查看完整版本: [-- پەيلاسۇپلارنىڭ تۈرلىرى ۋە تەسىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> پەيلاسۇپلارنىڭ تۈرلىرى ۋە تەسىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نامسىزمەن 2012-03-28 12:01
............

pakdiyar 2012-03-28 17:34
مەن بىر ئوقۇپ چىقتىم لىكىن تازا چۇشىنەلمىدىم  يەنە بىر نەچچە ئوقىسام چۇشىنەرمەنمۇ  بىلمىدىم  مىنىڭ تەپەككۇرىم توۋەن كەپ قالدى بەلكىم  يەنە ئوقۇي

ق.سىدىق 2012-03-28 18:32
تەشەككۆر،ئەستايىدىل ئىكەنسىز،«كەڭساي»دا ئىلمى كەيپىيات تىخمۇ قويۇقلاشقۇسى!.

salmanuyghur 2012-03-28 22:34
ھازىر بىرەر مەسلىگە قارىتا پەلسەپىۋىلىك جاۋاب ئىزدەش ئانچە توغرا بولماسمىكىن،چۈنكى  بىرىلگەن جاۋاپلار بىلەن پەيلاسوپلارنىڭ سانى تەڭلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.پەقەت توغرا جاۋاپنى مۇسۇلمان پەيلاسوپلا بېرەلەيدۇ.....چۈنكى،پەلسەپىۋى مەسىللەرگە ئىسلامدا پەقەت قۇرئان ۋە سۈننەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىنغان ئاساستا جاۋاپ بىرىلىدۇ.ھەقىقى ئىسلام پەيلاسوپىمۇ مۇشۇ ئىككى سۈزۈك مەنبەگە ئاساسەن پەلسەپىۋى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ،يەنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە چۇڭقۇر چۈكۈپ، شۇ بۇيىنچە تەپەككۇر قىلىدۇ،ئېنىقسىز مەسىللەرگە چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ جاۋاپ بىرىدۇ،سىرلىقلاشتۇرىۋەتمەيدۇ،قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە دىن ئاساسلىرىنى قوغدايدۇ.....مانا بۇ ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ غەيرى ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن تۈپ پەرقى.
ھەقىقى مۇسۇلمان پەيلاسوپ دەپ تەرىپلىنىۋاتقان فارابى بىلەن ئىبىن سىنا گىپىگە كەلسەك،بۇ مۇتەپەككۇرلارنىڭ يازمىلىرىدا ئىسلام مەدىنيەت مۇھىتىدىن ئالغان ئىلھاملىرى بىلەن يۇنان پەلسەپىسىگە زىت قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ،ئەمما يۇنان پەلسەپە دالاسىدا ياشاپ،ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىدىيىلرىنىڭ تۇرىتكىسىدە پىكىر يۈرگۈزگەن.قۇرئان ۋە سۈننەت بۇيىنچە ساغلام پىكىر ئېقىمى كەمچىل دەپ قارىلىۋاتىدۇ....يۇقارقىسى فىقھىشۇناس ئۆلىمالار ۋە سەلەف ئالىملارنىڭ يەكۈنى.....

osmanli 2012-03-29 07:59
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! داۋامىنى كۈتىمىز..

نامسىزمەن 2012-03-29 12:44
چۇشەنمىدىم

salmanuyghur 2012-03-29 13:14
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،مەن سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئاندىن بۇ ئىنكاسنى يازغان ئىدىم،ھەم سىزنىڭ تېمىڭىزنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلىگەن ئىدىم...ئەمما سىز مىنىڭ ئىنكاسىمنى تازا ياخشى ئوقىمىغان ئوخشايسىز،ھەم مەندىن قۇسۇر تېپىۋايىدۇ دەپ ئويلاپ قاپسىز.....كەچۈرۈڭ...چۈشىنىش ياشىسۇن!

نامسىزمەن 2012-03-29 15:59
بىلمىدىم

salmanuyghur 2012-03-29 17:42
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،كەچۈرۈڭ،ئىنكاسىڭىزنى كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن.مەن ئىسلامنى ئەسلى ماھيىتى بىلەن چۈشىنىدىغان كىشلەرگە نىسبەتەن «ئىسلام پەلسەپىسى»«مۇسۇلمان پەيلاسوپ»دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىمەن.چۈنكى ئىسلامدىن باشقا ھەرقانداق نەزىرىيە،پەلسەپىۋى پىكىر،ئېقىم،مەسلەكلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدە ئەلۋەتتە پىكرىمىز ئورتاق ،بۇنىڭدا شەك شۈبھە يوق،ھەق بار يەردە باتىلغا ئۇرۇن يوق....ھەم شۇنداقلا قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەھكەم تۇتۇپ، شۇ بۇيىنچە تەپەككۇر قىلىپ مەسلىنىڭ ھەل قىلىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن  فىقھى ئالىملار ئەلۋەتتە شۇلار پەيلاسوپلار ھېسابلىناتتى....
ئەمما كۇفرى دۇنياسى دۇنيا ئىلىملىرىنى تۈرلەرگە بۈلۈپ پەلسەپە ئىلمى دىگەن بۇ ئىلىمنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ۋە شۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدىكى مۇشكۇلاتلىرىغا دۇرا ئىزدەشتى(ئۇزۇن جەرياننى يازمايلا تومتاق چۈشەندۇردۇم)........بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى نۇرغۇن كىشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە «پەلسەپە»ھۆكۈمىنى قۇرئان ھۆكۈملىرىنىڭ ئۈسىگە قويىۋالىدىغان  «پەيلاسوپ»نى پەيغەمبەردىن ئۇلۇغ كۆرىدىغان ئىشنى كۆپ ئۇچراتتىم..... مەن مۇنازىرە جەريانىدا ئۇلارغا(پەلسەپىنى چوڭ بىلىدىغانلارغا) ھەقىقى پەلسەپە_ ئىسلام پەلسەپىسى،چۈنكى ئۇ ئىلاھىي ۋەھىينى ئاساس ۋە مەنبە قىلغان .ھەقىقى پەيلاسوپ_ «ئىسلام پەيلاسوپلىرى»«ھەقىقى مۇسۇلمان پەيلاسوپلار»،چۈنكى ئۇلار ھەرقانداق ئىشقا ھۆكۈم بىرىشتە ئىلاھىي يولنىڭ تەقەززاسى بۇيىنچە قۇرئان ۋە سۈننەتكە قاتتىق ئاساسلىنىپ ھۆكۈم بىرىدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم....شۇ سەۋەپتىن بۇ ئاتالغۇنى بۇ يەرگە يازغان.بۇ مىنىڭ شەخسىي ئىشلەتمەم..شۇڭا ئەگەر خاتا يىرى بولسا كۆرسەتسىڭىز ئەلۋەتتە قايتۇرۋالىمەن....خاتالىقلىرىم بولسا ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي!...يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى مىنىڭچە بۇنىڭ ئاخىرىغا ئەۋەتمەي ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسىڭىز كۆپراق كىشلەر مەنپەئەتلىنەرمىكىن دىگەن ئۈمۈدتىمەن.....بۇ بىر تەكلىپ خالاس.

salmanuyghur 2012-03-29 17:44
ياكى بولمىسا ھەممە مەزمۇننى بىر قىلىپ ئايرىملا تېما قىلىپ يوللاڭ....

ق.سىدىق 2012-03-30 00:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۆم ئۇسمانلى ئەپەندىم ۋە باشقا نامى ئاتالمىغان ،بۇ ئىشتا ئىزدىنىپ كۆرۆشىنى خالايدىغان تورداشلار!.
ئەرەپ تەبىئى پەن ئالىملىرىنىڭ ھەرقايسى پەنلەرگە،بولۇپمۇ خىمىيىگە تارىختا ئۈچمەس تۈھپىلەرنى قوشقانلىغى ھەققىدە ھىكايىلەر ئازئەمەس.ئەرەپلەر قايسى دەۋىرلەردە تەبىئى پەندە ئەڭ گۇللەنگەن؟،شۇ ۋاقىتتا پەن بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان؟،مۇشۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئۆچۆرلارنى مەنبەلىرى ۋە قايسى تىل-يىزىقتا ئېلان قىلىنغانلىغىنى ئەسكەرتىپ بۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس سۆپىتىدە يوللاشنى خالايدىغانلار بارمىدۇ؟.
بۇ ئىزدىنىش بىزنىڭ ئورتاق تىل تىپىۋىلىشىمىزغا ياردەم قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئەسكەرتىش:بۇ ئىنكاسنى «نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ  ‹‹ بوشلۇق نەزەرىيىسى ›› گە بەرگەن باھالىرى»دىگەن تېمىنىڭ ئاستىدىن كۆچۆرۆپ كەلدىم ،ئىنكاس-ئۆچۆرلارنى شۇ تېمىنىڭ ئاستىغا قالدۇرساق.

قاسىم سىدىق:«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار

saprabag 2012-03-30 01:17
تىمىڭىزنى ئوقۇپ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، ھەمدە ئۆزۈمگىمۇ ياخشى بىر دىئاگۇنۇز قۇيىۋالدىم (گەرچە پەيلاسوپ بولمىساممۇ)رەھمەت سىزگە.
بۇ تىما ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىگىشلىك ئىكەن.

تادۇ 2012-03-30 11:12
ماۋۇ تىمىدا گەپ بامۇ قانداق؟

پەلسەپىنى دىنغا قارشى قۇيۇپتۇ ئەمەسمۇ؟ ماركىسنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىنى تازا ئىدىيەمدىن ئۆتكۇزەلمىسەممۇ ، پەلسەپە دىگەن دۇنياقاراش ۋەمىتىدولوگىيە دىگەن شەرھىسى خىلى جايىدا ئىيتىلغان. دۇنياقاراش  دۇنياغا قاراشنى بىلدۇرىدۇ. ياكى تەرەقىي قىلدى. ياكى ئۇرىغىدىن ئۇندى. دىگەندەك. مىتودولوگىيە پىكىر ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتە پىكىر ئۇسۇلى  قەۋىملەرنىڭ ئىرسىي قاتلىمىغا سىڭگەن بۇلىدۇ. شاخماتنى مىساللىساق، گەردە مىڭىشى بىلىش تىپىدىكى ئىبرايىم ئوغۇللىرنىڭ مىڭىشىغا ئوخشايدۇ. بىرى ئارزۇ  بىرى ئەسلىيەت ئىستەيدۇ. ھازىرقى زاماننىڭ ئىلگىرراقى  ماركىستىن باشلىساق، نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن باغلىنىشلىق بۇلىشى، تەرەققىيات ئىستىگەنلىكىنى ئارزۇ دەۋرىنى بىلدۇرىدۇ. بۇيەردە ئىجادى تەپەككۇرنى مىسال قىلىشقىمۇ بۇلىدۇ.بۇ خىل تەپەككۇردا ماھىيەت ئىنچىكە بۇغۇن بۇغۇندىن ئايرىلىدۇ. بايقىلىدۇ. بىراق  كەڭ مەنىدە باغلانمايدۇ. بۇ خىل پىكىر ئۇسۇلى ئەرەپلەردىمۇ خىلى ئوبدان ئەكىس ئىتىدۇ.
ئىبىن سىنا فارابىيلارنىڭ  <ئات >پىكىر ئۇسۇلىدا تۆت تادۇ مۇناسىۋەت زىدىيتى ئەكىس ئىتىدۇ. مانا بۇ ھەقىيقى ئىسلام پەلسەپىسى، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ پەلسەپىنى دىنغا قارشى قۇيۋالغانلارنىڭ ھالى تىلۋۇزۇردىن كۇرۇپ تۇرۋاتىمىز. كەڭرى مەنىدە باغلاش دىگەندىن ئەسەر يوق. ماۋۇ خىل پىكىر ئۇسۇلىدا كەڭرى مەنىدە باغلاش ئەكىس ئىتىدۇ. مەسلەن قىساسۇل ئەنبىيادا بىر سۇرىگە بىر مەنا قىلىپ پۇتۇن قۇرئان باغلىنىدۇ. ھەتتا باشقا ساماۋىي كىتاپلارمۇ باغلىنىدۇ. ئىبنى كەسىردە بولسا بىر سۆزگە بىر ، بىرئايەتكە بىر مەنا قىلىنىپ باش ئاخىرى باغلانمايدۇ، دىمەك ئالدىنقىسىدا باغلاش، كىيىنكىسىدە بايقاش ئەكىس ئىتىدۇ.
لوگىكىلىق <پىل> تەپەككۇردا سان سىپىر ئىستاستىكا تەجىربە نەتىجىسى سايمان ئەكىس ئىتىدۇ. ئوبرازلىقتا <توپ>بۇيىچە سىلىشتۇرىلىدۇ. يۇسۇپ ھۇسەيىن قىقىنۇسنىڭ بىر يازمىسى، كەلىلە ۋەدەمىنە بۇنىڭغا ناھايتى جانلىق ئۆلگە بۇلالايدۇ.
دىمەك چۇشۇنۇشلۇكرەك ھەزىمگە يىقىن دىسەك  ئىجادىي تەپەككۇر، لوگىكىلىق تەپەككۇر، تادۇچە تەپەككۇر، ئوبرازلىق تەپەككۇر دەپ تۆت خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى بار.باشقا تەپەككۇر ئۇسۇللىرى بۇلۇپمۇ ئىجادىي تەپەككۇردا دۇنياقاراش،مۇشۇنداق لەگلەك ئايرۇپىلان بۇيىچە ماددا ماكان چىقىش قىلىنىپ،دۇنيانى شەرھىلىسىمۇ قاملىشىۋىردۇ. بىراق تادۇچە تەپەككۇردا ئۇرۇق بۇيىچە ماڭىدۇ. جانلىقلار ئۇرۇق بۇيىچە تەھلىل قىلنىدۇ. ئەۋلىياسىرىتنىڭ دىمەك، دىمەي قۇلىمىزنىڭ ئۇچچىدىكى ئىلىم بىلەن كىتاپ ئوقىساق پەلسەپە بىلەن دىن ئاش بىلەن قۇشۇققا ئوخشايدۇ.

نامسىزمەن 2012-03-30 13:41
؟؟؟؟

نامسىزمەن 2012-03-30 13:49
ياخشىكەن

تادۇ 2012-03-30 16:20
فارابىي ئىبىنسىنا يۇسۇپلەر ئىسلام پەلسەپىچىلىرى ئىكەنلىكىگە  مۇنداق ئىشلارنى پاكىت قىلىشقا بۇلىدۇ.
بىرىنجىدىن  نەزىريە بۇيىچە ئىسلام دىنى ياخشىلىق .  بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق بۇيىچە ياخشىلىققا ۋەكىلىك قىلىدۇ. ياخشىلىقنىڭ پەلسەپە ئاساسى تۆت تادۇ. بىلىشنىڭ ئارزۇ تەرەققىيات. ئادىلىقنىڭ قۇرال. تەقۋادارلىقنىڭ ئەنئەنە كۇنەگ.
ئىككىنجىدىن ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئەرەپ يەنى بىلىش تىپىدىكىلەرنىڭ ئارزۇ تەرەققىيات پەلسەپىسى بۇيىچە شەرھىلەنگەچكە، بىلىش چوڭقۇرلۇق ئىستەپ، كەڭرىلىككە باغلاشقا ئاجىز بۇلاۋاتىدۇ. جەنگە جىدەللەر پاكىت . ئىبىنسىنا يۇسۇپ دەۋىرلىرىدە مۇسۇلمانلار ئىتىپاق ھەم باغلانغان بولغاچ، قىلىچ بىسىققاندا نۆۋەت قەلەمگە كىلىدۇ. نەزىريە، نۇرغۇن ئىلىملەرگە شۇدەۋىرلەر دە ئۇل سىلىنغان.
ئۇچۇنجىدىن ئىسلام ئىچىدە تارىختىن بۇگۇنگە قەدەر تۆت تادۇ پەلسەپىسىدەك ئورۇن تۇتقان پەلسەپە يوق. بولسا كۇرۇپ باقساق بۇلىدۇ.
تۆتىنجىدىن پەلسەپەدىگەن بۇلدىغان يىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، بولمايدىغان يىرىنى ئاتلاپ ئۆتەپ كەتكىلى بۇلىدىغان نەرسە ئەمەس. بىر پۇتۇن بىر بىرگە باغلىنىشلىق، سىستىمىلاشقان نەرسە. بۇجەھەتتىن تۆت تادۇ  پەلسەپىسى ھەرقانداق زامان ماكان ئىنسان دىنغا زىتلەشمەيدۇ. ئىسلام قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن.
سامرى ئىلمىيەت بىلەن كالاياسىغان. مۇسا ۋەھىيگە ئەگەشكەن. بۇلارنىڭ پەلسەپىسىدە باغلانمايدۇ. بۇنىڭغا ھارۇن كىتىدۇ.

نامسىزمەن 2012-03-31 18:12
چۇشەنمىدىم

ئەلتۈزەر 2012-03-31 20:45
ئەمەلىيەتتە پەيلاسوپ دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ھېچ بولمىسا ھازىرقى زاماندا) ئارتۇقچە،زىيانلىق ئاتالغۇ .نىمىشقا ؟-دىننى ئېلىپ ئېيىتساق ئۇنىڭغا پەيلاسوپ كىرەك ئەمەس ،ئۇنىڭغا پەيلاسوپ ئارلاشسىلا ناھايتى چۈشىنىشلىك بولغان ،ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن مۇكەممەل يەتكۈزۈلۈپ بۇلۇنغان ،كەم-كۈتىسىز ،ئەسلىدىنلا زامان،ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ھارقانداق مەسىلىگە جاۋاپ بىرەلەيدىغان، تۇرمۇشىمىزغا ناھايتى يېقىن بۇ دىن ۋە ئەقىدىلەر باشقىچە نەرسىگە ،سىرلىق،تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ .قىسقىسى شەيتان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .
باشقا پەن تۈرلىرىگە كەلسەك ھەرقانداق ئىلىم ئاللاھقا مەنسۇپ ،ئىنسان پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەننىلا بىلىدۇ ،ئاللاھ ھەق سۇبىھانە ۋەتائالا  قۇرئاندا <<ئاسمان زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياراتتۇق>> دەپ مەيلى ئالەم بوشلىغىدىكى ،مەيلى زىمىندىكى نەرسىلەردىن ئىنسانلارنى قولىدىن كىلىشىچە پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلدى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى بىلدۈردى ،بۇ ئىلىملەر بىز ھازىر بىلىدىغان ياكى كەلگۈسىدە مەيدانغا كىلىدىغان بارلىق ئىلىم تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .بۇ ئىلىملەرنىڭ پىشىۋالىرى ھازىر ئالىم،مۇتەخەسىس،تەتقىقاتچى،دوكتۇر.... دىگەندەك ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ ھەم مەخسۇسلىشىپ شۇنىلا تەتقىق قىلىدۇ ،چوڭقۇرلىغانلىرى ھەتتا ئاللاھنىڭ بارلىغىنى ،يەككە-يىگانە ،بىرلىگىنى ئىلمى ئەمگەكلىرى بىلەن ئىسپاتلاۋاتىدۇ .ئەمدى بۇلارنىمۇ ئاتالمىش پەيلاسوپلارغا قويۇپ بەرسەك ،بۇ ئابروي،شۆھرەت پەرەس  <<ئەقىللىق ساراڭلار >> بىزە تەتقىقات نەتىجىسىگە يەنە نۇرغۇن سەپسەتىلەرنى قوشۇپ ئىنسانلارنى يەنە ئازغۇنلۇققا باشلايدۇ .شۇڭا بۇندىن كىيىن قانداقتۇر پەيلاسوپ دىگەنلەرگە ئۇرۇن بەرمەسلىك كىرەك.
ھېلىمۇ ئىنسانىيەت بۇ پەيلاسوپ ئاتلىقلارنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتمىدى ...
قوشۇلمايدىغانلار چىرايلىق مۇنازىرلەشسەڭلار بۇلىدۇ ...

تادۇ 2012-03-31 20:46
بۇ ئىنكاسنى كىمگە دەۋاتىسىز.      سەنسىز.

ھەق ئەقىلگە ئۇيغۇن.

تادۇ 2012-03-31 20:49
قانداقتۇر پەيلاسوپ دىگەنلەرگە ئۇرۇن بەرمەسلىك كىرەك.
ھېلىمۇ ئىنسانىيەت بۇ پەيلاسوپ ئاتلىقلارنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتمىدى ...

خىلى چوڭ ئۆلىمالار قىلالمىغان گەپنى سىز قىلىپسىز.

نامسىزمەن 2012-03-31 23:28
بىلمىدىم

كامىل0999 2012-03-31 23:33
تېما ئىگىسىگە اللاھ رەھمەت قىلسۇن .

تادۇ 2012-04-01 00:55
ھىم ،،،،،،،،،،،، نىمە تاغكەن دىسە، تاش تاغكەن دەي. نىمە غاركەن دىسە تاش غارىكەن دەي، غاردا نىمە جىن باركەن دىسە تاش جىن باركەن دەي.

ئىسلامنىڭ پەلسەپىگە قارشى ئىكەنلىگىنى مۇنداق قىسقا رەي بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.  ئىسپات يىتەرسىز. سىزنىڭ مۇشۇنداق قىزىشلىرىڭىزنى پەقەت ، ئىسلام مەدىنىيەت تارىخىدا ئىبىنسىنا فارابىي يۇسۇپلەرگە  قانچىلىك ئورۇن بىرىلگەنلىكى دىن ئىبارەت بىرھەقىقەت بىردەمدە ئاغدۇرالايدۇ. ئەجىبا شۇلار  سىز بىلگەننى بىلمەمدۇ؟ ئەرەپچە شىئىر يازىدىغان، ئەرەپچە پەلسەپىۋىي ئەسەر يازالايدىغانلار ئوقىيالمامدۇ. ئوقىۋاتقان كىتاپتا نۇرغۇن پەلسەپە ئىزلىرى بار.
يەنە بىرگەپ ، ھەر ئەقىلدانلارنى قايىل قىلمىسا، ئۇنىڭغا كىم ئەگىشىدۇ.؟ كىتاپنىڭ شۇنداق قايىل قىلالايدىغان ئىختىدارى يوق دىمەكچىمۇ سىز؟

نامسىزمەن 2012-04-01 01:26
...........

تادۇ 2012-04-01 02:41
خەتەر  ئىسلام ئۇممەتلىرنىڭ  پەلسەپىنى قۇبۇل قىلمىغانلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. مەنمۇ سىزگە سەمىيمىي تەكلىپ بىرەي. يازغان ئىكەنمىز پىلسىراتىتىن ئۆتمەي بولمايدۇ. كۇنلەرنىڭ بىرىدە نىمىگە ئاساسەن دىدىڭ دىسە پاكىت قىلالىساق بۇلىدۇ.

نامسىزمەن 2012-04-01 09:59
؟

ئەلتۈزەر 2012-04-01 13:08
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى تادۇ نىڭ 2012-03-31 20:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قانداقتۇر پەيلاسوپ دىگەنلەرگە ئۇرۇن بەرمەسلىك كىرەك.
ھېلىمۇ ئىنسانىيەت بۇ پەيلاسوپ ئاتلىقلارنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتمىدى ...

خىلى چوڭ ئۆلىمالار قىلالمىغان گەپنى سىز قىلىپسىز.

بىز پەقەت ھەقنى سۆزلىشىمىز كىرەك ...

ئەلتۈزەر 2012-04-01 13:21
مەن دەيمەن بىز ھىچقايسىمىز ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ئەمەس ،ھېچنىمىگە قارىماي ئاقلاشنى مەخسەت قىلىدىغان ،بىز قارىلىغۇچى ئادۇۋكاتمۇ ئەمەس ،ھەممىنى قايرىپ قويۇپ قارىلاشنى مەخسەت قىلىدىغان ،مۇنازىردىن مەخسەت يىڭىش بۇلۇپ قالماسلىغى ،ھەقنى تېپىش بۇلىشى كىرەك . قىلغان ھەربىر سۆزىمىزگە ھىساپ بىرىدىغان بىر كۈن بار  شۇڭا بىلەرمەنلىك قىلىپ ھەقنى بۇرمىلاپ سالىدىغان ئىشلار بولمىسۇن ....مىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىمنى يەنە بىر يوللاپ قوياي،خاتا دەپ قارىساڭلار پىكىر بەرگەيسىلەر....
ئەمەلىيەتتە پەيلاسوپ دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ھېچ بولمىسا ھازىرقى زاماندا) ئارتۇقچە،زىيانلىق ئاتالغۇ .نىمىشقا ؟-دىننى ئېلىپ ئېيىتساق ئۇنىڭغا پەيلاسوپ كىرەك ئەمەس ،ئۇنىڭغا پەيلاسوپ ئارلاشسىلا ناھايتى چۈشىنىشلىك بولغان ،ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن مۇكەممەل يەتكۈزۈلۈپ بۇلۇنغان ،كەم-كۈتىسىز ،ئەسلىدىنلا زامان،ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ھارقانداق مەسىلىگە جاۋاپ بىرەلەيدىغان، تۇرمۇشىمىزغا ناھايتى يېقىن بۇ دىن ۋە ئەقىدىلەر باشقىچە نەرسىگە ،سىرلىق،تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ .قىسقىسى شەيتان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .
باشقا پەن تۈرلىرىگە كەلسەك ھەرقانداق ئىلىم ئاللاھقا مەنسۇپ ،ئىنسان پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەننىلا بىلىدۇ ،ئاللاھ ھەق سۇبىھانە ۋەتائالا  قۇرئاندا <<ئاسمان زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياراتتۇق>> دەپ مەيلى ئالەم بوشلىغىدىكى ،مەيلى زىمىندىكى نەرسىلەردىن ئىنسانلارنى قولىدىن كىلىشىچە پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلدى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى بىلدۈردى ،بۇ ئىلىملەر بىز ھازىر بىلىدىغان ياكى كەلگۈسىدە مەيدانغا كىلىدىغان بارلىق ئىلىم تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .بۇ ئىلىملەرنىڭ پىشىۋالىرى ھازىر ئالىم،مۇتەخەسىس،تەتقىقاتچى،دوكتۇر.... دىگەندەك ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ ھەم مەخسۇسلىشىپ شۇنىلا تەتقىق قىلىدۇ ،چوڭقۇرلىغانلىرى ھەتتا ئاللاھنىڭ بارلىغىنى ،يەككە-يىگانە ،بىرلىگىنى ئىلمى ئەمگەكلىرى بىلەن ئىسپاتلاۋاتىدۇ .ئەمدى بۇلارنىمۇ ئاتالمىش پەيلاسوپلارغا قويۇپ بەرسەك ،بۇ ئابروي،شۆھرەت پەرەس  <<ئەقىللىق ساراڭلار >> بىزە تەتقىقات نەتىجىسىگە يەنە نۇرغۇن سەپسەتىلەرنى قوشۇپ ئىنسانلارنى يەنە ئازغۇنلۇققا باشلايدۇ .شۇڭا بۇندىن كىيىن قانداقتۇر پەيلاسوپ دىگەنلەرگە ئۇرۇن بەرمەسلىك كىرەك.
ھېلىمۇ ئىنسانىيەت بۇ پەيلاسوپ ئاتلىقلارنىڭ زىيىنىنى ئاز تارتمىدى ...
قوشۇلمايدىغانلار چىرايلىق مۇنازىرلەشسەڭلار بۇلىدۇ ...

ق.سىدىق 2012-04-24 23:47
«پەلسەپە دىگەن نىمە؟»دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بەرمەي تۇرۇپ پەلسەپەنى بىر يۇلى ئىنكار قىلىش ۋە قوللاش ئىلمى پوزىتسىيە ئەمەس.پەلسەپەنى قارا-قويۇق ئەيىپلەۋاتقانلار سىلەر بۇ سۇئالغا مۇنازىرىگە بەرداشلىق بىرەلىگىدەك جاۋاپ تىپىپ بولغانمۇ؟،قېنى،قايسىڭلار ئوتتۇرىغا قويۇپ باقىسىلەر؟!.

世界哲学日
百科名片

تادۇ 2012-04-25 14:37
بۇلار؛
تەپەككۇر قىلماي، بوي سۇنساق دەپ ئويلايدۇ. ئۆزىدىكى ئەقىل دىگەن نەرسىنى ئىتراپ قىلمايدۇ. ئەقىلنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمايدۇ.

يەنە كىلىپ بۇ ، ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئۇگۇنىۋالغان سەپسەتىلىرى.

تادۇ 2012-04-26 16:29
مۇنداقراق

ئادەم روھىيتى     تەپەككۇر   دىل    تىل   خۇي  دىن ئىبارەت تۆت نەرسىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى.
تەپەككۇر ،مەشھۇر يەنى مۇسۇلمانلار تۇنىمىغان بىلەن پۇتۇن دۇنيا تۇتيا بىلدىغان فارابىيدا ئەكىس ئىتىدۇ. شۇنىڭ لوگىكا مەنتىقىلىرىنى ھازىرغىچە ئىنسانلار ئىلمىيەت سۇپىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئەقىلنى لال قىلغۇدەك، ياكى بۇلاقنىڭ كۇزنى ئاچقاندەك تەپەككۇر شەرھىلىنىپ باقمىدى. لوگىكا مەنتىقە دىگەن تامنىڭ ئۇلىنى شۇلار قوپارغان.
دىل، بۇ ئىبىنسىنا دا گەۋدىلىنىدۇ، تىبابەت ئىلمى ئىنسانىيەتنى تەجىربىچىلىكتىن تەتقىقاتقا يىتەكلىگەن. قاف دىغۇ دەيمەن. <ھىسسىي قەلىپكە>، يەنى ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشكە گۇمان ھىس قىلغانلارغا، يامغۇر سۇيى بىلەن ئۆلگەن زىمىننىڭ تىرلىشى مىسال قىلىنغان.دەۋزەختىن <قۇرىققان قەلىپكە> ۋەكىل بۇلۇش، ياكى ئازاپتىن قورقۇپ ، شەپقەتتىن ئۇمىدۋار بۇلۇش بۇ قورىققان قەلىپنى بىلدۇرىدۇ. يەنە بىر يىرىدە <ھۇزۇرىي قەلىپ> دەپ بىر سۆزبار. جەننەتتىكى راھەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئىستىكىنى بىلدۇرىدۇ. ئاندىن تەسبىھ ئىيتىش تەكىتلەنگەن،  بۇيەردىكىسى  ساداقەتلىك قەلىپ بۇلىدۇ.
دىمەك قەلىپمۇ تۆت يەنى  ھىسسىي <گۇمانىي> قەلىپ، قورىققان قەلىپ، ھۇزۇرىي قەلىپ، ساداقەتلىك قەلىپ. ئاندىن گۇماندىكىسى بىلمىگەچكە ياخشىلىقتىن توسىدۇ .قۇرىقمىغاچقا ھەددىدىن ئاشىدۇ. ھۇزۇرى بولمىسا شەكلىنىدۇ.ساداقىتى بولمىسا شىرىك كەلتۇرىدۇ. قەلىپ دىگەن مۇشۇنداق رولى بار،
تىلغا كەلسەك، ماخمۇت قاشقىرى تۇزگەن لوغەت ۋە گىرامماتىكا ھازىرغىچە نۇپۇزدىن قالغىنى يوق. ياكى شۇ كىشىدىن بىلەك بىرەرسى تىل جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئىگىزدىراق سايراپ باققىنى يوق. سەرىپ دەپ تازا يادىلايمىز. گىرامماتىكىنىڭ تىلىنى شۇ ئادەم يەشمىگەن بولسا،سەرىپتەك كىتاپمۇ چىقمايتتى.
خۇي، يەنى قۇتادغۇ بىلىگدە خۇي ئەكىس ئىتىدۇ. خۇينىڭ سىر ئەشيالىرى ئەكىس ئىتىدۇ. بۇلۇڭ، بۇلۇڭدا مۇسۇلمانلار ياراتمىغان بىلەن باشقىلار تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.ھەيران قىلىۋاتىدۇ.
تەۋھەدكە چاقىردۇ، پەلسەپىگە چاقىرمايدۇ. بۇ مۇشۇلارنى كۇرەلمىگەنلەرنىڭ باناسى. كىتاپ بىزگە چۇسسە بىزدىن ئىشىپ كىتەرمۇ دەپ ھەسەتلەنگەنلەرنىڭ چالىسى. بۇ ئەرەپنىڭ توغرا باشقىسىنىڭ خاتا دىگەنلىك. خۇددى نىسارالار نىسارا بولمىسا يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىسا جەننەتكە كىرمەيدۇ،دىگەن گەپ بىلەن ئوخشاش گەپ، بۇنىڭغا يەنە پاكىت قىلساق، شىئەلەرنى ئازغۇن ساناش، خاۋارىجلارنى كۇپرىلىقتا ئەيىپلەش،تۇرۇك پەيلاسۇپلارنى چەتكە قىقىش يازما ۋەزخالىقلىرى تۇكۇلۇپ تۇرۇپتۇ.

ھەرخىل ئىرىق ،قەۋىم بۇلۇپ يارالغانلىقىمىزنى ، تەپەككۇرغا دىل تىل خۇينىڭ تەسىر قىلدىغىنىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىتىبارسىز قىلغىنىدىن.

ق.سىدىق 2012-04-29 16:17
[url=read.php?tid-19373.html] [/url]

newruz 2012-05-05 14:45
قېرىنداشلار سۆزۇڭلارنىڭ قۇرئان ھەدىستىن ئاساسى بارمۇ ئىسلامدا جەننتى ۋە دوزىقى دەپ ئىككىلا ئۈممەت بار! ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يەنە بۇ ھۆكۈمگە ئىشەنمەي ھۆكۈم ئىزدەش تولىمۇ ئەخمىقانىلىك ئەمەسمۇ. پەلسەپەچىلەرنى تۇرگە ئايرىمەن دىمەي ئاۋال ئاللاھتىن خاتىرجەملىك سورايلى. قىيامەت پەلسەپەچىلەر قانچىگە بۆلىنىدۇ دەپ سۇئال سورالمايدىغاندىكىن!


查看完整版本: [-- پەيلاسۇپلارنىڭ تۈرلىرى ۋە تەسىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058914 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us