باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6542 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: مۇنبەرداشلارغا مۇناجەت(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 14:26

مۇنبەرداشلارغا مۇناجەت(ھەمزە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2010-12-14)
                          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. بەزىسى مەخسۇس كومپىيوتېر ئۇگىنىش،ۋە ئۆگىتىش، بەزىلىرى پۇتبۇل مەستانىلىرى ئۇچۇن،يەنە بەزىلىرى شىئىر ،ھىكايە رومان دىگەندەك.
بىزنىڭ بۇ كەڭ ساي مۇنبىرى بولسا تېتىقسىز شىئىر،ھىكايە ،رومانلاردىن تۇلىمۇ يىراق . بۇ مۇنبەرگە يوللانغان تىمىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىدۇ.
كەڭ ساي مۇنبىرى تور تاقىلىپ ئېچىلغاندىن كىيىنكى ئىسلامىي تىمىلارنى يوللاشنى يولغا قۇيغان تۇنجى مۇنبەر. شۇڭلاشقىمۇ باشقا مۇنبەرلەرگە قارىغاندا بۇ مۇنبەردە ئىسلامىي تىمىلار بەكمۇ كۆپ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇنبەردە ئەركىنچىلىك ۋايىغا يەتكەن. ھەرقانداق بىر ئەزا ياكى بىر باشقۇرغۇچى ئويلىغىنىنى بىمالال دىيەلەيدۇ. كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ قۇرغىچىسىغىمۇ تىل تەككۇزىۋېرىدۇ. كەڭ سايمۇنبىرىنىڭ يامان گەپلىرىنىمۇ قىلىۋېرىدۇ. يەنە شۇنداقتىمۇ بۇ ئەزا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچىرمايدۇ. مانا بۇ كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ ناھايتى تىزلا دۆلەت سىرتىدىكىلەرگىمۇ تۇنۇلۇش  شەرپىگە نائىل بۇلۇشنىڭ سىرى.
مەخسەتكە كەلسەك. بىر قېرىندىشىمىز <قەبرە زىيارەت قىلىش سۈننەت> دەپ بىر تىما يوللاپتۇ.
بۇ تىمىنى يازغان كىشى ئۈزى شۇنداق قەبرە زىيارەت قىلىشنى تەشۋىق قىلىپتۇ ئەمما ئۈزى قەبرە زىيارەت قىلىدىمۇ يوق بۇنى بىر ئاللاھ ۋە شۇ تىمىنى يازغان كىشى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. جۇملىدىن مەنمۇ 23يىللىق ھاياتىمدا  ئاتايەن قەبرە زىيارەت قىلىشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ قەبرىستانلىققا بارغىنىم نەچچە ئون قېتىمغىلا يىتىدۇ.
بۇ تىمىنى يازغان كىشى نىمە مەخسەتتە يازدى؟  ئۇزىنىڭ پىكرىنى بازارغا سېلىش ئۇچۇنمۇ؟ ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ؟ يازغان بۇ تىمىسى باشقىلارنىڭ پايدىسىغا سەۋەپ بۇلامدۇ ياكى زەرەرىگىمۇ؟
........
 ئۇ تىمىدا دۇنيا ئالىملىرى ئىچىدىمۇ بىرلىككە كەلمىگەن ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى (بەزىلەر ئاياللارنىڭمۇ قەبرە زىيارەت قىلىشى دۇرۇس دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى مەكرۇھ دەيدۇ. ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردىن كەلگەن دەلىللىرى بار) توغۇرلۇقمۇ <كەسكىن> مۇنازىرە قىلىنىپتۇ. ئىمام مۇھەممەدغەززالىينىڭ بەزى<پەتىۋا>لىرى بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن <ئۇلۇغلار>نىڭ قەبرىلىرىنى ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ بېرىپ زىيارەت قىلىش. شۇنداق <ئۇلۇغ> كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرى بار يەر <بەركەتلىك> يەر بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇ قۇرلار ھەدىسلەرگە زىتتۇر.
مەلۇم بىر قەبرىستانلىقنى نىيەت قىلىپ ئۇلاغلىق،يۇك تاقىلىق ھالەتتە قەبرە زىيارەت قىلىش چەكلەنگەن. 
ئۇ تىمىدا ئادەمنىڭ قەبرىسى باشقىلار تەرپىدىن زىيارەت قىلىنمىسا شۇ قەبرى ئىگىسى زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇمۇ ھەدىسقا زىت. رەسۇلۇللەنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ جەسىتى دېڭىزلاردا قالغان. بۇلارنىڭ مۇئەييەن قەبرىسى يوق. بۇلار نى زىيارەت قىلغۇچىمۇ ھەم يوق. بۇلار مۇشۇ سەۋەپلىك زىيانغا ئۇچراپ كىتەرمۇ؟
بۇ قېرىندىشىمىز تىمىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. قەبرە زىيارەت قىلىشنى ھېچكىم چەكلىمەيدۇ. بەلكى قەبرىستاندا مازار-ماشايىخلاردىن،روھلاردىن، پىرلاردىن ياردەم تىلەش ئۇچۇن  قبەرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەيدۇ. بۇ نىيەت بىلەن قەبرىستانلىققا بېرىش شىرىكلىكتۇر. 
ئەگەر ئۇنداق بولماي رەسۇلۇللەنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە قەبرىستانلىققا بارسا ئەجىرگە ئىرشىدۇ. بۇ قېرىندىشىمىز تىمىسىدا يەنە <مۆمىن كىشى قەبرە ئىگىسىدىن ئۇمىدىنى ئۈزمەيدۇ> دىگەن. بۇ نىمە مەنانى بىلدۇرىدۇ؟
قانداق ئۇمىدنى ئۇزمەيدۇ.  ئادەم ئۆلسە ئۇنىڭدىن ياخشىلىق ۋە يامانلىق پەقەتلا كەلمەيدۇ.  شۇنداق تۇرۇقلۇغ ئۇلۇكلەردىن يەنە نىمە ئۈمىد كۇتكىلى بۇلىدۇ. بۇ سۆز شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇلۇك ئادەمدىن ھېچنەرسىدىن ئۇمىد كۇتكىلى بولمايدۇ.
بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تىمىسىدا توغرا بىلەن خاتا ئارلىشىپ كەتكەن. قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇسا بۇلىدۇ دىگەن سۆزلەرنىمۇ بازارغا سېلىپ يۇرگەن. بۇنىڭغا دەلىل قىلىپ ئاجىز ھەدىسلەرنى كەلتۇرگەن شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا دىگەن تىمىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 
مەن ئىختىلاپلىق تىمىلارنى يازماسلىقنى ئۈزۈمگە لازىم تۇتقان. ئەمما بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تىمىسىنى كۆرۇپ مەنمۇ ئىختىلاپلىق(ئەمەلىيەتتە ئەھلى سۇننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسىدىكىلەردە قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇشنىڭ خاتالىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ يوق بۇ ئادرىستىن تەپسىلاتىنى كۈرۈڭ. http://www.islamqa.com/ug/ref/9979
) تىما بولغان قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا دىگەن تىمىنى يازدىم.
ئىسلامىي تىما يازغۇچى قېرىنداشلار. ئىسلامدا بىرلىشىش پەرز. رەسۇلۇللە تەپرىقچىلىق بولمىسۇن ئۇچۇن ئۈزىگەئاشكارا دۇشمەنلىك قىلغان مۇناپىق ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي نى ئۆلتۇرۇشنى رەت قىلغان.  بۇ مۇنبەردە ئىختىلاپ بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى. بىرىڭلار سوپى دەيسىلەر بىرىڭلار ۋەھھابىي دەيسىلەر. ئاخىردا ئاغىزىڭلارنى سەت بۇزۇپ تىللىشىسىلەر. ئادەمنىڭ ئېغىچىدىن چىقمايدىغان سەت گەپلەرنى قىلىسىلەر. يەنە سۇنداقتىمۇ مۇسۇلمانبىز دەپ يۇرۋاتىسىلەر. رەسۇلۇللە بىر ھەدىسىدە مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش كاپىرلىق،تىللاش پاسىقلىق دىگەن. ئەجەبا بۇ سۆزنى بىلمەمسىلەر. يەنە تېخى بىر-بىرىڭلارنى كاپىرغا چىقىرۋېتىسىلەر. خۇددى جەننەت ۋە دۇزاخنىڭ ئاچقۇچى قۇلۇڭلاردا باردىكىدەك...
ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى. ھەممىمىزئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلاتلىرى، ھەممىمىز بىر مىللەت بىر دىندا بىر تىلدا . شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمىشقا ئۇرشۇسىلەر؟ مۇنازىرەڭلاردا دەلىل بىلەن مۇنازىرلەشسەڭلار بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە سەۋەب بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما دەلىل كەلتۇرەممەي تىللىشىش بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس.  رەسۇلۇللە مۇناپىقنىڭ خىسلىتىنى بايان قىلىپ <تىللاشقاندا ئاغىزىنى بۇزىدۇ> دىگەن بۇ سۆزنى مۇناپىقنىڭ خسلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خوش.... سۈزۈم ئۇزراپ كەتتى.
ئەمدى پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر تىما قىلىپ يوللانمىسا، ئەگەر بۇنداق تىما يوللىنىپ قالسا باشقۇرغۇچى تەستىقلىمىسا .....
ئۇنى دىمىسەكمۇ بىز شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىختىلاپىي مەسىلىلەردە <كىڭەش> ئېلىپ بىرىشقا تېخى بالدۇر. ئاال يۇرەكتىكى كىسەلنى داۋالايلى،ئاندىن زۇكام ئۈزىچىلا ساقىيىدۇ. يۇرەكتە كىسەل تۇرۇقلۇق زۇكامغا دورا قىلىش تولىمۇ قارغۇلارچە ئىش قىلغانلىق.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت ئۇستىدە بىرلەشتۇرسۇن. ھەممىمىزنى تەپرىقچىلىقتىن يىراق قىلسۇن
دىنىم ئىسلام ئەقىدەم قۇرئان!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3845
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 990 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-15
ئاخىرقى: 2012-03-20

ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم؟
ئاللاھ يازغان قۇلىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ائمين.پىكرىڭىزنى قۇللايمەن. بۇلسا شۇ كىشى بۇ تىمىنى بىر كۇرۇپ ئىنكاس يازسا...............
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 15:14

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ناۋاتتەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.ئۆزۈڭدە بار بولغاننى ئۆزۈڭ قەرىدرلىمىسەڭ .ئۇنى ھىچكىم قدىر لىمەيدۇ. مۇشۇنداق ياخشى سورۇننى ئۆزىمىز بۇزغىلى ۋاتىمىز. ياخشى سورۇن يارىتىپ بەرگەنلەرگىمۇ تىل تەككۈزىۋاتىمىز...باشقا مۇنبەرلەرگە كىرىپ مۇشۇ يەردە قىلغان سۆزلىرىڭىزنى قىلىپ بىقىڭە  شۇزاماتلا خىيىڭىزنى توغۇرلايدۇ. ئۆزىمىزنى ھەم ئۆزگىنىمۇ ئايايلى.
ئەتە ئۈلۈم!
دەرتسىز ئىشەك ئىشقىسىز كىسەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2337 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-03
ئاخىرقى: 2011-12-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 15:24

مانا تىمىڭىزنى كۆردۇم ھەمزە ئەپەندى ،تىمىڭىزنىڭ ئاساسى مەخسىتى مىنى تەنقىت قىلىش ئىكەن ،نىمە سەۋەپتىن بۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى چۇشەنمىدىم ، مەن قانداقتۇر مۇنبەرگە پىتنى تېرىش ياكى بۆلگۇنچىلىك سېلىش  ياكى مەنمەنلىك قىلىپ ئۆزەمنى تۇنۇتۇش ئۇچۇن كىرمىگەن ، قارىغاندا مەن ئۇ تىمىنى ئويدۇرۇپ چىققان ئوخشايمەن ،مەن بىر ئەھلى تەسسەۋۋۇپ قاتارىدىكى ئۇزۇن يىل ئۇستاز تۇتۇپ شەرىئەت تەرىقەت مەرىپەت ،ھەقىقەت يوللىرىنى تازا ياخشى ئۆزلەشتۇرۇپ كىتەلمىگەن بولساممۇ براق ھەر ھالدا چۇشۇنۇپ تەپەككۇر قىلىپ ئايەت ھەدىسلەر بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ئىختىدارىم بار، قالايمىقان بىلمەستىن ئۆز ئالدىمغا تۇقۇپ گەپ قىلغىنىم يوق ، مەخسىتىممۇ ئاللاھ خالىسا بۆلگۇنچىلىك سېلىش ئەمەس ، مەن قەبرە يوقلاش سۇننەت ،دەپ تىما يوللاپ بولغۇچە سىز بىردەمدە ،قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇش خاتا دەپ تىمىدىن بىرنى چىقىرىپ ئۇلگۇرۇپسىز ، قېنى ھەقىقى ئىمانىڭىز بىلەن گەپ قىلىڭ ،قەبرە يوقلاش بىلەن قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇشنىڭ ئىككى يول ،ئىككى خىل مەخسەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نىمە ئۇچۇن بۇ تىمىنى ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم يوللاپ بولغان تۇرۇقلۇق يەنە بىر قېتىم چىقىرىسىز ، يا مەن قەبرىستانلىقتا  قۇرئان ئۇقۇش دۇرۇس دەپ تىما يازغىنىم يوققۇ تېخى، بۇنىڭ پەرقى بارلىقىنى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى بىلەلەيدىغۇ دەيمەن . سىزنىڭ مەخسىتىڭىز ،ئىختىلاپ تېرىش بولمىسا مۇشۇنداق مۇجتەھىت ئۇلىمالار ئايرىپ بولغان مەسىلىگە سىز يەنە نىمە دەپ پەتىۋا بىرىسىز ، نىمىشقا مەن يوللاشتىن بۇرۇن يوللىمايسىز ،سىزنىڭچە ئىختىلاپنى يەنە مەن يالغۇز تېرىپتىمەنما ، مەن بىر ئەھلى سۇننەت ۋەل جامائەت قاتارىدىن ئۇستازىممۇ ھەم شىنجاڭ دىيارىدا تۇنۇلغان ئەھلى شەرىئەت ،تەرىقەت ،مەرىپەت ،ئىلمىنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ تاماملىغان كىشى ، مەرھۇم ئۇستازىمىزنى ھەرقانداق بىر دىننى ئۇلىما ئالىم ھۆرمەتلەپ كەلگەن ،مەنمۇ ئاللاھ خالىسا ئۇستازىمىزنىڭ ئەقىدىسىدە شۇ يولدا ئازماي كىتىۋاتقانلىقىمغا ئىشىنىمەن ، نۇنداق دىسەم سەن قۇرئان سۇننەتكەئەگىشىپ ماڭماي ئۇستازىڭغا ئەگىشەمتىڭ دەيسەن ،سىزمۇ ھەقىچان دىننى بىلىملەرنى ئۇستازىڭىزدىن ئۇگەنگەن بولغۇيتىڭىز ، بۇنى ئارتۇقچە چۇشەندۇرۇپ ئولتۇرمىساممۇ چۇشۇنىسىز .  مەنمۇ ئاساسەن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىكى مازا ماشايىخلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ بولدۇم دەپ قارايمەن . نىيىتىمنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر ، سىزنىڭ قارىشىڭىزدا ئاشۇ بىزنىڭ شىنجاڭ دىيارىمىزدا ئىسلام ئېچىپ غەپلەتتە قالغان مۇسۇلمانلىرىمىزنى زالالەت يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ كاپىرلار بىلەن ئېلىشىپ ، ئۆزىنىڭ ھاياتى مال مۇلۇكى ،خۇتۇن بالىلىرى بىلەن يىساپلاشماي ،قان كىچىپ جەڭ قىلىپ بىزگە ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۇزگەن كىشىلىرىمىزنى ئەمدى بىز  مازا -ماشايىخلارنى يوقلاش بىدئەت دىگەن پەتىۋانى چىقىرىپ تاشلاپ قۇيدىغان گەپما ، ئەمدى ئۇلار كەتتى ،بىزنىڭ ئىشىمىز يوق ، بىزگە قۇرئان ،ھەدىس يىتەرلىك دەپ يۇغان يەردىن گەپ قىلىپ ، بىزگە ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۇزگەن ئاشۇ خۇدانىڭ دوسلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان گەپما . بۇ بىزنىڭ ھەقىقىتىمىزما ، توغرا مازا ماشايىخلاردىن شاپائەت تىلەش خاتا ، بۇنى ھېچ كىم توغرا دىمەيدۇ، بىراق ئاشۇ خۇدانىڭ ئارىف بەندىلىرىنىڭ ھەققى ھۆرمىتىدىن ئاجىزلىقىمىزنى خۇداغا تەڭلەپ گۇناھىمىزنىڭ مەغفىرەت بۇيلىشىنى تىلىسەك بۇنىڭ نەرى خاتا ،بۇ ھەرگىزمۇ مازا ماشايىخلاتدىن شاپائەت تىلەش بولمايدۇدە . بىزنىڭ ئاللاھ قا گۇناھىمىزنى تىلىگىدەك قانچىلىك ئەمەل ئىبادەتلىرىمىز بار بۇلۇپمۇ ھازىرقى زاماندا ، شۇڭا ئاللاھنىڭ دوستىنىڭ ھۆرمىتىدىن گۇناھىمىزنى تىلىسەك بۇنىڭ نەرى خاتا ، قۇرئان ئۇقۇشقا كەلسەك سىز بۇنى ئايەت ھەدىس بىلەن دىمىسەم قايىل بولمايسىز ، ئاللاھ خالىسا پات يېقىندا چىقىدۇ . ھازىر مۇشۇنچىلىك يازغاچ تۇراي سۆزلىسەم گەپ ئۇزۇراپ كىتىدۇ .  باشقا گەپلىرىڭىزگە كىيىن يەنە جاۋاپ يازىمەن .
ئوۋچىنىڭ قۇرالى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.!!!......؟
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 15:35

4(sawapkar)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

سەۋەپكار ئەپەندى.
مەن بۇ تىمىنى سىز بىلەن مۇنازىرلىشىش ئۈچۈن يازمىغان. سىز دىققەت قىلدىڭىزمىكىن سىزنىڭ تىمىڭىزغا يېزىلغان ئىنكاسلارنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىڭ بۇنىڭدا قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇسا بۇلىدۇ دىگەن ئىنكاسنى ھەم كۇرەلەيسىز.
سىز ئۈزىڭىز دىگەندەك ھەقىقى تەرىقەتچى بولسىڭىز ھەدىس ئىلمىنىمۇ ئۇەىنىۋېلىڭ. مەن سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزغا قارتا رەددىيە بەرمەيمەن. مىنىڭ مەخسىتىم   بىرلىكنى ساقلاش.............
دەرتسىز ئىشەك ئىشقىسىز كىسەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2337 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-03
ئاخىرقى: 2011-12-18
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 15:42

مەخسىتىڭىز بىرلىكنى ساقلاش بولسابولسا ياخشى ، بىراق ھەقنى يەتكۇزۇشتە بۇنداق ئىختىلاپلاردىن ساقلىنىش ئاسان ئەمەسكەن بىز پەقەت يەتكۇزۇپ قۇيىمىز قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ئىختىيارى .  توغرا مەن قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇسا بۇلىدۇ دەيمەن بۇ توغۇرلۇق پات ئارىدا دەلىل بىلەن تىما يېزىلىدۇ .
ئوۋچىنىڭ قۇرالى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.!!!......؟
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 852
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە852دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 10590 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-03-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 15:43

ئاجىز،زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق توقۇلىدىغانلىقىنى بىلگەندەك بولدۇم.
رەھمەت ياخشى بۇرادىرىمىز ھەمزە.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دەرتسىز ئىشەك ئىشقىسىز كىسەك
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2625
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 161
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە161دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 2337 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-03
ئاخىرقى: 2011-12-18
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 16:07

ئىشلىتىش
引用第7楼general于2010-12-12 15:43发表的 :
ئاجىز،زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق توقۇلىدىغانلىقىنى بىلگەندەك بولدۇم.
رەھمەت ياخشى بۇرادىرىمىز ھەمزە.


شۇنداقمۇ ، سىىز ئاجىز ، زەئىپ دەپ بۇلۇپ يەنە تۇقۇلما دەپسىز  گەپلىرىڭىزنىڭ تۇتامى يوقمۇ قانداق ، بۇ گىپىڭىزدىن سەن كەلتۇرگەن ھەدىس يالغان دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس . گەپنى ئويلاپراق قىلىڭ گېنىرال ئەپەندى . بىكار مۇرتەت بۇلۇپ گۇناھكار بۇلۇپ قالماڭ ، مەن قالدۇرغان مەنبەگە قاراپ بېقىڭ ئاشۇ كىتاپلار دا يالغان ھەدىس بارمىكەن . بەت سانىلىرىدىن تارتىپ دەپ بەرسەم ئاندىن ئىشىنىدىغان ئوخشىمامسىز .
ئوۋچىنىڭ قۇرالى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن.!!!......؟
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2425
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2425دانە
ئۆسۈش: 5210 %
مۇنبەر پۇلى: 28616 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-26
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 16:12

/read.php?tid=6925&u=181
(يۇمشاق دىتال) ئاللاھنىڭ 99 ئىسىملىرى ۋە مەنىسى ...  

  بۇ يۇمشاق دىتالنى چۈشۈرۋىلىڭلار بۇرادەرلەر
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 16:38

ئىشلىتىش
引用第6楼sawapkar于2010-12-12 15:42发表的 :
مەخسىتىڭىز بىرلىكنى ساقلاش بولسابولسا ياخشى ، بىراق ھەقنى يەتكۇزۇشتە بۇنداق ئىختىلاپلاردىن ساقلىنىش ئاسان ئەمەسكەن بىز پەقەت يەتكۇزۇپ قۇيىمىز قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ئىختىيارى .  توغرا مەن قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئۇقۇسا بۇلىدۇ دەيمەن بۇ توغۇرلۇق پات ئارىدا دەلىل بىلەن تىما يېزىلىدۇ .


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەپەندىم مىنىڭ مەقسىتىمنى يەنىلا چۇشەنمىگەندەك قىلىسىز. سىز يەنە قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش توغۇرلۇق بىر نەرسە يازىمەن دەپسىز. سىز ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردىن باشقا تىما يازالمامسىزئ تەۋھىد توغۇرلۇق تىما يېزىش قۇلىڭىزدىن كەلمەمدۇئ
ئىسلامىي ئەخلاق توغۇرلۇق تىما يېزىش قۇلىڭىزدىن كەلمەمدۇ؟
ئەگەر سىز قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش توغرا دەپ تىما يازسىڭىز قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا دەپ تىما يوللىنىشى مۇمكىن. شۇڭا سىزگە ئۇ تىمىا توغۇرلۇق توختالماسلىقىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن