ئاپتورى: خالىد ھۈسەيىن خالتىدا نىمىلەر باركىن ؟
2010-يىلى 11-ئاي 1- نەشرى
2010-يىلى 11-ئاي 1-بېسىلىشى
باھاسى:45.00
تىراژى: 1-3000
ISBN:9787228139354
كىرىش سۆز
خالىد ھۈسەيىن 1965-يىلى كابۇلدا تۇغۇلغان ، كېيىن دادىسى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ سان خوسې شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان . ئۇ كالفورىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتىئاگو تېببىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ، ھازىر كالىفورنىيە ئىشتاتىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 2003-يىلى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارالىق بازىرى ئىتتىك رومانغا ئايلىنىپ ، قىرىق سەككىز دۆلەتتە خىلمۇخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇنىڭ 2007-يىلى مايدا نەشر قىلىنغان ئىككىنچى رومانى «مىڭ پارلاق قۇياش» يىگىرمە بەش دۆلەتتە خىلمۇخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇ بۇ ئىككى ئەسىرى بىلەن نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ، 2006-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئاگېنتلىقى ئۇنىڭغا «دوستلۇق ئەلچىسى» دېگەن نامنى بەرگەن . ئۇ يەنە «دەۋر» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان «2008-يىلىدىكى دۇنيا بويىچە تەسىرى ئەڭ زور يۈز كىشى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن .
«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق ئەسەردە مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان : ئافغانىستانلىق ئون ئىككى ياشلىق ئامىر بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى ھەسەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى . بىر قېتىملىق لەگلەك ئۇچۇرۇش مۇسابىقىسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەدىن كېيىن ئامېر ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ۋىجدان ئازابى تارتىپ ، ھەسەن بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ئەلىنى ئۆيدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ . ئۇزاق ئۆتمەي ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا ، ئامىر دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا قېچىپ كېتىدۇ.
ئامىر چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ھەر قەدەمدە ئۆزىنىڭ ھەسەنگە يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئامىر گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن ، ئايرىلغىنىغا يىگىرمە نەچچە يىل بولغان يۇرتى ئافغانىستانغا بېرىپ ، ئۆزىنىڭ بەختسىز دوستى ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولىدۇ ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن دوستى ھەسەن ئۇنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئىنىسى بولۇپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئامىر ئۆلۈپ كەتكەن ھەسەننىڭ ئوغلىنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىدۇ . بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ئامىر يەنە بىر قېتىم لەگلەك ئۇچۇرىدۇ…