ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : خوتۇن ئېلىشتا ئايال كىشىنىڭ پۇل مېلى ، شان شەرىپى ، ھۆسنى جامالى ۋە دىنايىتى كۆزدە تۇتىلىدۇ ، دىيانەتلىك خوتۇننى ئالغىن ، ئاللاھ سىنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلىدۇ .
ھازىر جەمىيىتىمىزدە كۆپ قىسىم ئاتا ئانا ، يىگىتلەر قىزلارنىڭ ئىمانى ، ئەخلاقى ، كىيىم كىچىكى بىلەن ھىساپلاشمايدۇ . ئىسلامچە كىيىنگەن قىز ئاياللارنى مەتۇ كۆرىدۇ . مودىكەش قىزلار چىرايلىق كۆرىنىدۇ . يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ قىز ئاياللارنىڭ پادىچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپلا كەتتى . يىگىتلەر ھەقىقىي مۇسۇلماندەك مودىكەش قىزلارغا كۆز قىرىنى سالمىغان بولسا ، ئاتا ئانىلار باللىرىنىڭ ئىسلامى تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا قىزلىرىمىزنىڭ ياۋرۇپاچە كىيىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلاتتى .