يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 2 - 2011 ئىنكاسسىز
كونا، تارىخىي كىتابلارنى ساتىمىز، سېتىۋالىمىز 0998-2825798

ئاپتورى: ئۇنسۇرۇلمەئالى (پېرسىيە) خالتىدا نىمىلەر باركىن ؟

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمانجان مۇھەممەد (ئاخۇنباي)

شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشىرياتى

شىنجاڭ ئېلىكتىرون ئۈن-سىن نەشىرياتى

2010-يىلى3-ئاي 1-نەشىرى

2010-يىلى3-ئاي 1-بېسىلىشى

باھاسى: 30 يۈەن

ISBN: 9787546907130

سۆز بىشى:

«پەندنامە» ئىسلام دۇنياسىدا تەسىرى زور ئەسەردۇر. بۇ ئەسەردە ئەمەلىي ۋەز-نەسىھەتلەر ۋە ئىخچام ئىبارىلەر بىلەن قارىماققا ئىناق، مۇلايىم كۆرۈنىدىغان، ماھىيەتتە ساختىپەزلىك، ھىيلىگەرلىك، مۇغەمبەرلىك، ساختىلىق بىلەن تولغان دۇنيادا گۈزەل ئەخلاق تەرتىپلىرىنى قانداق ساقلاش، قانداق ياشاش مەسىلىلىرى مۇكەممەل بايان قىلىنغان، شۇنىڭدەك مەڭگۈلۈك ئۈستۈنلىك قازىنىشتىكى چارە-تەدبىرلەرنى تەدبىقلاشتىكى جاھاندارچىلىق تاكتىكىلىرى ئۆگىتىلگەن. «شائىرلار شاھى»، ئىرانلىق مەشھۇر ئۆلىما باھارىي: «پەندنامە» ئىجادىيىتىمگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئەسەر، مەن ئىپتىخار بىلەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى، ئۇ ـ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قامۇسى دېگەن. ئەنگىلىيەلىك تارىخشۇناس بوس سېكىن: «مۇبادا بىرى مەندىن، پارىسلار يازغان قايسى كىتاب ئەنگىلىيە ئوقۇرمەنلىرىنى ئەڭ قىزىقتۇرىدۇ؟، دەپ سوراپ قالسا، مەن شاھزادە ئۇنسۇرۇلمەئالىنىڭ مىلادىيە 1082-يىلى يازغان تۇرمۇش ئەخلاقى ۋە مىزانىغا دائىر كاتتا ئەسىرىنى كۆرسىتىمەن دىگەن.

بۇ كىتاب چىچەنلىك، پاراسەت، چارە-تەدبىر دۇردانىلىرى بىلەن تولغانكى، ئۇنىڭدىكى ھېكمەتلەر ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدۇ.

«پەندنامە» ئوي پىكىرىنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە دەللىكى بىلەن ئاللىبۇرۇن نەشىر قىلىنغان «ھېكمەتنامە»، «جاھاندارچىلىق دەستۇرى»، «ئەقىل-پاراسەت دەستۇرى» ،«پەزىلەتنامە»، «ئەنبىيانامە»، «ئىستىقامەتنامە»،«ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» دىگەن كىتابلاردىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىز قېلىشمايد. بەلكى ئۇلارغا قارىغاندا ئۇسلۇبى تىخىمۇ يېقىشلىق ۋە پاساھەتلىكتۇر. بۇ كۆپ رىيازەتلەرنى چەككەن جاھانكەزدى نۇسرەت ساھىبىنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن، يەنە كېلىپ ئوغلىغا بېغىزلىغان ئەسەردۇر. بىز بىر پەيلاسوپقا ئىشەنمىسەكمۇ ئېشەنمەيلى، لىكىن بىر دادىنىڭ پەند-نەسىھەتلىرىگە ئىشەنمەي ئامالسىزمىز .

بلوگىمىزغا چىقىرىلغان كىتاببلارنىڭ ھەممىسى قانۇنلۇق نەشر ئورۇنلىرى نەشر قىلغان كىتابلار بولۇپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن چىقىرىلدى ئەگەر تولۇق ئوقۇماقچى بولسىڭىز كىتابخانىدىن سېتىۋىلىپ ئوقۇڭ.

خەتكۈچلەر:


بۇ كىتابنى ئوقۇغان بولسىڭىز تەسىراتىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ .

无觅相关文章插件,快速提升流量