سۇئاللېرىڭىزنىڭ جاۋابى بىرلا. ئۇ بولسىمۇ ۋاقىت. ۋاقىتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنگەن ۋاقتىڭىزدا سۇئاللېرىڭىزنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلەيسىز.
بىرىنچى سۇئالىڭىزغا جاۋاپ: ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرمىگەن. لىكىن مايمۇن ئادەمگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغاندا ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئادەم مايمۇنغا خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغاندا مايمۇنغا ئايلىنىدۇ. ئادەم ئىتقا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. چۈشەندىڭىزمۇ؟
ئىككىنچى سۇئالىڭزدىن باشلاپ ئاخىرغىچە سۇئاللېرىڭىزغا جاۋاپ بېرىشىمىز ئۈچۈن ۋاقىتتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
ئىلاھ كائىناتنى ياراتقان دىسەك، ئىلاھ كائىناتنى يارىتىشتىن بۇرۇن نىمە ئىشلار بولغان؟ ئىلاھ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىمۇ، ياكى سىرتىدىمۇ؟
يا بولمىسا مۇنداق چۈشىنىمىز. ئىلاھ ئاۋال ۋاقىتنى يارىتىپ، نۆل نۇقتىغا ئەكەلگەندىن كىيىن، ۋاقىت ھېساپلانغانمۇ، ياكى ۋاقىت ئەزەلدىن بارمۇ؟ ۋاقىتنى ئىلاھ ياراتمىغانمۇ يا؟ ۋاقىتنى ئىلاھ يارىتىشتىن بۇرۇن ۋاقىت يوقمىتى يا؟ ياق ۋاقىت بولمىسا بولمايدۇ. بىر ئۆينى سالىمىز دىسەك، خىش،كېسەك،لىم...........دىن باشقا ۋاقىت كېرەك بۇلىدۇ. بىر ئىلاھ بىز ئۆي سالغانغا ئوخشاش كائىناتنى ياراتقان دىسەك. بىز مۇشۇ ئۆينى سېلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ ئىلاھنىڭ كائىناتنى ياراتقان ۋاقىتىدىن بۇرۇنقى ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ مانا مۇشۇ ئەڭ ئەشەددى مەسلە. مالىكولا ھەركىتى، پىلانتلار ھەركىتى، ماددا ھەركىتى دىگەن ھېچنىمە ئەمەس.