شۇڭا ياغنى تەكرار قىزىتىپ قورۇما قورۇشتىن ساقلىنىش ۋە بەك چۈچۈتۈۋەتكەن ياغنى ئىستىمال قىلىش كېرەك .
收藏到:Del.icio.us