ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 46قەۋەتتىكى نامزاد نىڭ 2011-10-12 18:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
گەپنى ئۇدۇللا دەۋېرەي ،يازمىڭىزدكى نۇرغۇن ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشلەردىن قايىل بولدۇم
بىراق ئالەمنىڭ چېكى بار دەپ مۇتلەقلەشتۈرۋېتىشىڭىز ماڭا ئاجايىپ بىمەنە تۇيۇلدى
ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇدلىقى ۋە ئەبەدى مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغانلىقى
ھەقىقەتتۇر،شۇنداقلا ئاللاھ خالىسىلا ھەرقانداق چەكسىزلىكنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان قۇدرەتكە
ئىگىدۇر،شۇنداق ئىكەن سىز نېمىگە ئاساسەن ئالەمنىڭ چېكى بار دىيەلەيسىز؟
بوپتۇ شۇنداق بىر چەككە يەتتى دەيلى ،چەك دېگىنىمىز بىر توسالغۇ يەنى تاقاشقان جايغۇ ؟
ئۇنداقتا شۇ توسالغۇ ياكى چەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نىمە بار ؟ ئەجىبا ئۇ تەرىپىنىڭ ئالەم
ئەمەسلىكىنى بىرەرسى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغانما؟
شۇنى ئېيتماقچىمەنكى ئىنسان تەپەككۇرى بەكلا چەكلىكتۇر،بەزى ئىشلارنى مۈجمەل
چۈشەنچىلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرىنىش ئاقىلانىلىك ئەمەستۇر

قېرىندىشىم، بۇ ئالەمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقەتەن مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئاۋۋال چەكسىز دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئاندىن بۇ مەسىلىنى تەھلىل قىلساق بولامدىكىن، دەيمەن.
كائىناتتىكى چەك ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىرسى ماكان جەھەتتىكى چەك، يەنە بىرسى زامان جەھەتتىكى چەك.
كائىناتنىڭ زامان جەھەتتىكى چېكىگە كەلسەك، ئۇ ئەلۋەتتە چەكلىك، يېڭىدىن پەيدا بولغان (يارىتىلغان) نەرسىلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتى بولىدۇ، ئاخىرلىشىش ۋاقتىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ ئۇقتۇردى. شۇڭا كائىنات زامان جەھەتتىن چەكلىك.
ماكان جەھەتتىكى چەككە كەلسەك، بۇنىڭمۇ چېكى بار. چۈنكى، كائىنات يەككە ئىلمىنىتلارنىڭ يىغىندىسى، چەكلىك ھەجىمدىكى ئىلمىنىتلارنىڭ يىغىندىسى چوقۇم چەكلىك بولىدۇ.
----------------------------------------------
بۇ توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسلەردىمۇ دەلىل بار.
ئاللاھ جەننەت ۋە دوزاخنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەردى.
چوڭ دېگەن نېمە؟ چەكسىز بولغان نەرسىلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟ ئەمما بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ چوڭ كىچىكلىكى سېلىشتۇرۇلدى. شۇڭا بۇ دۇنيانىڭ ماكان قەھەتتىن چوقۇم چېكى بار.
ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ھازىرچە مۇشۇنچىلىك جاۋاب بېرىپ تۇراي.