(بەش ئايدا يەڭگىگەن كىلىن ئېغىزىدىن )
نىمە ھەسىرەت يۇتىسەن ئاتا ،
بىز نىمىنى قىپتىمىز خاتا ،
ھەيران قالما بەش ئايدا تۇغسام ،
پەخىرلىنىپ نەۋرەڭدىن ياشا .
بەلكىم سىنىڭ ئەمەستۇ نەۋرە ،
ئوغلۇڭ "بالام"دىسىمۇ گەرچە ،
مەنمۇ ئىنىق دەپ بىرەلمەيمەن ،
ساناپ باقسام چىقتى ئوننەچچە .
قىردۇرۇشقا بولمىدى مۇمكىن ،
كۆپ قىردۇرۇپ تۈگەپتۇ ئىمكان ،
يەڭگىدىم مەن تۇلۇق ئون ئايدا ،
بەش ئاي ئۇچۇق بەش ئايى پىنھان .
مەندىن ئارتۇق ئاغرىنىپ يۈرمەڭ ،
مىنى بىلىپ ئالدى ئوغلىڭىز ،
سىزمۇ بىلگەن توي كۈنى بەلكىم ،
"قۇرۇق"تۇرسا ،سالغان كۆرپىڭىز .
باشتا كىلىن تاللىغان چاغدا ،
ئىتقاد ئەمەس ،خىزمەتنى تاللاپ ،
رازى بۇلۇپ قىلىپ بىرىپ توي ،
ئەمدى يۈرمەڭ ،يىغلاپ يامانلاپ .
يۈز يىل بۇرۇن ھەرەمگە بارسا ،
ئىككى - ئۈچ يىل ۋاقت كېتەتتى ،
مانا ھازىر خوتەندىن چىقىپ ،
بىركۈندىلا ھەرەمگە يەتتى .
توخۇلارمۇ تېز-تېز چوڭ بولدى ،
قوي -كالىمۇ تېزلىشىپ كەتتى ،
يۇقرى ئۈنۈم يۇقرى تېخنىكا ،
تۇرمۇشىمىزغا بىرلىشىپ كەتتى .
شۇڭا مەنمۇ بەش ئايدا تۇغسام ،
تەرەققىيات - يۇقرى تېخنىكا ،
بۇلۇپ يۇرمەڭ يامان ئويلاردا ،
ماڭا تۆھمەت چاپلىماڭ بىكا .
مەن ئۇقۇغان سەۋيىلىك ئايال ،
تەربىيەنى قىلاي مەن قۇبۇل ،
ئىككىنچىسىنى يەڭگەي ئون ئايدا ،
بەس...!. ئۆتكەنگە، قىلمايلى غولغۇل.