-
2010-7-8 - [ئارىلاشما تېمىلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329524.html
پۇتنى ئىسسىق سۇغاچىلاپ يۇيۇش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ رولىمۇ ئوخشىمايدىكەن . ئەگەر بۆرىكىنى ئاسرىماقچى بولغانلار كەچ سائەت 9 لاردا پۇتىنى ئىسسىق سۇغاچ چىلاپ يۇيسا ، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدىكەن . چۈنكى بۇ چاغدا بۆرەكتىن ئۆتىدىغان ئوكسىگېىن بىلەن قاننىڭ مىقدارى نىسپەتەن ئاز بولۇپ ، پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇيسا ، بەدەننىڭ تېمپۇراتۇرىسى ئۆرلەپ ، تومۇرلار كېڭىيىپ ، قاننىڭ ئېقىشى تېزلىشىدىكەن .
ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، چېنىققاندا بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىلا چېنىقتۇرۇپ ، ئاستىنقى قىسمىنى چېنىقتۇرمىسا ، يۈرەك كېسىلى ئاسان قوزغىلىدىكەن . چۈنكى ، بەدەننىڭ قايسى قىسمى چېنىقتۇرۇلسا ، شۇ قىسمىنىڭ تۇمۇرلىرى كېڭىيىپ ، ئېقىپ كىرىدىغان قاننىڭ مىقدارىمۇ ئېشىپ بارىدىكەن . چېنىقتۇرۇلمىغان قىسىمدىكى تۇمۇرلار تارىيىدىكەن . بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ يۈرەككە چۈشىدىغان بېسىم تەبىئىيلا ئېشىپ كېتىدىكەن .
گېرمانىيەدىكى بىر تەتقىقات مەركىزى يېقىندا 11 تىپلىق دېئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان 12 گېننى بايقىغان بولۇپ ، بۇ نەتىجە 11 تىپلىق دېئابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى چۈشۈنىشكە ۋە ئۇنى داۋالاش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن .
ئاۋسترالىيە تەۋەلىكىدىكى جوڭگۇلۇق بىر ئالىم يېقىندا راك كېسىلىنى داۋالاشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىۋاتقان بولۇپ ، ئۇ راك ھۈجەيرىسىنى توسۇپ زەربە بېرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغان . بۇ ئۇسۇلدا دورا راك ھۈجەيرىسىگە كىرىپ ، راكنى يىلتىزىدىن بىۋاسىتە يوقىتىدىكەن ، ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ، ساغلام ھۈجەيرىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدىكەن
收藏到:Del.icio.us