مۇنداقراق
ئادەم روھىيتى تەپەككۇر دىل تىل خۇي دىن ئىبارەت تۆت نەرسىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى.
تەپەككۇر ،مەشھۇر يەنى مۇسۇلمانلار تۇنىمىغان بىلەن پۇتۇن دۇنيا تۇتيا بىلدىغان فارابىيدا ئەكىس ئىتىدۇ. شۇنىڭ لوگىكا مەنتىقىلىرىنى ھازىرغىچە ئىنسانلار ئىلمىيەت سۇپىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئەقىلنى لال قىلغۇدەك، ياكى بۇلاقنىڭ كۇزنى ئاچقاندەك تەپەككۇر شەرھىلىنىپ باقمىدى. لوگىكا مەنتىقە دىگەن تامنىڭ ئۇلىنى شۇلار قوپارغان.
دىل، بۇ ئىبىنسىنا دا گەۋدىلىنىدۇ، تىبابەت ئىلمى ئىنسانىيەتنى تەجىربىچىلىكتىن تەتقىقاتقا يىتەكلىگەن. قاف دىغۇ دەيمەن. <ھىسسىي قەلىپكە>، يەنى ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشكە گۇمان ھىس قىلغانلارغا، يامغۇر سۇيى بىلەن ئۆلگەن زىمىننىڭ تىرلىشى مىسال قىلىنغان.دەۋزەختىن <قۇرىققان قەلىپكە> ۋەكىل بۇلۇش، ياكى ئازاپتىن قورقۇپ ، شەپقەتتىن ئۇمىدۋار بۇلۇش بۇ قورىققان قەلىپنى بىلدۇرىدۇ. يەنە بىر يىرىدە <ھۇزۇرىي قەلىپ> دەپ بىر سۆزبار. جەننەتتىكى راھەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئىستىكىنى بىلدۇرىدۇ. ئاندىن تەسبىھ ئىيتىش تەكىتلەنگەن، بۇيەردىكىسى ساداقەتلىك قەلىپ بۇلىدۇ.
دىمەك قەلىپمۇ تۆت يەنى ھىسسىي <گۇمانىي> قەلىپ، قورىققان قەلىپ، ھۇزۇرىي قەلىپ، ساداقەتلىك قەلىپ. ئاندىن گۇماندىكىسى بىلمىگەچكە ياخشىلىقتىن توسىدۇ .قۇرىقمىغاچقا ھەددىدىن ئاشىدۇ. ھۇزۇرى بولمىسا شەكلىنىدۇ.ساداقىتى بولمىسا شىرىك كەلتۇرىدۇ. قەلىپ دىگەن مۇشۇنداق رولى بار،
تىلغا كەلسەك، ماخمۇت قاشقىرى تۇزگەن لوغەت ۋە گىرامماتىكا ھازىرغىچە نۇپۇزدىن قالغىنى يوق. ياكى شۇ كىشىدىن بىلەك بىرەرسى تىل جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئىگىزدىراق سايراپ باققىنى يوق. سەرىپ دەپ تازا يادىلايمىز. گىرامماتىكىنىڭ تىلىنى شۇ ئادەم يەشمىگەن بولسا،سەرىپتەك كىتاپمۇ چىقمايتتى.
خۇي، يەنى قۇتادغۇ بىلىگدە خۇي ئەكىس ئىتىدۇ. خۇينىڭ سىر ئەشيالىرى ئەكىس ئىتىدۇ. بۇلۇڭ، بۇلۇڭدا مۇسۇلمانلار ياراتمىغان بىلەن باشقىلار تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.ھەيران قىلىۋاتىدۇ.
تەۋھەدكە چاقىردۇ، پەلسەپىگە چاقىرمايدۇ. بۇ مۇشۇلارنى كۇرەلمىگەنلەرنىڭ باناسى. كىتاپ بىزگە چۇسسە بىزدىن ئىشىپ كىتەرمۇ دەپ ھەسەتلەنگەنلەرنىڭ چالىسى. بۇ ئەرەپنىڭ توغرا باشقىسىنىڭ خاتا دىگەنلىك. خۇددى نىسارالار نىسارا بولمىسا يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىسا جەننەتكە كىرمەيدۇ،دىگەن گەپ بىلەن ئوخشاش گەپ، بۇنىڭغا يەنە پاكىت قىلساق، شىئەلەرنى ئازغۇن ساناش، خاۋارىجلارنى كۇپرىلىقتا ئەيىپلەش،تۇرۇك پەيلاسۇپلارنى چەتكە قىقىش يازما ۋەزخالىقلىرى تۇكۇلۇپ تۇرۇپتۇ.
ھەرخىل ئىرىق ،قەۋىم بۇلۇپ يارالغانلىقىمىزنى ، تەپەككۇرغا دىل تىل خۇينىڭ تەسىر قىلدىغىنىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىتىبارسىز قىلغىنىدىن.
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-04-26 16:35قايتا تەھرىرلىدى ]