باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2247 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئات ئالساڭ تاينى ئالما، خوتۇن ئالساڭ باينى ئالما!
دوستلىشىش
مۇھەممەد(0998)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11383
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 941 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-20
ئاخىرقى: 2012-05-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 08:11

ئات ئالساڭ تاينى ئالما، خوتۇن ئالساڭ باينى ئالما!

   (كۈلدۈرگە)
  
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
  
    ھەي ئادىشىم، ماۋۇ دۇنيا نېمە بولۇپ كېتىپ بارغاندۇ، خوتۇن ئالساڭ بالادا قالىدىكەنسەن، ئالمىساڭ تالادا قالىدىكەنسەن. ئانامنىڭ: بالام بىزدە ‹‹خوتۇن تاللىغان تازغا ئۇچراپتۇ، ئەر تاللىغان مازغا ئۇچراپتۇ››، دېگەن گەپ بار. ‹‹توي قىلىشقا ئالدىرمىغىن، گېپىمنى ئاڭلاپ، ھەر جەھەتتىن ئۆزۈڭدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىزنى ئالغىن››، دېگەن گېپىگە كىرمەي توي قىلغانغا تويدۇم مانا.
    نېمە بولدى دېدىڭما، ھەي، دەپ كەلسەم گەپ تولا، دېمىسەم دەرد تولا. نېمە دەي، ئەمدى ساڭا ئاداش. ‹‹ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا›› دەيمۇ. ھەي مەن بىلمەپتىمەن، ئەسلىدە ‹‹قىزنىڭ كۆزى ئوسمىدىكەن، تازنىڭ كۆزى پوسمىدىكەن›› ئەمەسمۇ. ئاڭلا، ئاداش ساڭا دەي، ئۆزۈڭ بىلىسەن، مەن يۈزۈم تۆۋەن، نەزىرىم ئۈستۈن يىگىت بولغىنىم ئۈچۈن، قىزلار بىلەن بېرىش – كېلىش، ئېلىش – بېرىشلەرنى تازا قىلالماي كەلگەنىدىم، مانا ئىككى يىل بولاي دېدى، باشقىلاردىن سوراپ، خېلى ئوزۇن ئىزدەپ، ئوسما ئالغاندەك خىللاپ، پوسما ئالغاندەك تاللاپ ئاران تەستە خىزمەت دېسە خىزمىتى، ئىززەت دېسە ئىززىتى، بوي دېسە بويى، قوي دېسە قويى تەل، ئاتا–ئانىسىنىڭ نام–ئاتىقى، ئىككى يەردە ئىمارىتى، داڭلىق ماركىلىق پىكاپى، بىخەتەرلىك ئىشكاپى بار مائاشلىق خېمىدىن بىرىگە ئۆيلىنىۋالغانىدىم. ئۆيلەنمەستە ئۆيۈم يوقتى، مانا پۇلدار باينىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپتىكەنمەن، زامانىۋى شەھەردە بىر ئوبدان ئۆيلۈك بولۇپ قالدىم. ئۆيلەنگەن كۈنۈمدىن باشلاپ قولۇم–قوشنىلار ئاتا–ئانامغا، دوست–بۇرادەرلىرىم ماڭا ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. مەن خوتۇنۇمدىن، قېيىنئاتا، قېيىنئانىلىرىمدىن خېلى بىر ۋاقلارغىچە پەخىرلىنىپ، غازدەك غادىيىپ، توزدەك كۆرەڭلەپ يۈردۈم، دوست-بۇرادەرلىرىم ئۆيۈمگە كىرىپ قالسا پونى زەي سالماي ئاتاتتىم، بىراق ئىچىمدىكى دەردىمنى ئۆزۈملا بىلگەچكە، دوستلىرىم كېتىشى بىلەن تەڭ خورەك تارتىپ ياتاتتىم. ساڭا نېمە دەرد كەلدى دەمسەن، نېمە دەرد بولاتتى، شۇ بويىنى كۆرمەي ئات ئالغىنىمنىڭ، خۇيىنى كۆرمەي خوتۇن ئالغىنىمنىڭ دەردى بولمامدۇ؟ ھەي مەندىن ئىبرەت، مەندىن ئىبرەت. ئانام بىچارىنىڭ:
    خوتۇن ئالساڭ قولى گۈلنى ئال،
    بولار ئۆيدىن ئۈچ ۋاخ تامىقىڭ.
    كىرگىنىڭدە خىزمەتتىن چۈشۈپ،
    تۈگەپ كېتەر ھېرىپ-چارچىشىڭ.

    خوتۇن ئالساڭ ۋاپادارنى ئال،
    تاندۇرمايدۇ ئاتا – ئاناڭدىن،
    شۈكرى بىلەن ئۆتىدۇ دائىم،
    ھېچ زارلانماس نامراتلىقىڭدىن.
    دېگەن نەسھىتىگە قۇلاق سالماي، باي خوتۇننى ئېلىپ بولۇشۇم مۇشۇ بولدى. نېمە بولدى دېدىڭما، ھەي سەن بىلمەيسەن ئاداش، مەن خوتۇمنى ئالماستا، ئۇنىڭ چىرايىغا، ئاتا–ئانىسىنىڭ پۇلىغا، ئايدا چىقىدىغان 4000 سوم مائاشىغا كۆزۈم چۈشۈپ، تاماق ئېتىش، بالا بېقىش دېگەندەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمەيدىغانلىقى بىلەن ئانچە كارىم بولماي، كۆزۈمنى يۇمۇپلا تويلىشىپتىكەنمەن، خوتۇنۇمنىڭ پەقەت بايلىقىنىلا ئويلىشىپتىكەنمەن. توي قىلغان دەسلەپكى چاغلاردا سايماخۇن بولۇپ خوتۇنۇمنىڭ تامىقىنى ئېتىپ يۈردۈم، پات–پات تېخى پايپاقلىرىنىمۇ يۇيۇپ يۈردۈم. خوتۇنۇمغا نەچچە قېتىم تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىپ باققان بولساممۇ، كىچىكىدىن قىلىپ ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، تاماق ئېتىشكە قولى زادىلا كەلمىدى، ئاخىرى ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ تاماق ئېتىش ۋەزىپىسىنى ماڭىلا ئۆتكۈزۈپ بەردى، شۇنىڭدىن باشلاپ ماڭا پەقەتلا ئارام بولمىدى. ھەي نېمە ئامال ‹‹ئادەم دېگەن ھەممىگە كۆنۈپ قالىدىكەن››، ئۆينىڭ ئىچىدە ھېچكىم كۆرمىگەندىن كېيىن، مەنمۇ خوتۇنۇمنى توغرا چۈشىنىپ بارا-بارا تاماق ئېتىشكىمۇ كۆنۈپ قالدىم. ئۆيىمىزدىكى پەشتاما ئۇچامغا چىقمىغان كۈنلىرى، ئىككىمىزنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىمىز ئاساسەن سىرتتىن بولاتتى. بىز تاكى بالىمىز تۇغۇلغۇچە، يېڭىدىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز–يىگىتلەرگە ئوخشاش سىرتتىكى ‹‹كېندېجى، ئېمتېجى، سەمىتھاجى›› دېگەندەك ناملار قويۇلغان ئاشپۇزۇللاردىن تاماق يەپ يۈردۇق. خوتۇنۇمنىڭ مائاشى خېلى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىمىزنىمۇ خوتۇنۇمنىڭ ئاتا–ئانىسى تەل قىلىپ بەرگەچكە، پۇلدىن قىينىلىپ كەتمىدۇق. ئاداش سەن بولساڭمۇ گېمىنى ئاڭلا:
    خوتۇن ئالساڭ تەدبىرلىكنى ئال،
    ئىزدىمەيسەن بالا باققۇچى.
    ئاي ئاخىرى ھەم بېشى ئوخشاش،
    كۈلۈپ تۇرۇشى ساڭا ياققۇسى.

    خوتۇن ئالساڭ خۇش پېئىلنى ئال،
    غادايمايدۇ ھەر قاچان ساڭا.
    ئۆي ئىشىغا يولاتماس سېنى،
    كۈندە كىرسىز تۇرىدۇ ياقا.
    ھەي ئاداش، بىلمەيسەن، ھازىر مېنىڭ كاللام قاپاق، كۆزۈم چاپاق. نېمە بولدى دېمەمسەن، خوتۇم ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى چاتاق بالىمىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ رەسمىي چىقىشقا باشلىدى، مۇنداقچە ئېيتسام، ئۆيىمىزگە بالا تۇغۇلدى، بېشىمىزغا بالا تۇغۇلدى. خوتۇنۇم پۇلدار ئائىلىدە ئەتىۋارلىنىپ چوڭ بولغانلىقتىن بالا بېقىشتىن ئەسلا خەۋىرى يوق ئىدى، ئامالسىزلىقتىن بىز ئۆيىمىزگە بالا باققۇچى تەكلىپ قىلدۇق، كېيىن خوتۇنۇم بالا باققۇچىدىن قۇسۇر تېپىلىۋەرگەچكە، ئۇ بالا باققۇچى كېتىپ قالدى، ئامالسىزلىقتىن بالا بېقىش ۋەزىپىسىمۇ ماڭا قالدى. ئاداش، بىلمەيسەن، بالا دېگەننىڭ غەلۋىسى تولا بولىدىكەن. ‹‹بىر دەم مە مە دەۋاتقان، بىر دەم ئىمىمە دەۋاتقان››، ئۆزەڭ ئويلاپ باقمامسەن، مەن قانداقمۇ بالىنى ئېمىتەلەيمەن. بارچە دەردلىرىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە خوتۇنۇم ماڭا بىر خىل سوغۇق ئەلپازدا:
    ـــ مۆمىن، بۈگۈن ئىدارىدە سېمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەنمەن، ماۋۇ كىرلەرنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، تامىقىڭنى ئېتىپ يېگىن، مەن كەچرەك قايتىپ كېلىمەن، بولامدۇ؟ ـــ دېدى. مەن جاۋابەن:
    ـــ ۋاي بولمامتى خوتۇنۇم، ئەلۋەتتە بولىدۇ، تازا بولىدۇ. مەن ئەر كىشى بولغاندىن كېيىن، كىر يۇيۇشۇم، تاماق ئېتىشىم، بالا بېقىشىم كېرەك، سىلە پۇل تېپىپ مالال بولۇپ قالدىڭلا، خوتۇن كىشى بولغاندىن كېيىن كەچرەك قايتىپ كېلىڭلا، بولمىسا بالا يىغلاپ بېشىڭلىنى ئاغرىتىپ سالمىسۇن يەنە، ـــ دېۋىدىم. بۇ تاۋى نازۇك خوتۇنۇمغا گەپلىرىم تەنە تويۇلۇپ كەتتى بولغاي ماڭا شۇنداق ئالايدى-دە:
    ـــ ھە نېمە، ئۇنداق قىلغۇڭ يوق ئوخشىمامدۇ، يا بولمىسا مەن ئۆيدە ئولتۇراي، ئىشىمنى سەن قىلامسەن، ـــ دەپلا كايىپ كەتتى.
    ـــ نېمىگە كايىيسەن، مەن دېگەن ئەر كىشى ئوقۇپ قوي، ـــ دېدىم مەن خوتۇنۇمغا بوشراق ئاۋازدا.
    ـــ خوتۇنۇمنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپ قالدى بولغاي، خۇددى مېنى ھازىرلا يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا ماڭا:
    ـــ ھەي، ئوقۇپ قوي، سەن ئەر كىشىما، سېنىڭ نەرىڭ ئەر كىشى، يەۋاتقىنىڭ كىمنىڭ ئېشى، دەسسەۋاتقىنىڭ كىمنىڭ ئۆيى، خەجلەۋاتقىنىڭ كىمنىڭ پۇلى، ـــ دېمەسمۇ، ئاچچىقىم غۇژژىدە كەلدى:
    ـــ سەن، سەن نېمە دېمەكچى؟
    ـــ ما ئۆيدىن ھازىرلا چىق دېمەكچى.
    خوتۇنۇمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ بېشىمغا بىر چېلەك سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى-دە، ئەرلىك غۇرۇرمنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن ئوماق بالامغا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا چاپىنىمنى مۈرەمگە ئارتىپ، ھەممىدىن ۋاز كېچىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئاداش، ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، مانا ھازىر مېنىڭ ھالىم خاراپ، ئىچىشىم شاراپ. بۇ خوتۇن خەقنىڭ قولىدىكى بايلىق ھامان ئىشىك بېشىدا ئېسىقلىق تۇرىدىكەن. سەن مۇشۇ ئىشىكتىن ھەر بىر ئۆتسەڭ شۇ بايلىقى بېشىڭغا توقماقتەك تېگىدىكەن، ئاخىرى بىر كۈنى بۇ توقماق بېشىڭنى يارىدىكەن. شۇڭا ئادىشىم مەندىن ئىبرەت ئال، نەپسىڭگە يۈگەن سال. خوتۇن ئالساڭ، قەلەم قېشىغا ئەمەس، ئەتكەن ئېشىغا، مائاشىغا ئەمەس، ساداقىتىگە قارا. ئاتا–ئانىسىنىڭ بايلىقىغا ئەمەس، ساڭا بولغان مايىللىقىغا، خوتۇنۇڭنىڭ قابىلىيىتىگە ئەمەس، ئۆزەڭنىڭ قابىللىقىغا باق. ئاداش مەندىن چوقۇم ئىبرەت ئالغىن، مۇنۇ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن:
    خوتۇن ئالساڭ قانائەتلىكنى ئال،
    ئۆزگىلەرگە قىلماس ھېچ ھەۋەس.
    چىن مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ساڭا،
    تاغ بىلىدۇ بولساڭمۇ ئەلەس.

    خوتۇن ئالساڭ تېجەشلىكنى ئال،
    تاپقان پۇلۇڭ بولار بەرىكەتلىك.
    بەسلەشمەيدۇ چوڭچىلار بىلەن،
    شۇندا بولار بالاڭ شەپقەتلىك.
    ئاداش، خوتۇن ئالغىن، بىراق باينى ئالمىغىن، ئات ئالغىن، بىراق تاينى ئالمىغىن. ھەرگىزمۇ مەندەك بىر ئۆينى دەپ، بىر ئۆمۈرلۈك بەختىڭدىن، باي خوتۇننى دەپ، بالا پۇشتۇڭدىن ئايرىلىپ، كوچىلاردا سەرسان، ئۆز دەردىڭدە غەمخان بولۇپ ئېزىپ قالمىغىن
مەمەتيۇسۇپ