ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ئۇلۇغ جۈمە كۈنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . ( ئىنشائاللاھ بۇگۇن تېمىنى تاماملاشقا غەيرەت قىلىمەن . اللاھدىن مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن )
بىرىنجى خىل زىيان پەيلاسۇپلارنىڭ ئەخلاق توغرىسىدا يازغان بايانلىرىغا قارشى تۇرغانلاردا كۆرۈلىدۇ . چۇنكى بىر قىسىم بىلىمسىز كىشلەر شۇنداق ئويلاپ قالىدۇكى ، ناۋادا پەيلاسۇپلار يۇقۇرقى سۆزلەرنى ئۆز كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈپ ، ئۆزلىرنىڭ باتىل سۆزلىرى بىلەن ئالارشتۇرۋەتكەن بولسا ، ئۇنداق نەرسىلەرنى ئوقۇماسلىق كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنى ئوقۇغانلارنىڭمۇ دەككىسىنى بىرىش كېرەك .چۇنكى ئۇلار ئۆزلىرنىڭ چاغلىق ئەقىلى بويىچە پەيلاسۇپلارنىڭ دېگىنى خاتا ، ئۇلار خاتا سۆزلەيدىغان ئادەملەر دىگەن ئويغا كىلىپ قالىدۇ ، مان بۇ ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى ، يەنى ئۇلار ھەقىقەتنى تىپىشتا ھەقىقەتنى ئەمەس ، ئادەمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ . ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن : < ھەقىقەتنى تونۇشتا ئالدى بىلەن ئادەمنى ئەمەس ، ھەقىقەتتنى تونۇغىن ، شۇندىلا ھەقىقەتنىڭ كىمدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسەن > . دېمەك ھەقىقەتنى تونۇغۇچى ئادەمنى ئەمەس ، ھەقىقەتنى تونۇيدۇ . ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن تەمتىرەپ قالغان ساھابىلەرگە ھەقنى چۇشەندۇرۇپ سۆزلىگەن دەۋىتىمۇ بۇ نوقتىنى تەكىتلەيدۇ . دىمەك باشقىلارنىڭ سۆزى ئۇستىدە تەكرار ۋە ئەستايدىل ئويلاشقاندىن كىيىن ، ئۇ سۆز توغرا بولسىلا قوبۇل قىلىنىدۇ ، چۇنكى ئالتۇننىڭمۇ توپا تېگىدىن قېزىۋىلىندىغانلىغى بىر ھەقىقەتتۇر . بىراق ئالتۇننى ئايرىش ئۇچۇن چوقۇم سەرراپ ( ئالتۇن سودىگىرى ) بولۇش كېرەك . يەنى بىراۋ ئالدامچىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا ، ئۇلارغا قويۇلۇپ كەتمىگىدەك تەجىرببىگە ۋە دىتقا ئىگە بولمىغىندا ، بۇنداق ئادەملەرنى ئالدامچىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن قەتئى چەكلەش كېرەك . دېمەك سۇنى ياخشى ئۇزەلمەيدىغانلار دەھشەتلىك دېڭىز ساھلىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك ، كىچىك بالىنى چوڭ بولۇپ ، ئەقىل تېپىپ ، ئۇستا يىلانبازغا ئايلانمىغىچە ، ئۇنى يىلانغا يېقىنلاشتۇرماسلىق كېرەك .
ھازىر كۆپ قىسىم كىشلەردە ئۆزىنى دانا ، دانىشمەن چاغلاش خاھىشى كۈچىيىپ قالدى . نېمنىڭ ھەق ، نىېمنىڭ باتىل ، نېمنىڭ ھىدايەت ۋە نېمىنىڭ ئازغۇنلۇق بولىدىغانلىقنى ئايرىشتا ئۆزىنى زېرەك چاغلايدىغانلار ئۇلغۇيۇپ كەتكەن بۇ زاماندا ، كىشلەرنى ئىمكان يار بەرگەنچە بۇخىل پەلسەپەنى ئوقۇشتىن كەسكىن چەكلەش كېرەك ، بۇلمىسا بۇ خۇددى يىلانبازلىقتىن خەۋىرى يوق كىشىنىڭ يىلانغا يىقىنلاشقانلىقىغا ئوخشاش ئاقىۋەت ئەكىلىدۇ .
ئىلىم ساھاسىدە تېخى ئوي-پىكرى توختالمىغان ، ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرى بىلەن ، تۇرلۇك - مەزھەپ ئېقىملارنىڭ مەقسەت غايىلىرىنى ئېنىق ئاڭقرىپ يىتەلمىگەن ئايرىم بىر قىسىم ئادەملەر دىن ئىلملىرىدە ئۇچرايدىغان ئايرىم بىر قىسىم سۆزلەرگە ئېتىراز بىلدۇرۇپ ، بۇ سۆزلەر پەلسەپىچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆچۇرۋىلىنغان سۆزلەر ئىكەن دەپ ئويلاپ قىلىشى ئىھتىمال . بۇنداق بولىشى نورمال ئىش . چۇنكى پەيلاسۇپلارنىڭ بەزى سۆزلىرى شەرىئەت كىتاپلىردىمۇ تېپىلىدۇ . چۇنكى ئۇ سۆزلەر اللاھ ۋە رەسۇلىللاھنىڭ سۇننىتىگە خىلاپ ئەمەس ، زومۇ -زور تاشلاشنىڭ زورۇرىيتى يوق . بىراق شۇ ئىنىق بولۇش كىرەككى ، سەپسەتىۋازلار ھەقىقەتنى بىزنىڭ قولىمىزدىن ئىلىپ ، ئۆزلىرنىڭ باتىل نەزىريەلىرى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كىتاپلىرىغا كىرگۈزمەكتە .
بىراق بىزنىڭ ئالىملىرمىزنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسى چوقۇم ئادەتتىكى ئادەملەردىن پاراسەت جەھەتتىن پەرىقلىنىشى كېرەك . ئەنە شۇنداق بولغاندىلا ژىرىڭدان ( لوڭقا ) نىڭ ئىچىدىكى ھەسەلنى كۆرسە ، يەنىلا ئاداشماي ھەسەل دىيەلەيدۇ . ئۇ لوڭقىنىڭ ھەسەلنىڭ خۇسۇسىيەت - خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ . بەزى كىشلەر لوڭقا بولسىلا ئۇنڭدا قان - زەرداپ بولىدۇ ، ئۇنىڭدا ھەسەلنىڭ بولىشى مۆمكىن ئەمەس دەپ ئەخمىقانە قاراشقا ئىگە بولغاچقا ، ئۇلار يامان كۆرۇدىغان بىر ئادەمنىڭ نامىدا سۆز قىلساڭ ، ھەر قانچە ئورۇنلۇق بولسىمۇ ، قوبۇل قىلىشمايدۇ . ئەكىسىچە ، ئۇلار بىلىملىك دەپ قارايدىغان ، ئىشەنىچ قىلىدىغان بىرسىنىڭ نامىدىن ئىيتىدىغان بولساڭ ، بۇ قاراش ئەخمىقانە قاراش بولسىمۇ ، كۆپ قىسىم كىشلەر قوبۇل قىلىشقا كۆنۇپ كەتكەن . مانا بۇ ئۇچىغا چىققان ئازغۇنلۇق . مانا ، بۇ پەلسەپىچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى قارا-قويۇق ئىنكار قىلىشنىڭ زىيىنى .
ئىككىنجى خىل زىيان پەلسەپەنى قوبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدۇ .
چۇنكى ئۇ كىتاپلارنى ئوقۇپ باققانلار ، كىتاپلاردا پەلسەپىچىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ، زاھىتلارنىڭ سۆزلىرنىڭ ئارلاشتۇرۋەتكەنلىكنى ھىس قىلىدۇ . ھەم بۇ ئارلاشتۇرۇلغان نوقتىنەزەرلەرگە ئاسانلا مايىل بولۇپ ، ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىماي قوبۇل قىلىشى مۆمكىن . مانا بۇمۇ بىر تۇرلۇك بىلىپ - بىلمەي باتىلغا يىقىنلىشىشتۇر . مۇشۇنداق زىياننىڭ كىلىپ چىقماسلىقى ئۇچۇن پەيلاسۇپلارنىڭ ئۇ خىل ئالدامچى ، زىيانلىق كىتاپلرىنى ئوقۇشتىن چەكلىنىش كېرەك . قۇلاقلارنى ئەبجەش سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن خالى قىلىش كىرەك ، بولۇپمۇ يىلانبازلار بۇ جەھەتتىن ھەر ھۆشيار بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئالدىدا يىلان بىلەن ھەپىلەشمەسلىك كېرەك . چۇنكى گۇدەك بالىلار مەنمۇ دادامدەك قىلالايمەن دەپ ئۆزىنى يىلانغا چاقتۇرۋىلىشى مۆمكىن . ھەقىقى ئالىملار مۇشۇنداق قىلىدۇ . چۇنكى ئۇلار يىلاننى تۇتقان چاغدا ، نەشتىرىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ قايسىنىڭ زەھەر ، قايسىنىڭ زەھەر قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەلىگەچكە ئۇنىڭ زەھرىدىن دورىسىنى ئايرىپ چىقالايدۇ ، ھەم بۇ ئايرىپ چىققان دورىنى ئىھتىياجلىق كىشلەردىن ئايىمايدۇ .
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ، بىر ناچار نەرسە بىلەن بىر ياخشى نەرسىنىڭ بىر يەردە بولۇپ قىلىشى بىلەن ھەرگىزمۇ ياخشى نەرسە ناچار ، ناچار نەرسە ياخشى بولۇپ قالمايدۇ . ھەق بىلەن باتىل بىر يەردە بولۇپ قالسىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ ، دېمەك ، باتىل ھەر قاچان باتىل ، ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت بولۇپ قالىدۇ . ( پەلسەپە توغرىسىدا مۇشۇنچلىك توختالساق بولا ، قالغىنى قېرىنداشلرىمىزنىڭ ئەقىلىگە ھاۋالە )
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ، ئىنساننىڭ ئەسلى ئۆزلۇك جەۋھىرى بوش ۋە ئاددى يارىتىلغان ، ئۇنىڭدا اللاھ ياراتقان ئالەملەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ۋە بىلىملەر بولمىغاندى ، ھالبۇكى اللاھنىڭ ئالەملىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ ، ئۇنىڭ سانىنى پەقەت اللاھ لا بىلىدۇ . < پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى ( پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۇكىنى ، ئۇلارنىڭ كۇچ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشنىڭ چوڭلۇقىنى ) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ > ( سۈرە مۇدەسسىر 31-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ) .
ئىنساننىڭ پۈتكۇل ئالەم توغرىسىكى بىلىمى - تونۇشى سەزگۇ ئىقىتدار ياردىمىدە مەيدانغا كىلىدۇ ، بۇ ئىدراك بولسا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇدات ئالىمىدىن خەۋەردار بولىشى ئۇچۇن يارىتىلغان . مەسىلەن : ئىنساننىڭ تېگىش سەزگۇسىنى ئىلىپ ئىيىتساق ، ئۇنىڭ شەيئىلەرنىڭ قىزىقلىق ،سوغۇقلۇق ، يۇمشاقلىق ، يېرىكىلىك ھالەتلرىنى سېزىدۇ ، بىراق رەڭ ۋە ئاۋازلارنى سېزەلمەيدۇ . بۇ نەرسىلەر تىگىشىش سەزگۇسىگە نىسبەتەن يوقتەكلا نەرسىدۇر . دىمەك بۇنىڭغا ياردەمدە كۆرۈش ، ئاڭلاش ، تەم ۋە پۇراق سەزگۇلىرى يارىتىلغان . ئىنسان بالىسى مانا مۇشۇنداق مۇكەممەل سەزگۇلەرگە ئىگە بولغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچۇرشىشى بارا-بارا ھىسسى شەيئىلەر دائىرىسىدىن ھالقىشقا باشلايدۇ ، ئۇ ئۆسۇپ تەخمىنەن يەتتە ياشقا كىرگەندە ، بەلگىلىك دەرىجىدە شەيئىلەرنى ئاڭقىرىش ئىقىتدارى بارلىققا كىلىدۇ ، بۇ باسقۇچتىن كىيىن تەرەققى قىلىپ ئەقىل بارلىققا كىلىشكە باشلايدۇ ، ئۇ ئەقىل ياردىمىدە ئاق - قارىنى ۋە ئىلگىرى بىلىپ يەتمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بىلىپ يېتىدۇ . ئىنساندا مانا مۇشۇ ئەقىل ئىقىتىدارىدىن باشقا بىر بىلىش پەللىسى بار بولۇپ ، ئىنسان بۇ پەللىگە يەتكەندە يىڭىچە بىر كۆز بارلىققا كىلىدۇ . بۇ كۆز بارلىققا كەلگەندە ئەقىل بۇرۇنقى موھىملىقنى يوقۇتۇپ ئىككىلەمچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ . تىخى ئەمدى ئاڭقىرىش ئىقىتىدارىغا ئىگە بولغان بىر ئادەمگە پەقەت ئەقىل بىلەنلا بىلگىلى بولىدىغان بىر ئىش يولۇقسا ، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قوبۇل قىلمىغىنى ھەتتا ئۇنىڭ مۆمكنچىلكىنى يوققا چىقارغانغا ئوخشاش ، ئايرىم بىر قىسىم ئادەملەر پەيغەمبەرلەردىن كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ . ۋە ئۇنىڭ مۆمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىدۇ . مانا بۇ ئۆتۇپ كەتكەن نادانلىقتۇر . ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا پەيغەمبەرلەردىكى ئاشۇ ئەقىل ، ئاشۇ ئىقىتدارنىڭ يەنى ئەقىلىدىن يۇقۇرى تۇرىدىغان بىلىش ئىقىتدارنىڭ ئۆزلىرىدە بولمىغانلىقىدىن ، بۇ خىل ئىشنى ئۆز كۆڭلىدە يوققا چىقىرىدۇ ، بۇ خۇددى بىر قارغۇ ئادەمنى ئېلىپ ئىيتساق ، كۆز ئالدىكى رەڭ -شەكىللەرنى باشقىلاردىن تەكرار- تەكرار ئاڭلاش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىلمىگۇچە ، ئۇنڭىغا دەسلەپتە نىملا دىگەن بىلەن قايىل بولمىغىنىغا ئوخشاش .
ئەقىل ئادەمنىڭ بىلىش باسقۇچلىرى ئىچىدىكى بىر باسقۇچ . ئادەملەر شۇ باسقۇچتا ئەقىلى چۇشەنچىلەرگە ئىرىشىدۇ . ئىنسان بۇ ئەقىل بىلەن ئەقىلى نەرسىلەرنى كۆرۇۋاتقاندا سەزگۇ ئەزالار بۇنىڭغا قاتناشمايدۇ ،
خۇلاسىلىساق ، پەيغەمبەرلىكتىكى بىلىش پەقەت اللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلاھى ۋەھى ۋە ئىلھام ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشىدۇ . ئۇنىڭغا تەجىربە ئارقىلىق ئىرىشىش مۆمكن ئەمەس ، ئەگەر ئۇنداق بولغاندا بەزى كىشلەر پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىشى مۆمكىن . ھەممىگە تەجىربە كېرەك بولسا ، بەزى ئاسترونۇمىيلىك ھادىسلەر نەچچە مىڭ يىلدا يۇز بېرىشى مۆمكىن ، ئۇنداقتا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىمگە تەجىربە بىلەن ئېرىشىش مۆمكىن ئەمەستۇر .
شۇنداق ئايان بولۇدىكى ، ئەقىل ياردىمىدە بىلگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم ئىشلارنىڭ بىلىشنىڭ بىر يولى بار ، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشتۇر ، بۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاز بولمىغان ئالاھىدىلىك ۋە خۇسۇسىيەتلىرى بار .
دىمەك بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ماھىيتىنى چۈشەنسەك ، ئۇلارنىڭ ئۇستاز تۇتساق شۇنىڭ بىلەن بىرگە < قۇرئان> ۋە < ھەدىس شەرىف > لەرنى كۆپرەك ئۇقۇساق موھىمى شۇ بويىچە ياشىساق ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەڭ ئالى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ، يولباشچىمىز ، ئوقۇتقۇچىمىز ئىكەنلىكىنى ، بىزگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز ھەم ئىختىيارسىز دۇرۇت -سالام يوللايمىز .
دىمەك پەيغەمبىرمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ، مۇسۇلمانلىق داۋايمىزنى قۇرۇق ئارزۇ ھەۋەس بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ، پەقەت ئەمەل قىلىش بىلەن ، ھەر بىر كۈنىمىزنى شۇنىڭ بىلەن بېزەش بىلەن قولغا كەلتۈرىمىز . بۇنى ھەرگىز ھاسىنىڭ ئەجدىھاغا ئايلىنىشى ، ئاينىڭ ئىككىگە بۆلۇنىشى قاتارلىق ئىشلاردىن ئىزدىمەسلىك كېرەك ، ئەگەر بىز پەقەت مۆجىزىلەرگىلا دىققەت قىلىپ ، مۆجىزە قىدىرىپ يۈرسەك ، باشقا نۇرغۇن ئالامەت -بەلگىلەرنى ، ھېكمەتلەرنى ،ئىلىملەرنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرمىسەك ، ئېھتىمال ئايىغى چىقماس تۈيۈق يولغا كېرىپ قىلىشىمىز ، مۆجىزىلەر سېھىردەك تۈيغۈ بېرىشى مۆمكىن . بۇنىڭ خەتىرى شۇكى باشقىلار ساڭا مۆجىزىلەر توغرىلىق سوئال تاشلىسا ،مۇنازىرە جەريانىدا قارشى تەرەپ مۆجىزنى ئىنكار قىلدىغان ۋە ئۇنىڭغا گۇمان چۈشۈردىغان مەزمۇندىكى سۆزلەر بىلەن ساڭا رەدىيە بەرسە ، سەن قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ قىلىشىڭ مۆمكىن .
مۇشۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقماسلىقى ئۇچۇن ، مۆجىزە قاتارىدىكى ئىشلار سېنىڭ نەزىرىڭدە دەلىل -ئالامەتلەر ئىچىدىكى بىر تۈر سۈپىتىدە قارىلىشى كېرەك .
مۇسۇلمان كىشى گۇناھ مەئىسيەتنى پەقەت ئاڭسىزلا قىلىپ سالىدۇ ، ئۇ گۇناھ سادىر قىلسىمۇ ئۇنىڭدىن قول ئۈزەلمەي يۈرمەيدۇ . چۇنكى ھەقىقى ئىلىم گۇناھنىڭ كىشىنى نابۇت قىلىدىغان زەھەر ئىكەنلىكىنى ، ئاخىرەتنىڭ دۇنيادىن ياخشى ئىكەنلىكىنى تونۇتىدىغان نەرسىدۇر . مانا مۇشۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەن ئادەم بىر ياخشى نەرسىنى بىر نەچچە ناچار نەرسىگە تىگىشۋەتمەيدۇ ، ھەقىقى ئىلىم كىشىنى تىخىمۇ تەقۋادار قىلىدۇ .
( تامام ) ( ئىمام غەززالى ئەسەرلىرىدىن پايدىلاندىم . اللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن)
ئىنكاس شەكىلىدە تېمىنى تىخىمۇ بىيىتساق ، ئۆز - ئارا ئۈگەنسەك دىگەن ئۆمۇتتىمەن .
( اللاھدىن ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن )
[ بۇ يازمىنىنامسىزمەن 2012-03-30 17:12قايتا تەھرىرلى ]