-
2010-7-7 - [ئارىلاشما تېمىلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329522.html
قۇغۇن ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپلا قالماي ، جىگەرگە پايدىلىق ئىكەن
ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى خۇلاسىسىگە قارىغاندا ، ئادەمنىڭ ئىككى تەرىپى قانچىكى سىممىترېك بولسا ، شۇنچە ئەقىللىق بولىدىكەن . . سىممىترېك دەرىجىسى تۆۋەنلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدىكەن .
ئامرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، ئۇلار بەدەننىڭ ئېممۇنت سېستىمىسىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان گېن تەڭشىگۈچنى بايقىغان بولۇپ ، ھاياتلىق ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولغان بۇ گېن تەڭشىگۈچ ئادەمنىڭ ئېممۇنىت سېستىمىسىدىكى T لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن . بۇ بايقاش ئەيدىز ، بەدەن ئېممۇنىت كېسىلى ۋە زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ دورىسىنى ئىشلەشكە پايدىلىق ئىكەن .
گوللاندىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ياشانغانلارنىڭ تېنىدە ۋېتامىن D كەمچىل بولسا، مېتابولىزىم خاراكتىرلىك يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن .
كانادانىڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، بالىنىڭ بويىنىڭ ئېگىز - پاكارلىقى ئانىسىنىڭ ئادەت كۆرگەن يېشى بىلەن مەلۇم باغلىنىشلىقى بولىدىكەن . يەنى قىزلار قانچىكى بالدۇر بويىغا يەتسە ( ئادەت كۆرگەن ۋاقتى قانچىكى بالدۇر بولسا) تۇغقان بالىسىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى باشقا بالىلارنىڭكىدىن تېزرەك بولىدىكەن .
ئېغىر دەرىجىدە يېراقنى كۆرەلمەيدىغانلار بەك كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىۋەتسە ، كۆرۈش تور پەردىسى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن .
收藏到:Del.icio.us