باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6559 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇنبەرداشلارغا مۇناجەت(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 30 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 14:26

مۇنبەرداشلارغا مۇناجەت(ھەمزە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ھەمزە تەرىپىدىن ئىلگىرلىتىلدى(2010-12-14)
                          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. بەزىسى مەخسۇس كومپىيوتېر ئۇگىنىش،ۋە ئۆگىتىش، بەزىلىرى پۇتبۇل مەستانىلىرى ئۇچۇن،يەنە بەزىلىرى شىئىر ،ھىكايە رومان دىگەندەك.
بىزنىڭ بۇ كەڭ ساي مۇنبىرى بولسا تېتىقسىز شىئىر،ھىكايە ،رومانلاردىن تۇلىمۇ يىراق . بۇ مۇنبەرگە يوللانغان تىمىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىدۇ.
كەڭ ساي مۇنبىرى تور تاقىلىپ ئېچىلغاندىن كىيىنكى ئىسلامىي تىمىلارنى يوللاشنى يولغا قۇيغان تۇنجى مۇنبەر. شۇڭلاشقىمۇ باشقا مۇنبەرلەرگە قارىغاندا بۇ مۇنبەردە ئىسلامىي تىمىلار بەكمۇ كۆپ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۇنبەردە ئەركىنچىلىك ۋايىغا يەتكەن. ھەرقانداق بىر ئەزا ياكى بىر باشقۇرغۇچى ئويلىغىنىنى بىمالال دىيەلەيدۇ. كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ قۇرغىچىسىغىمۇ تىل تەككۇزىۋېرىدۇ. كەڭ سايمۇنبىرىنىڭ يامان گەپلىرىنىمۇ قىلىۋېرىدۇ. يەنە شۇنداقتىمۇ بۇ ئەزا ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچىرمايدۇ. مانا بۇ كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ ناھايتى تىزلا دۆلەت سىرتىدىكىلەرگىمۇ تۇنۇلۇش  شەرپىگە نائىل بۇلۇشنىڭ سىرى.
مەخسەتكە كەلسەك. بىر قېرىندىشىمىز <قەبرە زىيارەت قىلىش سۈننەت> دەپ بىر تىما يوللاپتۇ.
بۇ تىمىنى يازغان كىشى ئۈزى شۇنداق قەبرە زىيارەت قىلىشنى تەشۋىق قىلىپتۇ ئەمما ئۈزى قەبرە زىيارەت قىلىدىمۇ يوق بۇنى بىر ئاللاھ ۋە شۇ تىمىنى يازغان كىشى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. جۇملىدىن مەنمۇ 23يىللىق ھاياتىمدا  ئاتايەن قەبرە زىيارەت قىلىشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ قەبرىستانلىققا بارغىنىم نەچچە ئون قېتىمغىلا يىتىدۇ.
بۇ تىمىنى يازغان كىشى نىمە مەخسەتتە يازدى؟  ئۇزىنىڭ پىكرىنى بازارغا سېلىش ئۇچۇنمۇ؟ ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ؟ يازغان بۇ تىمىسى باشقىلارنىڭ پايدىسىغا سەۋەپ بۇلامدۇ ياكى زەرەرىگىمۇ؟
........
 ئۇ تىمىدا دۇنيا ئالىملىرى ئىچىدىمۇ بىرلىككە كەلمىگەن ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى (بەزىلەر ئاياللارنىڭمۇ قەبرە زىيارەت قىلىشى دۇرۇس دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى مەكرۇھ دەيدۇ. ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردىن كەلگەن دەلىللىرى بار) توغۇرلۇقمۇ <كەسكىن> مۇنازىرە قىلىنىپتۇ. ئىمام مۇھەممەدغەززالىينىڭ بەزى<پەتىۋا>لىرى بىلەن بۇرۇن ئۆتكەن <ئۇلۇغلار>نىڭ قەبرىلىرىنى ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ بېرىپ زىيارەت قىلىش. شۇنداق <ئۇلۇغ> كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرى بار يەر <بەركەتلىك> يەر بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇ قۇرلار ھەدىسلەرگە زىتتۇر.
مەلۇم بىر قەبرىستانلىقنى نىيەت قىلىپ ئۇلاغلىق،يۇك تاقىلىق ھالەتتە قەبرە زىيارەت قىلىش چەكلەنگەن. 
ئۇ تىمىدا ئادەمنىڭ قەبرىسى باشقىلار تەرپىدىن زىيارەت قىلىنمىسا شۇ قەبرى ئىگىسى زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇمۇ ھەدىسقا زىت. رەسۇلۇللەنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ جەسىتى دېڭىزلاردا قالغان. بۇلارنىڭ مۇئەييەن قەبرىسى يوق. بۇلار نى زىيارەت قىلغۇچىمۇ ھەم يوق. بۇلار مۇشۇ سەۋەپلىك زىيانغا ئۇچراپ كىتەرمۇ؟
بۇ قېرىندىشىمىز تىمىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. قەبرە زىيارەت قىلىشنى ھېچكىم چەكلىمەيدۇ. بەلكى قەبرىستاندا مازار-ماشايىخلاردىن،روھلاردىن، پىرلاردىن ياردەم تىلەش ئۇچۇن  قبەرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەيدۇ. بۇ نىيەت بىلەن قەبرىستانلىققا بېرىش شىرىكلىكتۇر. 
ئەگەر ئۇنداق بولماي رەسۇلۇللەنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە قەبرىستانلىققا بارسا ئەجىرگە ئىرشىدۇ. بۇ قېرىندىشىمىز تىمىسىدا يەنە <مۆمىن كىشى قەبرە ئىگىسىدىن ئۇمىدىنى ئۈزمەيدۇ> دىگەن. بۇ نىمە مەنانى بىلدۇرىدۇ؟
قانداق ئۇمىدنى ئۇزمەيدۇ.  ئادەم ئۆلسە ئۇنىڭدىن ياخشىلىق ۋە يامانلىق پەقەتلا كەلمەيدۇ.  شۇنداق تۇرۇقلۇغ ئۇلۇكلەردىن يەنە نىمە ئۈمىد كۇتكىلى بۇلىدۇ. بۇ سۆز شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇلۇك ئادەمدىن ھېچنەرسىدىن ئۇمىد كۇتكىلى بولمايدۇ.
بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تىمىسىدا توغرا بىلەن خاتا ئارلىشىپ كەتكەن. قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇسا بۇلىدۇ دىگەن سۆزلەرنىمۇ بازارغا سېلىپ يۇرگەن. بۇنىڭغا دەلىل قىلىپ ئاجىز ھەدىسلەرنى كەلتۇرگەن شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا دىگەن تىمىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 
مەن ئىختىلاپلىق تىمىلارنى يازماسلىقنى ئۈزۈمگە لازىم تۇتقان. ئەمما بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ تىمىسىنى كۆرۇپ مەنمۇ ئىختىلاپلىق(ئەمەلىيەتتە ئەھلى سۇننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسىدىكىلەردە قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇشنىڭ خاتالىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ يوق بۇ ئادرىستىن تەپسىلاتىنى كۈرۈڭ. http://www.islamqa.com/ug/ref/9979
) تىما بولغان قەبرىستاندا قۇرئان ئۇقۇش خاتا دىگەن تىمىنى يازدىم.
ئىسلامىي تىما يازغۇچى قېرىنداشلار. ئىسلامدا بىرلىشىش پەرز. رەسۇلۇللە تەپرىقچىلىق بولمىسۇن ئۇچۇن ئۈزىگەئاشكارا دۇشمەنلىك قىلغان مۇناپىق ئابدۇللا ئىبنى ئۇبەي نى ئۆلتۇرۇشنى رەت قىلغان.  بۇ مۇنبەردە ئىختىلاپ بەكمۇ كۆپىيىپ كەتتى. بىرىڭلار سوپى دەيسىلەر بىرىڭلار ۋەھھابىي دەيسىلەر. ئاخىردا ئاغىزىڭلارنى سەت بۇزۇپ تىللىشىسىلەر. ئادەمنىڭ ئېغىچىدىن چىقمايدىغان سەت گەپلەرنى قىلىسىلەر. يەنە سۇنداقتىمۇ مۇسۇلمانبىز دەپ يۇرۋاتىسىلەر. رەسۇلۇللە بىر ھەدىسىدە مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش كاپىرلىق،تىللاش پاسىقلىق دىگەن. ئەجەبا بۇ سۆزنى بىلمەمسىلەر. يەنە تېخى بىر-بىرىڭلارنى كاپىرغا چىقىرۋېتىسىلەر. خۇددى جەننەت ۋە دۇزاخنىڭ ئاچقۇچى قۇلۇڭلاردا باردىكىدەك...
ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى. ھەممىمىزئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلاتلىرى، ھەممىمىز بىر مىللەت بىر دىندا بىر تىلدا . شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمىشقا ئۇرشۇسىلەر؟ مۇنازىرەڭلاردا دەلىل بىلەن مۇنازىرلەشسەڭلار بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە سەۋەب بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما دەلىل كەلتۇرەممەي تىللىشىش بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس.  رەسۇلۇللە مۇناپىقنىڭ خىسلىتىنى بايان قىلىپ <تىللاشقاندا ئاغىزىنى بۇزىدۇ> دىگەن بۇ سۆزنى مۇناپىقنىڭ خسلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خوش.... سۈزۈم ئۇزراپ كەتتى.
ئەمدى پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر تىما قىلىپ يوللانمىسا، ئەگەر بۇنداق تىما يوللىنىپ قالسا باشقۇرغۇچى تەستىقلىمىسا .....
ئۇنى دىمىسەكمۇ بىز شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىختىلاپىي مەسىلىلەردە <كىڭەش> ئېلىپ بىرىشقا تېخى بالدۇر. ئاال يۇرەكتىكى كىسەلنى داۋالايلى،ئاندىن زۇكام ئۈزىچىلا ساقىيىدۇ. يۇرەكتە كىسەل تۇرۇقلۇق زۇكامغا دورا قىلىش تولىمۇ قارغۇلارچە ئىش قىلغانلىق.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت ئۇستىدە بىرلەشتۇرسۇن. ھەممىمىزنى تەپرىقچىلىقتىن يىراق قىلسۇن
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-12-12 15:14

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ناۋاتتەك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.ئۆزۈڭدە بار بولغاننى ئۆزۈڭ قەرىدرلىمىسەڭ .ئۇنى ھىچكىم قدىر لىمەيدۇ. مۇشۇنداق ياخشى سورۇننى ئۆزىمىز بۇزغىلى ۋاتىمىز. ياخشى سورۇن يارىتىپ بەرگەنلەرگىمۇ تىل تەككۈزىۋاتىمىز...باشقا مۇنبەرلەرگە كىرىپ مۇشۇ يەردە قىلغان سۆزلىرىڭىزنى قىلىپ بىقىڭە  شۇزاماتلا خىيىڭىزنى توغۇرلايدۇ. ئۆزىمىزنى ھەم ئۆزگىنىمۇ ئايايلى.
ئەتە ئۈلۈم!