(بەش ئايدا يەڭگىگەن كىلىن ئېغىزىدىن ) نىمە ھەسىرەت يۇتىسەن ئاتا ، بىز نىمىنى قىپتىمىز خاتا ، ھەيران قالما بەش ئايدا تۇغسام ، پەخىرلىنىپ نەۋرەڭدىن ياشا . بەلكىم سىنىڭ ئەمەستۇ نەۋرە ، ئوغلۇڭ "بالام"دىسىمۇ گەرچە ، مەنمۇ ئىنىق دەپ بىرەلمەيمەن ، ساناپ باقسام چىقتى ئوننەچچە . قىردۇرۇشقا بولمىدى مۇمكىن ، كۆپ قىردۇرۇپ تۈگەپتۇ ئىمكان ، يەڭگىدىم مەن تۇلۇق ئون ئايدا ، بەش ئاي ئۇچۇق بەش ئايى پىنھان . مەندىن ئارتۇق ئاغرىنىپ يۈرمەڭ ، مىنى بىلىپ ئالدى ئوغلىڭىز ، سىزمۇ بىلگەن توي كۈنى بەلكىم ، "قۇرۇق"تۇرسا ،سالغان كۆرپىڭىز . باشتا كىلىن تاللىغان چاغدا ، ئىتقاد ئەمەس ،خىزمەتنى تاللاپ ، رازى بۇلۇپ قىلىپ بىرىپ توي ، ئەمدى يۈرمەڭ ،يىغلاپ يامانلاپ . يۈز يىل بۇرۇن ھەرەمگە بارسا ، ئىككى - ئۈچ يىل ۋاقت كېتەتتى ، مانا ھازىر خوتەندىن چىقىپ ، بىركۈندىلا ھەرەمگە يەتتى . توخۇلارمۇ تېز-تېز چوڭ بولدى ، قوي -كالىمۇ تېزلىشىپ كەتتى ، يۇقرى ئۈنۈم يۇقرى تېخنىكا ، تۇرمۇشىمىزغا بىرلىشىپ كەتتى . شۇڭا مەنمۇ بەش ئايدا تۇغسام ، تەرەققىيات - يۇقرى تېخنىكا ، بۇلۇپ يۇرمەڭ يامان ئويلاردا ، ماڭا تۆھمەت چاپلىماڭ بىكا . مەن ئۇقۇغان سەۋيىلىك ئايال ، تەربىيەنى قىلاي مەن قۇبۇل ، ئىككىنچىسىنى يەڭگەي ئون ئايدا ، بەس...!. ئۆتكەنگە، قىلمايلى غولغۇل. |