يوللىغۇچى:كىتابپۇرۇش يوللانغان ۋاقتى:ئاپرېل - 14 - 2011 2 ئىنكاسلىق

شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ

شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ

ئاپتورى: نەزىرە مۇھەممەدسالىھ

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى

2004-يىلى1-ئاي 1-نەشىرى

2004-يىلى1-ئاي 1-بېسىلىشى

باھاسى: 16 يۈەن

تىراژى: 1-5000

ISBN: 9787228083534

ئاپتوردىن

مەن ئاخىرى بۇ كىتاپنى يېزىش قارارىغا كەلدىم.چۆمۈچنىڭ ئورنىغا قەلەمنى ئالدىم.رېئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ،تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم.ئاسمىنىمىزدا قىز-ئاياللارنىڭ  يۇلتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ.ئەدەپ بوستانىنىڭ زىبا غۇنچىلىرى،ئائىلە گۈلىستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى  سولۇشقا باشلاپتۇ.  شۇسەۋەپتىن بىر ئەلگە باش ،بىر قوشۇنغا سەركەردە بولغۇدەك يىگىتلىرىمىز ھەم سۆلىتىدىن ئايرىلاي دەپ قاپتۇ. بېغىمىز خازان بولمىسۇن،ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن،بالىلىرىمىز ئانىسىز بويۇن قىسىپ يۇرمىسۇن دەپ ئويلىدىم.چۈنكى ۋىجدانى مەسئۇلىيەت  ۋە  ئىمانى تەربىيە بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان  ئانىنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغان  كۈندىن باشلاپ  يېتىمدۇر.
ئانىلارنىڭ بۆشۈك تەۋرتكەن پاك قوللىرىدا مىللەت تەۋرەيدۇ.ئاياللارنىڭ قەلبى كىرلەشسە،بىر مىللەتنى كىر باسىدۇ.مەن چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگىنىمدە  رېئاللىقىمىزدىكى  نازۇك بىر مەسىلە مېنى ئويغا سالدى.بۇ يەردىكىسىمۇ ھەقىقەتەن  مەن  كۆرگەن مەر-مەر  شەھەرلەرگە  ئوخشاش ئاجايىپ تەرەققىيات-ئېگىز-ئېگىز بىنالار،ئەينەكتەك يوللار…   بىراق ،ئوخشىمايدىغىنى   بۇ يوللاردا كېتىۋاتقىنى  ئۆلۈكتىن پەرىقلەنمەيدىغان روھسىز چىرايلار،يول بويلىرىدا ئاياللارنىڭ ئەرزان پايپاقلىرىنى،ئىچ كىيىملىرىنى سېتىۋاتقان قەددى-قامەتلىك يىگىتلەر ،كۈندە  نەچچە قېتىم ئانىسىنىڭ  تاياق-دەشناملىرى ۋە  <دۆت> دەپ تىللاشلىرى ئىچىدە  خۈدۈكسىرەپ  ئۆسۈۋاتقان  بالىلار….
ئەرلەرنىڭ   بېشى چۈشۈپ،ئىززەت-ھۆرمىتى تۆۋەنلىگەن،ئەرلىك سالاھىيتى  ئۆز  ئورنىنى تاپمىغان جەمئىيەتتە  ئاياللار تەربىيەسى  تولىمۇ مۇھىم.ھەممىدە بىز ئاياللارنىڭ بىر كىشلىك مەسئۇلىيتى بار،چۈنكى بىز ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى.بالىلىرىمىزنى ئىشەنچ ۋە  ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى.شۇڭا ،توپا ئاستىدا ياتقان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئارقىلىق  تىرىك  ئانىلارنى ئويغىتاي  دېدىم.ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە  سۆيگەندە ،توپىدا ئويناۋاتقان  مىڭلاپ بالىلارنىمۇ  سۆيەي دېدىم.دىيارىمىزدا ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇشۇم،ئۆگەنگەن ئىلىملىرىم بىلەن  بۇ ئاددى  كىتاپنى تەييارلاپ،خەلقىمگە ئىچىمدىن كۆيەي دېدىم.
كىتاپتىكى ھەر-بىر ۋاراقتا ئاياللارغا ئۆرنەك بولغۇدەك ،ئىسلام تارىخىدىكى يول كۆرسەتكۈچى يۇلتۇزلار بار.كىتاپتىكى ھەر بىر ئايالدا ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللىرىغا،ھەمشېرلىرى ۋە قىزلىرىغا شەرمى-ھايا،ئىلىم ئەخلاق ئۆگەتكۈدەك خۇش خۇلۇقلار ،گۈزەل پەزىلەتلەر بار.بۇ  مېنىڭ سوۋغام،بۇ مېنىڭ .ئۈمىدىم،بۇ مېنىڭ مۇقەددىمە ئورنىدا دېمەكچى  بولغىنىم.

مەنبە : نەزىرە مۇھەممەد سالىھ يازغان « شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ» دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.  مەنبە: ئەردىل تور تۇراسى

بۇ يازمىغا ھازىرچە 2 تورداش پىكىر يازدى، سىزنىڭ پىكىرىڭىز يوقمۇ؟

  1. ئەلشات بلوگى مۇنداق يازغان:

    كەمىنىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويماپسىز غۇ ؟