ئاللاھنى تۇنۇشنىڭ ئىلمىي يولى __ تەپەككۇر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
سىلەر بۇ تىمىنى كۆرۈپلا يەنە بۇرۇنقى يوللىنىپ بولغان ماقالىسى شۇ، دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ گەرچە بۇ ماقالەم بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر قېتىم يوللانغان بولسىمۇ، ئۇ چاغدىكىسىنىڭ ھەجىمى ئاز ھەم بىر قىسىم مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنمىغان ئىدى. بۈگۈن يەنە نۇرغۇن تەپەككۇر نەتىجىلىرىمنى ماقالەمگە قوشۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئېلىپ كەلدىم. شۇڭا بۇ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ چىققايسىلەر!
ھازىر مۇشۇ مۇنبەردىكىلەردىن ئاللاھ بارمۇ؟ دەپ سورىسام،چوقۇمكى، 100% ئادەم ئەلۋەتتە بار دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بەزىلەر ھەقىقەتەن بار ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلىسىمۇ،ئەمما يەنە بەزىلەرئەجدادىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىكتىن،ئاللاھ ئەلۋەتتە بار دەيدۇ-يۇ،بۇ گېپىنىڭ قايىل قىلغۇدەك دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.يەنە بەزىلەربولسا ئاللاھنىڭ بارلىقى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت، ئۇنى تەپەككۇر قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، ساراڭ ئادەم ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرىدۇ،دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ياراتقۇچى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم ئىشلاردىن بىرى ئىدى.ھازىر مەكتەپلەردە دىنسىزلىق تەربىيىسى كۈچۈپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ،باشلانغۇچ مەكتەپ ھەتتا يەسلى بالىلىرىنىمۇ ياتاقتا ياتىدىغان تۈزۈمنى يولغا قويۇۋاتىدۇ،بۇنداق قىلىشتىكى بىردىنبىر مەخسەت، سەبىي بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ دىنسىزلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ھەم دىننى بىلىم ئۆگۈنۈش مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىش . بۇنداق كېتىۋەرسە كەلگۈسىدە ئۆز بالاڭلار ئاشۇ دىنسىزلىق نەزەرىيىسىگە ، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئىشىنىپ كېتىشى، سىلەرنى خۇراپىي دەپ قارايدىغان بولۇشى مۇمكىن ،( ئەمەلىيەتتە ھازىرمۇ ئۇنداقلار ئاللىقاچان بارلىققا كېلىپ بولدى.) ئۇ چاغدا سىلەر ئاشۇ بالاڭلاردىن ،مەن ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارنى ئاڭلايسىلەر. شۇ چاغدا سىلەر ئۆز بالاڭلارغىمۇ دىنسىزلىقنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىسەڭلار، بالاڭلار كاپىر ھالەتتە ياشاپ، كاپىر پېتى ئۆلۈپ كەتسە ، سىلەر بالاڭلارنى ياخشى تەربىيىلىيەلمىگەنلىك مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟
ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر،
مىڭ يىل ئىبادەت قىلسىمۇ يەلدۇر!
نۇرغۇن ئالىملار ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە پىكىر مۇلاھىزە قىلىپ ،ئەقىللەرنى قايىل قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇنداق مەزمۇندىكى تىمىلار ئىلگىرىكى مۇنبەرلەردىمۇ خېلى يوللاندى. ئەمما ،ئاشۇ تىمىلارغا قاراپ باقساق، مۇتلەق كۆپ قىسمى كاپىرقەۋمى ئىچىدىن چىققان، ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئارقىلىق ئىرىشكەن نەتىجىلىرى. بىز ئاشۇنداق تىمىلارنى ئوقۇدۇق- يۇ، نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمايلا،راست شۇنداق،دەپ قول قۇشتۇرۇپ ئولتۇردۇق. قۇرئان كەرىمدىكى سىرلارنىمۇ كاپىرلار ئىسپاتلاپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ بۇ دەل بىزنىڭ، تەپەككۇر قىلىشنى خالىمىغانلىقىمىز، ۋە ئىزدەنمەيدىغان ناچار ئادىتىمىزنىڭ نەتىجىسى.
ئەسلىدە قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرىنى مۇسۇلمانلار ئىسپاتلاپ چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بىرەر كاپىر ئىلىم پەن نەتىجىسىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاندا،ئاندىن ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمدىن نەقىل ئىزدىدۇق. ئەسلىدە،بىز قۇرئان كەرىمدىكى بىشارەتكە ئاساسەن ، چۇڭقۇر ئىزدەنگەن بولساق چوقۇم نۇرغۇن ئىلىم پەن نەتىجىلىرىگە ئىرىشكەن بولاتتۇق.
ئاللاھ تائالا: <<كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىدا، اﷲ ئاسمان زىمىندا ياراتقان شەيئىلەردە اﷲدىن قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (اﷲنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان)نۇرغۇن ئالامەتلەر بار>> دەيدۇ.
شۇڭا بىز يات خەلىقلەرنىڭ ئىسپاتلىغان بىرەر ئىلىم پەن نەتىجىسى قۇرئان كەرىمدىكىگە ئوخشاپ قالسا ، خۇشال بولۇپ كەتمەي، بەلكى نىمىشقا مۇشۇ نەتىجىگە بىز .ئىرىشەلمىدۇق؟ دىگەننى ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندە ، ئۆزەمنىڭ ، باشقى ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللىرى ئاساسىدا، ئاددىيغىنە كاللام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئىرىشكەن بىر قىسىم نەتىجىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
ھەر قانداق ئادەمنىڭ كائىنات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، مۇستەقىل دۇنيا قاراش تىكلەش ھوقۇقى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا بۇ ماقالىدە تەھلىل قىلماقچى بولغان مەزمۇنلار ـــ ئىنسان راستىنلا مايمۇندىن ئۆزگەرگەنمۇ؟ ھاياتلىق نىمىدىن بارلىققا كەلگەن؟ بۇ ئالەم چەكسىزمۇ؟ ماركىسنىڭ ماددا- ئاڭ توغرىسىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرى، ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى.....دىگەندەك تەبىئەتتىكى قانۇنىيەتلەر، دۇنيا ھەقىقەتلىرى ۋە بىر قىسىم نەزەرىيەلەر ئۈستىدە بولىدۇ. ھەرقايسىڭلارنىڭ خاتا تەرەپلىرىم بولسا تۈزىتىش پىكىرلىرى بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
تەپەككۇر ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھەقىقەت
1. ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەنمۇ؟
بىر قىسىم ماتىريالىزىمچىلار جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا ناچارلىرى شاللىنىپ، سەرخىللىرى تاللىنىدۇ. ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن، چۈنكى ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ئادەمگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدۇ:
ئىنساننىڭ ئەجدادى مايمۇن دېيىشتى،
دىنسىزلىق پىكرىنى ئەلگە يېيىشتى.
ياراتقان رەببىدىن تېنىۋېلىشتى،
ھەقىقەت ھەممىسى يولدىن ئېزىشتى.
ئادەمنىڭ مايمۇندىن ئۆزگەرمىگەنلىكىگە ئەقىلنى قايىل قىلغۇدەك دەلىل بار:
ھەممىمىز ئىتراپ قىلىمىزكى، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلارغا بېرەلمەيدۇ. ئۆزىدە ئىلىم بولمىسا باشقىلارغا ئىلىم بېرەلمەيدۇ.باشقىلارغا بەرمەكچى بولغان نەرسە ئۆزىدە بولغاندىلا ئاندىن باشقىلارغا بېرەلەيدۇ. ئىلىم پەن تەتقىقاتى ۋە دىن ئىسپاتلىدىكى، ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ ئەڭ تۈپكى پەرقى ئاڭ ، يەنى ئەقىل. ئىنساندىن باشقا ھىچقانداق بىر ھايۋان،ئۆسۈملۈك،شەيئى،ھەتتا ئاسمان جىسىملىرىدا ئاڭ ،يەنى ئەقىل يوق.مايمۇندىمۇ شۇ. مايمۇندا ئەقىل بولمىسا، ئادەمدە ئەقىل تۇرسا، بۇلار قانداقمۇ بىر بىرىگە ئۆزگىرەلىسۇن؟ شەكىل،ھەجىم جەھەتتىن كەڭرەك قىلىپ ئېيتقاندا،ماددىي جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ماددا ماددىغا ئۆزگىرەلىشى مۇمكىن.ئەمما ئەقىل يوق ماددىدىن ئەقىل بار ماددىنىڭ بارلىققا كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەقىل ماددىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئادەم مايمۇندىن ۋە ياكى ھىچقانداق ھايۋان-ئۆسۈملۈكتىن ئۆزگەرگەن ئەمەس.
2.ماددا ، يەنى بىز ياشاۋاتقان كائىنات( ئادەم، ھايۋان ، ھاياتلىق، ئالەم،ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەزەلدىن بارمىدى؟
بىر قىسىم كىشلەر بۇ ئالەم ئەزەلدىن بار ئىدى دىيىشىدۇ. يەنى،ئۇلار كائىنات ماددىدىن تەشكىل قىلىنغان، ماددا ئەزەلدىنلا مەۋجۇت، دىگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى:
بەزىلەر ئېيتىشتى : ماددا ئەزەلىي،
ماددىدىن ئۆزگەرگەن ھەممە تەدرىجىي،
تەبىئەت، جەمىيەت ھەممىسى ماددا،
بىر بىرلەپ تەجرىبە قىلساڭ ھەممىنى.
ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭغىمۇ دەلىل بار:
ئەگەر مەلۇم شەيئىنى ئەزەلدىن بار ئىدى دىسەك،ئۇنداقتا شۇ شەيئى باشقا ھىچقانداق شەيئىلەرگە موھتاج بولماسلىقى،باشقا ھىچقانداق شەيئى مەۋجۇت مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ، ئەزەلدىنلا بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: سۇ بولمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ، سۇ بولغاندىلا ھاياتلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك بايا بىز ئېيتقان شەيئىمۇ ئەگەر باشقا بىرەر شەيئىگە موھتاج بولۇپ قالسا ئۇنىڭ ئەزەلدىن بولمىغانلىقىنى بەلكى ئاشۇ موھتاج قىلغۇچى بولغاندىلا ئاندىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.بۇ كائىناتقا قاراپ باقساق، باشقا شەيئىگە موھتاج بولمايدىغان بىرەر شەيئى بارمۇ؟ ئاسمان جىسىملىرى موھتاج ئەمەسمۇ يە؟ ئۇنداق ئەمەس، كىچىككىنە پاشىدىن تارتىپ تاكى پۈتكۈل كائىناتقىچە تولۇق بويسۇنىدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆلچەم-قانۇنىيەت.
بايا دىگەن ئاسمان جىسىملىرىمۇ قانۇنيەتكە بويسۇنىدۇ، كائىناتتا قانۇنىيەتسىز ئىش بولمايدۇ.بىز ئادەملەرمۇ ئۆلچەمگە موھتاج بولىمىز. بىرەرىڭىز بىر قىتىمدا 10-15 قاچا تاماق يىيەلەمسىز؟ ياكى 10- 15 كۈندە بىر قېتىم تاماق يەپ ياشىيالامسىز؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىز. چوقۇم مەلۇم ئۆلچەمنىڭ ئىچىدە ئۇزۇقلىنىسىز ۋە باشقا ئىشلارنى بىجىرىسىز. دىمەك كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر مەلۇم قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ.
يۇقىرقى پىكىردىن ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ: تۆۋەندىكىدەك:
ـ بويسۇنغۇچى بولغانىكەن بويسۇندۇرغۇچى بولىدۇ. سىز بىر ئىشنى قلىشقا مەجبۇر بولسىڭىز چوقۇم مەجبۇرلىغۇچى بولىدۇ،<< كۈچ يەككە مەۋجۇت بولالمايدۇ ، كۈچكە ئۇچرىغۇچى بولغانىكەن چوقۇم كۈچ چۈشۈرگۈچى بولىدۇ>> بۇ بارلىق ئالىملار ئىتراپ قىلىدىغان ھۈكۈم.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كائىنات مەلۇم قانۇنىيەتكە بويسۇنغانىكەن ، چوقۇم، ئاشۇ قانۇنىيەتكە بويسۇندۇرغۇچى بولىدۇ.ئۇداقتا بۇ بويسۇندۇرغۇچى قۇدرەتلىك كۈچ زادى نەدە؟چوقۇمكى بۇ كائىناتنىڭ سىرتىدا. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ.
3.ئالەم چەكسىزمۇ؟
بەزى كىشلەر: بۇ ئالەم پايانسىز ئالەم. ھەرگىزمۇ بىر يەردە ئاخىرلىشىدىغان يېرى يوق، ئىنسانلار نەچچە مىليون يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىققىچە تەكشۈرۈپ بولدى، ئەمما بىر چېتى چىقمىدى، دەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتا ئويلاپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
ياق بۇ ئالەم چوقۇم چەكلىك. ئىسپات:
ئەگەر بىر ئادەم قۇملۇقنىڭ ئىچىدىلا ياشىغان بولسا ( پەرەز ھە) قۇملۇقتىن باشقىنى كۆرۈپ باقمىغان بولسا ، ئۇ ئادەم قانداق قاراشقا كېلىدۇ؟ ئۇ ئادەم بۇ قۇملۇقتىكى قۇمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسا، ئۇ بۇ قۇملۇقتىكى قۇملارنى ساناپ سانىنى تېپىپ چىقالامدۇ؟ قۇملۇقنىڭ ئاخىرى نەدە توختايدىغانلىقىنى بىلەلەمدۇ؟ بۇنى بىلمەستىن مەن بىر چەكسىز قۇملۇقتا ياشاۋاتىمەن دەپ پەرەز قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ قۇملۇقنىڭ چېتىنى تېپىپ چىقالمىدى. ئەگەر ئۇ ئادەم قۇملۇقنىڭ سىرتىغا چىقالىغان بولسا ، قۇملۇقنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ، قۇملۇقتىكى قۇملارنىڭ چېكى بارلىقىنى بىلگەن بولاتتى .بۇرۇنقى ئىنسانلارمۇ قۇرۇقلۇقتىلا ياشاپ، يەر شارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان دېڭىز ئوكياننى كۆرۈپ باقمىغانلىقتىن،ئىنسانلار كۆپ قىسمىنى قۇرۇقلۇق دەپ قاراپ، بۇ پىلانىتىنى يەر شارى دەپ ئاتاپتىكەنغۇ؟ شۇڭا بىز ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ بولالمىغانلىقىمىز، ئالەمنىڭ چىتىنى تاپالمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بۇ ئالەمنى چەكسىز دەۋالساق بولمايدۇ. بۇ ئالەمنىڭ چېكى بار ئەمما بىز چىكىنى تېپىپ چىقىشتىن ئاجىز كەلدۇق.
تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىل: چەكلىك سانلارنىڭ يىغىندىسى چەكلىك بولىدۇ( يەنى چەكلىك سانلارنى قوشۇش ،كۆپەيتىش ئارقىلىق چەكسىز سانغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ) كائىناتقا قاراپ باقساق ھەممە نەرسە چەكلىك شەيئىدىن تەركىب تاپقان ، سىزمۇ يەككە شەيئى، مەنمۇ شۇ، قۇياش،ئاي يەرشارى .......................يۇلتۇزلارمۇ شۇ. يەككە -يەككە ئىلمىنىتلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئالەم قانداقمۇ چەكسىز بولسۇن؟ چەكلىك نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى قانداقمۇ چەكسىز بولسۇن؟ بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىغقا بولىدۇكى، ئالەم خىلمۇ-خىل چەكلىك ئىلمىنىتلاردىن تەركىب تاپقان شۇڭا پۈتۈن ئالەممۇ يەنىلا چەكلىك.
4. ماددا بىلەن ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا
ماركىس مۇنداق دەيدۇ:‹‹ دىن بولسا تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ئىنسانلار مېڭىسىدىكى بۇرمىلانغان ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى.››
بۇ ئىدىينىڭ ئاساسى بولسا ‹‹ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ››غانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قارىشىدا، ئىنسانلار مېڭىسىدىكى ھەرخىل ئاڭ – ئىدىيىلەر تەبىئەت(ماددا) دىن كېلىدۇ، تەبىئەتتىكى خىلمۇخىل ھادىسىلەرنىڭ (ماددىي ھادىسىلەر)بارلىققا كېلىشى ئىنسان مېڭىسىدە دىن ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئۆگىنىۋاتقان ‹‹ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى›› لىك نەزەرىيىسى. ئەي نادان بولدىلا ۋالاقلىمىغىن،
دىندارلىق تۇيغۇڭنى ئازاپلىمىغىن،
كائىنات ئىسىملىك بۇ چوڭ كىتابنى،
باش چۆكۈپ تەپسىلىي ۋاراقلىمىدىڭ.
مەن ھەمىشە 901- يول ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ تۇراتتىم. ئاپتۇبۇستا كېتىۋېتىپ بىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئورۇندىن ئۆتەتتىم. قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن ئىگىز ۋە چىرايلىق بىر بىنانىڭ سۈرىتىنى كۆرەتتىم.
تۆنۈگۈن يەنە شۇ 901- يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇردۇم. يەنە شۇ جايدىن ئۆتتۈم. ھېلىقى قۇرۇلۇش ئورنىغا ۋە مەن دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىنانىڭ رەسىمىگە قاراپ،ھىچقاچان ھىس قىلمىغان بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدىم. رەسىمنىڭ كەينىدە رەسىمگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تۆۋەندىكىلەرنى ئويلىدىم: _ ئەجابا، قۇرۇلۇشچىلار ئاۋال بىنانى كۆرۈپ ئاندىن بۇ رەسىمنى سىزغانمۇ؟ قەتئىي ئۇنداق ئەمەس. بۇ بىنانىڭ سۈرىتى بۇ بىنا سېلىنمىغان چاغدىلا بار ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاۋال ئىنژىنىرلارنىڭ كاللىسىدا، ئاشۇنداق بىر بىنا سېلىشتىن ئىبارەت ئىدىيە(ئاڭ) بارلىققا كەلگەن، ئاندىن ئاشۇ ئىدىيىسى بويىچە بىر بىنانىڭ چىرتىيوژىنى لايىھىلەپ چىققان. ئاخىرىدا قۇرۇلۇشچىلار ئاشۇنداق بىنانى(ماددىي شەكىلنى) ياساپ چىققان. دىمەك، بۇ ماددا(بىنا) بىر خىل ئاڭ(لايىھە) ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن، ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى، دىگەن ئىدىيىنىڭ خاتالىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ توغرىدا يەنە داۋاملىق ئويلاندىم. ئاخىرىدا كائىناتتىن ئىبارەت ماددىي دۇنيانىڭ مەلۇم بىر خىل ئاڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ماددىنىڭ ھەرىكىتىنى بىر خىل يۈكسەك ئاڭ كونتىرول قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئەمەلىيەتتە ماددا بىرلەمچى ئاڭ ئىككىلەمچى ئەمەس. بەلكى،ئاڭ ماددىنى بەلگىلەيدۇ، ماددا ئاڭنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى. ماددىي دۇنيادا ئىككىسى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ماركىسنىڭ دىنغا بولغان كۆز قارىشىدىمۇ مەسىلە بار. دىن توغرىسىدىكى ئىدىيە ھەرگىزمۇ تەبىئەتتىن ئىبارەت ماددىنىڭ سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن ئەمەس. چۈنكى،يۇقىرىدا ئىسپاتلىغىنىمغا ئوخشاش، ئاڭ بولماي تۇرۇپ، ماددىنىڭ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئېڭىدا بىر خىل دىندارلىق تۇيغۇسى بولىدۇ. بەزىلەر بۇ تۇيغۇسىنى مەجبۇرىي ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ، ئەمما روھىي ئازاپتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇ كائىنات ئاڭسىز ھالدا ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قالغان ئەمەس، ياكى، ئاللاھ بۇ كائىناتنى ئاڭسىز ھالدا، يارىتىپ قويغان ئەمەس. بەلكى، بۇ كائىنات ئاللاھنىڭ ئاجايىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قۇدرىتى بويىچە ئاڭلىق تۈردە مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن.
5.دەسلەپكى ھاياتلىقنىڭ سۇدىن بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا.
بىئولوگىيە دەرسلىكىدە: دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىزدا سۇدىن بارلىققا كەلگەن، دىگەن مەزمۇن بار. ئەمما ئۇلار ئويلىمىدىمىكى، سۇنىڭ ھاياتلىق ئاتا قىلالمايدىغانلىقىنى!!!
ئېيتىشتى:<<ھاياتلىق سۇدىن يارالغان،
ئەڭ ئاددىي جانلىقتىن بىزگە تارالغان.
دۇنيادا جان ئاتا قىلغۇچى زات يوق،
خۇدا بار دىگەن گەپ ھەممىسى يالغان!>>
يۇقىرىدىكى پىكىرنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە دەلىللەر بار:
دەسلەپكى ھاياتلىق سۇدىن كەلگەنمۇ؟ بۇنى ئويلاپ كۆرەيلى: ھەممىمىز بىلىمىز سۇدا جان يوق يەنى، <جان>سىز. ھاياتلىق دىگىنىمىز <جان>لىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھاياتلىق سۇدىن بارلىققا كەلدى ، دىگەن سۆز <<جان>>سىز دىن <<جان>> لىق بارلىققا كەلدى دىگەن سۆز. 1. دەلىلدە ئوتتۇرىغا قويغىنىمغا ئوخشاش، بىر شەيئى ئۆزىدە بولمىغان بىرەر نەرسىنى ياكى ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەتنى باشقا بىر شەيئىگە بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.باشقىلارغا بېرىش ئۈچۈن ئۆزى شۇنىڭغا ئىگە بولۇشى كېرەك. سۇ ھاياتلىققا ئىگە ئەمەس. ئۇنداقتا بۇ ھاياتلىقنى كىم بەردى؟قۇياش بەردىمۇ؟ ئاي بەردىمۇ؟ ۋە ياكى باشقا پىلانىتلار بەردىمۇ؟ ياق ئۇلار بەرمىدى ھەم مەڭگۈ بېرەلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ھاياتلىققا ئىگە ئەمەس.
مانا بۇ يەردىمۇ ئاللاھنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى:تۆۋەندىكىدەك:
ھاياتلىقنى كائىنات ئىچىدىكى ھىچبىر شەيئى بېرەلمىگەنىكەن، چوقۇمكى كائىنات سىرتىدىكى، پۈتكۈل كائىناتنى باشقۇرالايدىغان بىر كۈچ بەرگەن بولىدۇ.ئۇ كۈچ دەل ئاللاھ.
6. كېچە- كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدىن ھىس قىلغان تۆۋەندىكى پىكرىمنى بايان قىلىپ باقاي:قۇرئاندىكى <<كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىدا،... اﷲدىن قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (اﷲنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان)نۇرغۇن ئالامەتلەر بار>> دىگەن ئايەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم:
نۇرغۇن كىشلەر شۇنداق دەيدۇ:‹‹ كېچە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى ھەقىقەتەن بەكمۇ زۆرۈر، ئەگەر كېچە بولمىسا بىز قاچان ئارام ئالاتتۇق، قاچان ئىشلەيتتۇق،قاچان ئۇخلايتتۇق؟ ئاللاھ كېچىنى يارىتىپ بەرمىسە قانداق قىلاتتۇقكىن تاڭ؟ كېچە دىگەن بىزنىڭ ئارام ئېلىشىمىز ئۈچۈن يارىتىلغان.››
ئەمما،ھازىر يۇرۇق چىراغلىرىمىز بار. بەزىلەر كېچىسىمۇ خىزمەت قىلىدۇ. بەزىلەر ھەتتا كېچىسى ئىشلەپ كۈندۈزى ئارام ئالىدۇ.شۇڭا،مەن ئويلايمەنكى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى پەقەت بىزنىڭ خىزمەت ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىمىزنى بىكىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس. ھەممىمىز بىلىمىزكى، ئۆسۈملۈك مىتابولىزىمى نەپەسلىنىش ۋە فوتوسىنتىزدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىكى، نەپەسلىنىش پەقەتلا كۈندۈزى، فوتوسىنتىز پەقەتلا كېچىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېچە بولمىسا فوتوسىنتىز بولمايدۇ، فوتوسىنتىز بولمىسا ئوكسىگىن ئاجرىلىپ چىقمايدۇ.ئوكسىگىن بولمىغانىكەن،ئوكسىگىنغا تايىنىپ ياشايدىغان جانلىقلار مەۋجۇت بولالمايدۇ. بۇ جانلىقلار بولمىسا ، كاربون تۆت ئوكسىدىمۇ ئاجرىلىپ چىقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرمۇ ياشىيالمايدۇ. دىمەك ، ھىچقانداق جانلىق مەۋجۇت بولالمايدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى بىر بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىرسىنىڭ بولۇپ بىرسىنىڭ بولماسلىقى ، مۇمكىن ئەمەس. ئىككىلىسى بولغاندىلا ئاندىن ،مەن .... سىز ... ئۇ...باشقىلار،..ھايۋانلار... ئۆسۈملۈكلەر مەۋجۇت بولالايدۇ.مانا بۇلار كېچە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى.
7. موھتاجلىق مۇناسىۋىتى
‹‹ مەلۇم بىر كۈچلۈك بىر مەخلۇق ئۆزىدىن ئاجىز مەخلۇققا موھتاج بولغان بولسا، بۇ موھتاجلىق ئۆزىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان شەيئى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بولىدۇ. ئۆزىدىن ئاجىز بولغان مەخلۇق ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ موھتاجلىق شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. ئەمما كۈچلۈك مەخلۇق ئۆزىدىن ئاجىز بولغان مەخلۇققا نىسبەتەن موھتاجلىق شەكىللەندۈرەلەيدۇ.››
ئەمدى بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرەي:
ھەممىمىز ئىتراپ قىلىمىزكى، ئىنسان دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مەخلۇق. بارلىق ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. ئويلىنىشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى، ئىنسان بويسۇندۇرغان ئاشۇ شەيئىلەر مەۋجۇت بولمىسا ئىنسان ياشىيالمايدۇ. دىمەك، ئىنسان ئۆزىدىن ئاجىز بولغان مەخلۇقلارغا موھتاج بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەم سۇنى باشقۇرالايدۇ، ھاۋانى باشقۇرالايدۇ، ئەمما سۇ، ھاۋا بولمىسا ئىنساننىڭ ھاياتلىقىمۇ بولمايدۇ. ئادەم قويدىن كۈچلۈك، شۇڭا قوينى باشقۇرالايدۇ، ئەگەر قوينى قوتانغا سولاپ قويساق، قوي چوقۇم ئىنساننىڭ ئوت- سۇ بېرىشىگە، قوتاندىن چىقىرىۋېتىشىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساندىكى ھاۋا سۇلارغا بولغان بۇ موھتاجلىقنى كىم بارلىققا كەلتۈرگەن؟ ھەرگىزمۇ ھاۋا، سۇ بارلىققا كەلتۈرمىگەن. ئۇ ئىككىلىسى ئىنساندىن ئاجىز تۇرسا، قانداقمۇ ئۆزىدىن كۈچلۈك مەخلۇققا بۇنداق چەكلىمە قويالىسۇن؟ بۇ موھتاجلىق ئېنىقكى ئىنساندىنمۇ كۈچلۈك بىر زات تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇ كۈچلۈك زات دەل ئاللاھتۇر!!! 8.‹‹جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا،تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.››
فىزىكا دەرسلىكىدە يۇقىرقىدەك مەزمۇن بار. بۇ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ھەم پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلغان نىيوتۇننىڭ 1- قانۇنى.
كائىناتقا قاراپ باقساق،كائىنات تىنىچ ھالىتىنى ساقلىدىمۇ؟ ياق توختىماستىن ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. ئەمىسە، تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ھاقلىيالىدىمۇ؟ياق،توختىماي ئۆزگىرش يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا كائىناتتىكى بۇ ئۆز گىرىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟ دەل سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىندۇر.بۇ سىرتقى كۆچ قايسى؟ بۇ كائىنات سىرتىدىكى قۇدرەتلىك زاتنىڭ كۈچى.
9. ۋاقىت ئۇقۇمى ھەققىدە
بەزىلەر شۇنداق ئويلىشىدۇ: ئەگەر بۇ ئالەم ئەزەلدىن بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئالەم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتا نىمە ئىشلار يۈز بەرگەن؟ ۋاقىت دىگەنلىك - زامان دىگەنلىكتۇر. كائىنات دىگەنلىك - ماكان دىگەنلىكتۇر. ماكانسىز زامان، زامانسىز ماكان مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. زامان ( ۋاقىت) بولغاندىلا ئاندىن ماكان ( كائىنات)مەۋجۇت بولالايدۇ. ماكان ( كائىنات) بولغاندىلا ئاندىن زامان ( ۋاقىت)مەۋجۇت بولالايدۇ. ئىككىسى بىر بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ۋاقىت مۇشۇ كائىناتتىكى ۋاقىتتىن ئىبارەت. شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، بىز ئېيتىۋاتقان بۇ ۋاقىت كائىنات بولمىغان شارائىتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىت كائىناتتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. شۇڭا ئېيتىشقا بولىدۇكى، زامان ماكاننى بەلگىلەيدۇ، ماكان زامان ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى تاپىدۇ، زامان بولسا ماكان ئارقىلىپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئىككىلىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئالەم بالىققا كېلىشتىن ئىلگىرى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى بۇ ۋاقىتمۇ يوق ئىدى. بىزنىڭ كائىنات سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر ئىش ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا قۇدرىتىمىز يەتمەيدۇ. بىزنىڭ ئەقلىمىز، ھىس تۇيغۇمىز ....كائىنات ئىچىدە چەكلەنگەن. شۇڭا كائىنات يارىتىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىشلارنى تەپەككۇر ئارقىلىق ھىس قىلالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. كائىناتنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا بىزنىڭ ئەقلىمىز يەتمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ بىزنىڭ ئەقلىمىزنى چەكلىك قىلىپ ياراتقان.
10.ئاللاھ بىرمۇ ياكى كۆپمۇ؟ يۇقىرقىلاردىن پۈتكۈل ئالەمدىكى نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقى ئايان بولدى.
ئۇنداقتا ئاللاھ بىرمۇ ياكى كۆپمۇ؟
ئاللاھ بىردۇر. ئىسپات:
ياراتقۇچى (خالىق (بولغانىكەن ئۇ يارالغۇچىلارغا(مەخلۇقلارغا) ئوخشىماسلىقى ، ئۇلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرۇشى ۋە ئۇلاردىن ئۆستۈن تۇرۇشى كېرەك.
قارايدىغان بولساق كائىناتتىكى ھىچقانداق مەخلۇق يەككە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇنداق بولغانىكەن ياراتقۇچى (خالىق) يەككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى كېرەك.مەخلۇق كۆپ بولغانىكەن خالىق بىر بولۇشى كېرەك.( چۈنكى خالىق دىگەن مەخلۇققا ئوخشاپ قالمايدۇ .)بۇلار دىگەن خالىق بولغۇچىدا بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەتلەر. مەخلۇقتا خالىقنىڭ سۈپەتلىرى بولمايدۇ.
ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكى ، ھىچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغانلىقى:
يۇقىرىدا ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ كائىناتتىكى ھىچقانداق شەيئى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان. بۇ مەخلۇقنىڭ سۈپىتى، خالىقنىڭ سۈپىتى مەخلۇقنىڭكىگە ئوخشاپ قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت. بولمىسا ئۇ قانداقمۇ خالىق بولالىسۇن؟ مەخلۇقلار باشقىغا مۇھتاج بولىدۇ، ئاجىزلىقى بولىدۇ. خالىق بولغانىكەن مەخلۇققا ئوخشاش موھتاج بولماسلىقى، ئاجىز بولماسلىقى كېرەك. بۇ دىگەن خالىق بولۇشنىڭ شەرتى.
بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،
ئاللاھ بار،
ئاللاھ بىر ،
ئاللاھ ئەزەلدىن مەۋجۇت،
ئاللاھ ھىچ نەرسىگە موھتاج ئەمەس،
ئاللاھ ھەممىگە قادىر،
ئاللا قۇدرەتلىك،
...
...
...
مانا - بىز تۇنۇشىمىز كېرەك بولغان ھەقىقى ئاللاھ.
يەنە كۈرمىڭ دەلىللەر بار. ئەمما بىر دەلىل كەلتۈرسەكمۇ ئەقىللەرنى قانائەت ھاسىل قىلدۇرالىسا شۇ كۇپايە.
بۇنىڭغا دەلىللەر يۇلتۇزدەك تولا،
مۇنبەردە شۇنچىلىك يازساممۇ بولا،
ئەگەردە بۇلاردىن ھىس قىلالمىساڭ،
قېپقالغان دەلىلنى قۇرئاندىن سورا.
ئاللاھ تەپەككۇر قىلغۇچى قەلىپلەرگە ئاشكارىدۇر!!!
قولۇپلانغان قەلىپلەرگە يوشۇرۇندۇر!!!
تەبىئەت ۋە جەمىيەت ئۈستىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئويلانغانلىرىم بەك كۆپ. بەزى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ تۇلۇق چۈشەندۈرۈشكە ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمىدى. بۇلارنى بىر نەچچە بەت قەغەز يۈزىدە تۈگەتكىلى بولمايدۇ، يۇقىرقىلار دۇنيا ھەققىدە ئويلانغانلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ زۈرۈر بولغان ئاز بىر قىسمى خالاس.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئىنساننى زىمىندىكى ئەڭ ئۇلۇغ مەخلۇققا ئايلاندۇرغان ئەقىل ھەممىمىزدە بار. ئاشۇ ئەقىلنى ئىشقا سالساق، ھەرقاندىقىمىز ھەقىقەتنىڭ نىمىلىكىنى، ساختىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئىنساننىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، نەگە بارىدىغانلىقىنى، بۇ دۇنيادا قانداق ياشاش لازىملىقىنى بىلىپ يېتەلەيمىز، دەپ قارايمەن. شۇڭا ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ ئەقلىنىڭ داتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشىنى، ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى، ماھىيىتىنى ھەم ئۇنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي ھىس قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
تىما ئىگىسى: مۇتەپەككۇر
رەتلەنگەن ۋاقتى: 2011- يىل 3-ئاينىڭ 29- كۈنى(كەچ)
[ بۇ يازمىنىmutepekkur 2011-03-29 00:10قايتا تەھرىرل ]