ئىلىم پەن ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ‹‹ بوشلۇق نەزەرىيىسى ››گە (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىگە) بەرگەن باھالىرى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى دوتسېنتلىرى: شاۋكەت تۇرسۇن، شەمشىدىن شاكىر،قۇببەس يولداشلارنىڭ باھالىرى
قاسىم سىدىقنىڭ "بوشلۇق نەزەرىيىسى" گە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بايان قىلغان ئىككى پارچە ماقالىسى ھەققىدىكى پىكرىمىز تۆۋەندىكىچە. 1. بۇ ماتېرىياللاردا ئادەتتىكى فىزىكا ئۇقۇملىرىنى بىۋاسىتە ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇن يوق. ئاساسىي جەھەتتىن ئىجادىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلاردىن كلاسسىك فىزىكىغا ياكى ئەمەلىي، نەزەرىيىۋى فىزىكا چۈشەنچىلىرىگە قارىتا تەنقىد دەپ چۈشىنىۋېلىشنىڭ ئاساسىي يوق. 2. ئالەمنى ماددا، بوشلۇق، "يوقلۇق"دىن تۈزۈلگەن دەپ قاراش ۋە شۇنداق چۈشەندۈرۈش دىئالېكتىك پەلسەپە پرىنسىپلىرىغا خىلاپمۇ ئەمەس. لوگىكىلىق ئىلمى ئاساسقا ئىگە. 3. "چەكلىك ۋە چەكسىز ئالەم" كۆز قارىشىنى ئۆز شەرتلىرىگە نىسبەتەن توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە شەكىلنىڭ مىقدارغا شۇنداقلا "چەك" كە ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. 4. "مۇئەييەن شەكىل بەلگىلىك كۈچنىڭ تەسىرىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ" دېيىش فىزىكىدىكى كۈچ ئۇقۇمىغا زىت ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ يەنە بىرخىل بايان قىلىنىش شەكلى. 5. "يوقلۇق" نى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئومۇمىي ئالەملىك بوشلۇق شەكىلگە ئىگە ئەمەلىي گەۋدە بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل شەكىل جەزمەن دىئالېكتىك پەلسەپە نۇقتىسىدىن "شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك" دىن ئىبارەت بولغان "يوقلۇق" نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى دوتسېنتلىرى:
شاۋكەت تۇرسۇن.
شەمشىدىن شاكىر.
قۇببەس يولداش.
1990-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدىن دوتسېنت سابىت ھامۇتنىڭ باھاسى
يولداش قاسىم سىدىقنىڭ "بوشلۇق نەزەرىيىسى" نىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدىكى ئىلمى ئىزدىنىشىنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ ئىزدىنىشتە لوگىكىلىق ئەقلى خۇلاسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلىمى بايان قىلىنىپتۇ. مېنىڭچە قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق شەكىل-فىزىكىلىق كۈچنىڭ ئىپادىلىنىشى، شەكىلسىز ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكى، يەنى شەكىل دەل كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى، "فىزىكىلىق بوشلۇق" فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى، بوشلۇق دېگەنلىك كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىق ئىدىيىسى دادىل ئىدىيە. مۇشۇ ۋەجىدىن مەن قاسىمنىڭ: "فىزىكىلىق بوشلۇق" نىڭ ماھىيىتى جىملىق، "بوشلۇق ھەرىكىتى" نى ماددا ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى ئىلمىي تەپەككۇرىنى، بوشلۇق ھەرقانداق شەكىلدىكى ماددىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن ئورۇن ئالدىغانلىقى ئۇستىدىكى مۇھاكىمىسىنى مۇناسىۋەتلىك (ئىجتىمائىي پەن ھەم تەبىئىي پەن) كەسىپداشلارنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ يەنە: ھەرقانداق ئەمىلى گەۋدە ۋە شەكىل ئىپادىلىنىشتە "يوقلۇق" نى شەرت قىلىدىغانلىق ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشى، ماددا ھەرىكىتى مۇتلەق، جىملىقى نىسپى، بوشلۇق جىملىقى مۇتلەق، ھەرىكىتى نىسپى نۇقتىئىنەزىرى بىزنىڭ ماددا دۇنياسىنى ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىمىزگە قۇلايلىق ئەكېلىشى مۇمكىن.
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدىن
دوتسېنت سابىت ھامۇت.
1990-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسورى مەرھۇم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ باھاسى
قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار فىزىكىلىق سۇبستانسىيە، شەكىل ۋە كۈچ، بوشلۇق، فىزىكىلىق "يوقلۇق" ۋە ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلاملىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى فىزىكا بولۇپمۇ ماددىي دۇنيا قۇرۇلما نەزەرىيىسىدىكى يېڭىچە تەپەككۇرنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇنداق قاراش خىلى زور ئىلمىيلىككە، بۆسۈش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئەگەر تولۇقلىنىپ قوبۇل قىلىنسا بىزنىڭ فىزىكىلىق ئالەم قارىشىمىزنى يەنە يىڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشى مۇمكىن. پەن قانۇنلىرى بىرسى ئاساسىدا يەنە بىرسى ئىختىرا قىلىنىپ كەلگەن. بىلىش تارىخىمۇ بىر قاتلامدىن بىر قاتلامغا كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق ئىختىرالار ئومۇمەن، ئالدىنقى قائىدىلەرگە قانائەتلەنمەسلىك، باشقا نەرسىلەر ئۇستىدىكى تەجرىبە جەريانى، تاسادىپ تەسەۋۋۇر ياكى ئوخشىتىشلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئو قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن بىلىش ۋە تىخنىلوگىيىلىك ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ كەلگەن. قاسىم سىدىقنىڭ تەبىئەت ئىلىمىدە نەزەرىيىۋى فىزىكىلىق تەپەككۇر قابىلىيىتى ئۈستۈن، قائىدە تۈزۈش ۋە ئىخچاملاش ئىقتىدارى ياخشى ئىكەن، قوللاشقا ئەرزىيدۇ. بۇ ماتېرىيالىستىك پەلسەپىگە زىت ئەمەس، ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئىختىرانىڭ چەكلىگۈچىسى، تەپەككۇرنىڭ زىندانى ئەمەس. ئۇ ئىلھاملاندۇرغۇچى ۋە ئۆزىنى تولۇقلىغۇچى كەمتەرلىكى بىلەن يېتەكلىگۈچى. يوقلۇق بىلەن "فىزىكىلىق يوقلۇق" بىر نەرسە ئەمەس. يوقلۇق-فىزىكىلىق يوقلۇق ماددا ۋە بوشلۇقىدىن كېيىنكى تەتقىق قىلىنمىغان 3-قاتلام سۈپىتىدە يەنىلا پەلسەپىۋى بارلىق، بۇلار زىت ئەمەس. مېنىڭچە قىزغىن قوللاش، پىكىر ئوچۇقچىلىقى، ئىقتىسادىي ياردەم مۇھىم. مىللىتىمىزنىڭ تەبىئەت ئىلىمىنى يوقىتىپ قويغىنىغا 5 ئەسىر بولدى. قوللاش ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشىمىز لازىم. تەبىئەت ئىلمى قانۇنىيەتلىرى سەمەت ھەل قىلمىسا ئەمەت ھەل قىلىدىغان زۆرۈر نەرسىلەر بولۇپ، يازغۇچىنىڭ يازمىسىمۇ بولۇۋېرىدىغان ئەسىرى ئەمەس.
ھۆرمەت بىلەن :
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسورى.
1990-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پەلسەپە پىراففىسورى باۋدۇن توختىنىڭ باھاسى
"بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى" نى ئوقۇغىنىمدىن كىيىن "بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى" دېگەن بۇ ئىلمى ماقالىنى غۇلجا ناھىيە دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يولداش قاسىم سىدىق يازغان ئىكەن. مەن قاسىم سىدىق بىلەن مۇشۇ ماقالىسى ئارقىلىق تونۇشتۇم. مەن فىزىكا جەھەتتە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىقىمدىن ئالدىدا بۇ ماقالىغا ئانچە قىزىقمىدىم. كىيىن بۇ ماقالىنى رەسمىي ئوقۇشقا كىرىشكىنىمدە بۇ ماقالە مەندە زور قىزىقىش پەيدا قىلدى. شۇڭا ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇ ماقالە ئەسلىدە ئېينىشتېيننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلىنىپ يېزىلغان ئىكەن. ئېينىشتېيننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ماكان بىلەن زاماننىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماددا بىلەن بولغان باغلىنىشىنى فىزىكىلىق دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تولۇقلاپ دىئالېكتىكىغا تۆھپە قوشقان ئىدى. يولداش قاسىم سىدىقنىڭ بۇ ماقالىسى نەزەرىيە جەھەتتە مانا مۇشۇ مەسىلىنى دەللىلەپ كىشىنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ. ئەپسۇسكى بۇ ماقالە ھەجىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ ۋە تەپسىيلىراق يېزىلغان بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولغان بولاتتى. ھەرقانداق بىر ئىلىم – پەنگە ئوخشاش فىزىكا بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى يېقىن. فىزىكا تەتقىقاتى ئەگەر ماركسىزملىق پەلسەپىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلىدىكەن ئۇ، قىڭغىر يولغا كىرىپ قالماي قالمايدۇ. بۇ ماقالە ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭغا ماركسىزملىق پەلسەپىنىڭ ماتېرىيالىزم ۋە دىئالېكتىك پرىنسىپلىرى مۇناسىپ ھالدا ياخشى سىڭدۈرۈلۈپتۇ. بايان ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ئۇنىڭغا خىلاپ ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيالىستىك ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىزدا بەزى ئىجتىمائىي پەن جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلىرىمىز بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي پەن جەھەتتە بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا قاتارلىق ئاساسى پەنلەردە تېخى كۆپ ئارقىدىمىز. بۇ جەھەتتە يولداش قاسىم سىدىق ئالغا بىر قەدەم تاشلاپتۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ ئۇنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك. مەن ماتېماتىكا، فىزىكا تەتقىقاتىدا قاسىم سىدىققا ئوخشاش ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باۋدۇن توختى.
1990-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى.
ئەسكەرتىش: مىنىڭ ئىش ئورنۇم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى، كەسپى ئۇنۋانىم پەلسەپە پىراففىسورى