ئىشلىتىش
引用第21楼appakhoja于2010-12-12 23:14发表的 :
بىزلەر كىشنى سوپىلاشتۇرش ئۈچۈن بۇ مۇنبەرەگە كىرمىدۇق ھەم بۇ بىزلەرگە تۆھمەتتۇر...كىشلەرنى ئىسلامى تەرىقەتكە چاقىرىش تور بىلەن بولمايدۇ ئەلۋەتتە ،ھەم داغۇ -دۇغى بىلەنمۇ ئەزەلى خوشىمىز يوق،بىزلەر شۇنداق دەيمىزكى بىر كىشى ،تەرىقەت كىرمەسلىك بىلەن گۇناھكار بولمايدۇ،بىزنىڭ پىكرىمىز..لېكىن تەرىقەتكە تىل تەكۈزۈشكە،بىزلەرنىڭ كاتىلىرىمىزغا تىل تەكۈزۈشكە ئەلۋەتتە سۈكۈت قىلمايمىز...مېنڭ كىرىشم تەسادىپى شۇنداق تېمىغا ئۇچراپ قالغانلىقىمدا لېكىن شۇنداق تېمىلار چۈشسە بىزلەر يەنە ئۇتۇرغا چۈشۈپ پىكرىمىزنى بايان قىلىمىز.سىز ئىسلامى تەرىقەت پىكرىگە قانچە ئۆچ بولىشىڭىز بىزنىڭ نەزىرىمىزدىن ھەر ۋاقىت ساقىت.بىزلەمۇ ئۆز مەسەلىكىمىزنى ئوتتۇرغا قويىمىز سىزلەرمۇ شۇ......
توغراسىزكىشىلەرنى سوپىلاشتۇرش ئۈچۈن بۇ مۇنبەرەگە كىرمىىگەن بولىشىڭىز مۈمكىن ھەم بۇ ئىشلار سىزنىڭ قولىڭىزدىنمۇ كەلمەيدۇ.
سىزنىڭ كاتىلىرىڭىزغا تىل تەكۈزۈش مەسىلسىگەكەلسەك ،بۇ ئۇزۇن تارىخى جەريانلاردىكى مىللىتىمىزگە ئىلىپ كەلگەن كۈلپەتچىلىكنىڭ مەسئۇلى، بۇنداق دەپ مەن سىلەرنىڭ كاتىلىرىڭلارغا ھاقارەت قىلغانلىقىم ئەمەس چۇنكى ئۆتكەن تارىخنىڭ شاھىتلىرى بۇ پانى ئالەمدە ھىچقايسىمىزغا گۇۋاھلىق بىرەلمەيدۇخالاس،ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا -ياكى خاتالىقىنىىڭ ھىساۋىنى ئالغۇچى بىرلا ئاللاھ دۇر.
لىكىن بىرلا ئىشنىڭ خاتا بولغانلىقىنى بىلىپ يىتىشىمىز كىرەك ئۇ بولسىمۇ پەقەت ۋەپەقەت ئازغۇنلۇقنىڭ ،مۇناپىقلىقنىڭ شۇنداقلابىرلىكسەپ ھاسىل قىلالماسلىقنىڭ قۇربانى بولغانلىقىمىز ،مانا بۇ بىزگە قالغان تارىخ شۇنداقلا يەكۇنلەشكە تىگىشلىك ساۋاق.......
توغرا تارىخنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇ لىكىن بىزگە زىيانلىق تەركىپنى تەكرارلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.بىز ھازىر "سىنىڭ خاتا مىنىڭ توغرا" دەپ قۇتۇپلاشماي ئاللاھ يولىدا ئورتاق غايىمىز ئۈچۇن ئىناق ئىجىل بولۇپ ئۆتىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر ،بۇ ھەربىر قېرىندىشىمىز ئوبدان ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ،سىلەردىن كۈتىدىغىنىم بىر بىرىمىزنىڭ دىلىنى چىگىدىغان سۆز ھەركەتلەردىن يىراق تۇرۇپ بىر بىرىمىزگە ئىللىغلىق ئاتا قىلايلى،ئاخىردا بارلىق قىرىنداشلارغا ئاللاھ دىن ئامانلىق ۋە ئىناقلىق تىلەيمەن.