ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم . ( بۇتېما بىرەر مەسىلىگە پەلسەپەدىن جاۋاب ئىزدەش ئەمەس، بەلكى ماھىيتىنى چۇشەندۇرۇش مەقسىتىدە يىزىلدى ) ( مۇۋەپىقىيەت اللاھدىندۇر )
داۋامىنى يېزىشتىن ئاۋال شۇنى ئەسكەرتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم : قىسمەن كىشلەر نەزىرىدە ئىسلام پەيلاسۇپلىرى دەپ تونۇلۇپ كىلىۋاتقان فارابى، ئىبىن سىنا قاتارلىق كىشلەرنىڭ كىمنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكى ، بۇلارنىڭ زادى بىزگە نىمە ئىلىپ كەلگەنلىكىنى ئالدىنقى يازمامدا قىسقىچە دەپ ئۆتتۇم ، بەلكىم يەنە توختىلىشىم مۆمكىن . ئەستايدىل ئوقۇسىڭىز مەقسەتنى چۇشىنەلەيسىز شۇڭا بۇنى قېرىنداشلارنىڭ ئەقىلىگە ھاۋالە قىلدىم ، ئۇلار توغرىسىدا كۆپ سۆزلەپ ئىختىلاپ پەيدا قىلغۇم ، ھەم تېمىنىڭ باشقا ياققا بۇرۇلۇپ سەلبى نەتىجە كەلتۇرۇشىنى خالىمىدىم .
ئەمدى نۆۋەت :
2. لوگىكا پەنلىرى ؛ بۇلاردىمۇ ئىنكار ياكى قوللاش بويىچە دىنغا چېتىلىدىغان ھېچ قانداق نەرسە يوق . ئەكسىچە ، دەلىل پاكىت كەلتۇرۇش يوللىرى ، ھەر خىل ئۆلچەم ئەندىزە ،ھۆكۇمنىڭ ئالدىنقى شەرىتلىرى ، ھۆكۇمنىڭ قانداق تۇزۇلىشى ، خۇلاسە چىقىرىش ، ئاساسنىڭ ئالدىنقى شەرتى ، ئاساسنىڭ نىمىدىن تەركىپ تاپقانلىقى ، توغرا تەبىرنىڭ شەرتى ۋە ئۈسۇلى ، بىلىمنىڭ تەسەۋۇر ۋە ئىنىق ھۆكۇمدىن ئىبارەت بولىدىغانلىقى ، بىلىمنىڭ تەبىرىنىڭ ئۇقۇم ئارقىلىق بىلىندىغانلىقى ھۆكۇم تۇرىدىكى بىلىمىنىڭ ئىسپات ،ھۆججەت ئارقىلىق بىلىندىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ ، لوگىكا ئىلمى تەتقىق قىلىدىغان يۇقۇرقى تېمىلاردا ئىنكار قىلغىدەك ھىچ نەرسە يوق . بەلكى ئۇلار كالامچىلار ۋە باشقا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دەلىل - ئىسپات توغرىسىكى بايانلىرى بىلەن پەرىقىلىنىپ كەتمەيدۇ . بىراق بۇلارنىڭ كالامچىلار بىلەن پەرقى شۇكى بۇلار ئۆزگىچىرەك ئاتالغۇلارنى ئىشلتىدۇ . ئۇلار مەسىلىلەرنى تەبىرلەش ۋە تارماقلاشتا بەك تۇجۇپلەپ كېتىدۇ . ئەگەر بىراۋ چىقىپ لوگىكا ئىلمىنى ئىنكار قىلغان تەقدىردە ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى لوگىكا ئىلمى ۋە لوگىكا ئالىملىرىنى چۇشەنمەيلا قالماستىن ، ئەڭ موھىمى ئۆزى ئەقىدە قىلىۋاتقان ، ئۆزىچە بۇ ئىلىملەرگە قارشى تۇرۇدۇ،دەپ قالغان ئىسلام دىنىنى چۇشەنمەيدىغانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ .
بىراق لوگىكا ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ ئىلمنى توغرا ئشىلىتەلمىدى . ئۇلار لوگىكىدىكى ئاساسىي ئۇقۇمغا كېتەرلىك شەرىتلەرنى توپلىدى . بىراق ئۇلار ئىزدىنىش جەريانىدا دىنىي مەسىللەرگە يولۇققان چاغدا، ئاساس توغرىسىدىكى شەرىتلەرگە ئەمەل قىلمىدى . ئەمەل قىلمىدىلا ئەمەس ، شەرىت قائىدىلەرنى جانلىق ئىشلىتىشتە خېلى دەرىجىدە سۇسلۇق قىلدى .
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا لوگكىنى ياخشى كورىدىغان ۋە ئۇنڭىدىكى قائىدىلەرنى توغرا دەپ قارايدىغان كىشلەر ئۇنىڭدىكى ھەر بىلىمگە ئىشەنىچ بىلەن قاراش نەتىجىسىدە ، لوگىكا ئالىملىرىدىن سادىر بولغان كۇفرانى بىلىملەرنىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسىي بولۇشى كىرەك ، دېگەن ئويغا كىلىپ قالىدۇ - دە ، دىنىي ، ئىلاھى بىلىملەرنى چوڭقۇر ئۇگۇنۇپ باقمايلا دىنغا تىل تەككۇزۇشكە ئالدىرايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىلىممۇ ئەقىدىگە زىيان سالىدىغان بىر نەرسگە ئايلىنىپ قالىدۇ .
3. تەبىئەت پەنلىرى ؛ بۇ ئىلىم ئاسمان ۋە ئۇنىڭدىكى يۇلتۇزلار ، زېمىندىكى سۇ ، ھاۋا ، تۇپراق ، ئوتقا ئوخشاش يەككە جىسىملار ، ھايۋانات ، ئۆسۇملۇك مەدەنلەرگە ئوخشاش بىرىكمە جىسىملار ۋە ئۇلاردىكى ھەر خىل ئۆزگىرىش ، چېكىنىش ۋە ئۆز ئارا بىرىكىش جەريانى ۋە سەۋەبلەر توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ .
ئىنسان بەدىنىدىكى رەئىس ئەزالار ، خادىم ئەزالار ھەمدە مىزاج ئۆزگىرشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشلەردە تىبابەت ئىلمىگە ئوخشاپ كىتىدۇ . بۇنىڭغا كەلگەندە دىندا تىبابەتنى ئىنكار قىلىشنى بولمىغاندەك ، بۇ ئىلىمىنى ئىنكار قىلىش يوق . لېكن ياخشىراق قاراپ باقساق ، بۇ ئىلىمدىكى ئايرىم مەسىللەردە بىز ئىنكار قىلىشقا تېگىشلىك مەلۇم نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىمىز . بىز بۇ يەردە سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن قارشى تۇرۇشقا ،رەدىيە بىرىشكە تىگىشلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلى توختالمايمىز . پەقەت خۇلاسىلاپ چۇشەندۇرسەك ، پەقەت بىرلا نەتىجە بار ، ئۇ بولسىمۇ ، تەبىئەت اللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان ، ئۇ اللاھ قا بويسۇنىدۇ . ئۇ ئۆزى تەرىپىدىن ، ئۆزلىگىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۆز ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن ھەركەتلىنىدۇ ، يەر شارى ،
قۇياش ، ئاي ، يۇلتۇزلار ۋە باشقا ئاسمان جىسىمىلىرى اللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ ، ئۇلار ھېچقانداق ئىشتا ئۆزىگە تايانمايدۇ .
4. ئىلاھىيەت پەنلىرى : بۇلاردىكى خاتالىقلار ھەممىسىدىن ئېغىر . بۇلار ئاساس كەلتۇرۇش ئىشلىرىدا لوگىكا ئىلمىدىكى ئۆزلىرى بېكىتكەن ۋە بەرپا قىلغان شەرتلەرگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىدى . شۈڭمۇ ئۇلارنڭ ئارىسىدا دەتالاش ، ئىختىلاپلار كۆپ بولۇپ كەتتى . ئىلاھىيەتچىلەر ئىچىدە ئارستوتىل ئېقىمى فارابى ، ئىبىن سىنا قاتارلىقلارنىڭ تونۇشتۇرشىدىكى مەنبەلەرگە قارىغاندا ، ئىسلامغا خېلى يىقىن تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئومۇميۇزلۇك خاتالىقىلىرى كۇفرى ۋە بىدئەت دەپ ئىككى چوڭ تۇرگە ئايرىشقا بولىدۇ .
ئۇلارنىڭ كۇفرى مەسىلىسىگە كەلسەك ،
بىرىنجى .ئۇلار پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسگە خىلاپ سۆزلەرنىڭ قىلغان . ئۇلار شۇنداق دەپ قاراشتى : << ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن تەن قايتا تىرىلمەيدۇ ، ئاخىرەتتىكى راھەت كۆرۇش ۋە ئازاپ تارتىشلارنىڭ ھەممىسى تەندە ئەمەس ، روھتىلا بولىدۇ >>.ئۇلار بۇ سۆزدە ھەر ھالدا روھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن بولسىمۇ ، ئاخىرەتتىكى ئازاپنىڭ تەنگە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى . ئۇلار بۇنداق دىيىش بىلەن ئەمەلىيەتتە شەرىئەتنى ئنكار قىلدى .
ئىككىنجى ، ئۇلار اللاھ ئومۇمى ئىشلارنى بىلىدۇ ، قىسمەن ئىشلارنى بىلمەيدۇ ، دەپ قارىدى . مانا بۇ ئوپئوچۇق كۇفرىلىق ئىدى . ئەڭ توغرا قاراش : < اللاھقا ئاسمان - زېمىندىكى زەررىچە نەرسە مەخپى قالمايدۇ > ( سۈرە يۇنۇس 61-ئەيەت ) دېگەندىن ئىبارەت ئىدى .
ئۈچىنجى ، ئۇلار ئالەمنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىيلىكنى ئىلگىرى سۈرۇپ ، دۇنيانىڭ باشلىنىشى بولمىغان ۋە ئاخىرلىشىشىمۇ بولمايدۇ ، دەپ قارايدۇ . ھالبۇكى بۇ قاراشلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىگە پۇتۇنلەي خىلاپ بولۇپ ، تىخى ھېچكىم ئۇنداق قاراشتا بولۇپ باققىنى يوق .
ئۇلارنىڭ يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە بىر خاتالىقى اللاھ نىڭ بىر قىسىم سۇپەتلىرىنى يوققا چىقىرشقا كۆرۇلدى . ئۇلار بۇ جەھەتتە مۆئتەزىللەرگە يىقىنلىشىپ قالىدۇ . ئەلۋەتتە مۆئتەزىللەر ئومۇمى جەھەتتىن بۇلاردىن پەرىقىلىق .
5. سىياسەت پەنلىرى : بۇ بىلىملەر ئومۇميۇزلۇك ھالدا بۇ دۇنيادىكى ھوقۇق تۇتۇش ، ھاكىمىيەتچىلىك تەدبىرلىرگە قارىتىلغان . بۇ توغرىدىكى بىلىملەرگە قارىتا اللاھ تەرەپتىن پەيغەمبەرلەگە چۇشەرگەن ئىلاھى كىتاپلار ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەردىن قالغان ھېكمەتلەردىن پايدىلانساق بولىدۇ .
6. ئەخلاق پەنلىرى : پەيلاسۇپلارنىڭ ئەخلاق ئىلمى توغرىسىكى بارلىق قاراشلىرى ئىنسان نەپسى خاھىشى ۋە ئۇنى تۇزەش ، داۋالاش تەدبىرلىرى ، نەپىس - خاھىشنىڭ خۇسۇسىيەت ئالاھىدىكىلىرى ، خىللىرى ، ئۇنى يىڭىش ۋە كۇرەش قىلىش يوللىرى قاتارلىقلارغا بىغىشلانغان . ئۇلار بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئاساسەن زاھىتلاردىن ئالغان ، ئەمەلىيەتتە زاھىد نامىدىكى بۇ كىشلەر ھەر قاچان اللاھنى ئەسلەپ تۇرىدىغان ، دۇنيا ھوزۇرىدىن قول ئۇزۇپ ، اللاھ تەرىپىگە يول سالغان ، كۆڭۇل ئىستەكلىرگە بىرىلمىگەن ئادەملەر ئىدى . بىراق پەيلاسۇپلار ئۆزلىرنىڭ ساختا پىكىرلىرىگە توغرىلىق تۇسىنى بىرىش ۋە ئۇنى ئالقىش تاپتۇرۇش ئۇچۇن ، زاھىتلارنىڭ .ئاشۇ خىل سۆزىلىردىن پايدىلاندى . ھەم بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئۆز سۆزلىرنى ئارلاشتۇرۋەتتى . ھەر بىر دەۋىردە زاھىتلار بولغان ، اللاھ دۇنيانى ھىچقاچان ئۇلارسىز قويمىغان ، چۇنكى ئۇلار زىمىننىڭ مەنىۋى قوزۇقىلىرى ھىساپلىناتتى . ئۇلارنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۇچۇن زېمنىدىكى كىشلەر ئارىسىغا اللاھنىڭ رەھمتى يىغىپ تۇراتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ : < ئۇلار بولغاچقا يامغۇر ھەمدە رىزىققا ئىرىشىسىلەر ، غار ئىگىلىرى --- ئەسھابۇلكەھف شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر > دىگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسى بار .
قۇرئاندىكى بايانلارغا قارىغاندىمۇ ، ئۇلانىڭ قەدىمىقى زامانلاردىمۇ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز . ئەمدى پەيلاسۇپلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىگە پەيغەمبەرلەر ۋەزاھىتلارنىڭ سۆزلىرىنى ئارلاشتۇرۋىتىشتىن كىلىپ چىققان زىيانغا قاراپ باقايلى :
( ئىنشائاللاھ داۋامى بار )
[ بۇ يازمىنىنامسىزمەن 2012-03-29 15:45قايتا تەھرىرلى ]