يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئۆكتەبىر - 11 - 2011 2 ئىنكاسلىق

باھارىستان

ئاپتورى: ئابدۇراھمان جامىي

نەشىرياتتىن

ئىلمىي نۇجۇم، ئەدەپ-ئەخلاق، مۇزىكىغا ئائىت ئەسەرلىرى، لىرىك غەزەللىرى، «ھەپت ئەۋرەڭ» نەملىق يەتتە داستانى بىلەن كاتتا شۆھرەت قازانغان تاجىك-پارىس ئەدىبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مەسلەكدىشى ۋە دوستى ئابدۇراھمان جامىينىڭ «باھارىستان» ناملىق بۇ ئەسىرى ئەدەپ-ئەخلاققا ئەسەرلەر ئىچىدە يۇقىرى ئابروي قازانغان بولۇپ، ئەلىشىر نەۋايى بۇئەسەرنى «ھايات باھارىستانى ۋە نىجات نىگارىستانى» دەپ تەرىپلىگەن. جامىي بۇ ئەسەرنى ھىجرىيە 892-يىلى (مىلادىيە 1486/1487-يىللار) 65 يىشىدا ئۆز ئوغلى زىياۋۇددۇن يۈسۈپكە ئاتاپ يازغان. بۇ ئەسەر يېزىلغان پەيتتە شائىرنىڭ ئوغلى 10 ياشقا كىرگەنىدى. جامىيدىن كىيىن بۇ ئەسەر كۆپلىگەن شەرق مەمىلكەتلىرىدە دەرسلىك كىتابى سۈپىتىدە پارىس تىلى، ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ناھايىتى موھىم روللارنى ئوينىغان. كىتاب سەئىدى شىرازىينىڭ «گۈلىستان» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇسلۇبىدا يىزىلغان بولۇپ، سەككىز بابتىن ئىبارەت. ھەر بىر بابى «رەۋزە»، يەنى «باغ، چىمەنزار» دەپ ئاتالغان. ھەر بىر باغدا شۇ زاماندىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئادالەتكە ئۈندى
گۈچى دەۋەتلىرى، دانىشمەن، ھېكىم ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى، شېئىرىي پارچىلار، توغرىلىق، سېخىيلىق، مەرتلىك، ئالىيجاناپلىق ھەققىدىكى ئىبرەتلىك ھېكايەتلىرى… بايان قىلىنغان. مەخسۇس بابلاردا ھەزىل-مۇتائىبە، ھەجۋىي ھىكايە ۋە لەتىپىلەر، شېرىيەت، شائىرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار، تەلىم تەربىيە ھەققىدىكى ئىبرەتلىك مەسەللەر بىرىلگەن.

بۇ ئەسەر 18-ئەسىردىلا رۇس، نېمىس، ئىنگىلىز، فىرانسۇز ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

مۇندەرىجە

مۇقەددىمە  ……………………………………………………. 1

بىرىنجى باغ: دەرۋىشلەر ھەققىدە  ………………………………. 3

ئىككىنجى باغ: دانالار ھېكمىتى ھەققىدە  ………………………… 8

ئۈچىنجى باغ: شاھلىق ۋە ئادالەت ھەققىدە  ……………………… 25

تۆتىنجى باغ: ساخاۋەت ۋە كەرەم ھەققىدە  ………………………. 36

بەشىنجى باغ: دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ھەققىدە  ………………….. 45

ئالتىنجى باغ: مۇتائىبەت ھەققىدە  ………………………………. 58

يەتتىنجى باغ: شىئېر ۋە شائىرلىق ھەققىدە  ……………………… 73

سەككىزىنجى باغ: مەسەللەر  ……………………………………. 102

خاتىمە  ……………………………………………………….. 117

ئۆزبەگچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: روزىمۇھەممەد مۇتەللىپ

شىنجاڭ پەن-تىخنىكا نەشىرياتى

2011-يىلى 8-ئاي 1-نەشىرى

2011-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

فورماتى: 32  باسما تاۋىقى: 4.5

ھەممىسى: 132 بەت

باھاسى: 13.8 يۈەن (يۇمشاق مۇقاۋا)

ISBN: 9787546610092

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

خەتكۈچلەر:

بۇ يازمىغا ھازىرچە 2 تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    بۇ بېكىتىڭىز بەك چىرايلىق لاھىيەلىنىپتۇ. يېڭى ۋە كونا كىتاپلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرىڭىزدىن بەك سۆيۈندۈم.بولسا، مۇشۇنداق كىتاپ ھەققىدىكى بېكەتلەر كۆپلەپ قۇرۇلسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.

无觅相关文章插件,快速提升流量