ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى rida نىڭ 2011-11-14 23:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك سەلەپ سالىھ يەنە كىلىپ ساھابىنىڭ چۈشەنچىسىنى رەت قىلىپ
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قارىشى قۇرئان، ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغاچ رەت قىلىنمىدى. ئالدىرىماي ئوقۇڭ.
ئەسكەرتىش:جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆگە گۆشى توغرىلىق سۆزى يوق.
يازمىنى يېزىشىمغا دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ بۇ ھەقتە ماقالە يېزىپ ئاخىرىدا ئېغىزنى چايقىۋېتىش بىلەن خۇلاسىلىگەنلىكى ناھايىتى بەك ئېغىر كەلدى. چۈنكى بۇنىڭ ئەكسىدە سەھىھ ھەدىس تۇرسا؟ بولۇپمۇ مۇنۇنى قوشۇپ قويۇشى تېخىمۇ دىققىتىمنى قوزغىدى:
<<<تەرجىھ قىلىدىغان بولساق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنمايدۇ دېگەن قارىشى كۈچلۈكتۇر، نېمە ئۈچۈن دېگەندە، بۇ مۇتلەق كۆپچىلىك ساھابىلارنىڭ قارىشىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت راشىدخەلىپىلەرمۇ بار، ئۇلار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتكەن، سۈننىتىنى ئەڭ ئوبدان بىلىدىغان زاتلار تۇرسا ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تەكرار ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ ئىشتا پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى بىلمەي قالارمۇ؟ ئۇندىن كېيىن 20-30 يىل بۇنى بىلمەي ياشارمۇ؟......... >>
بۇ ئەمەلىيەتتە ئاساسى يوق بىر يەكۈن ئىدى. ئاخىرى ئىزدىنىپ بۇ رەددىيە يازمىنى يېزىپ چىقتىم.چۈنكى، بۇنى يازمىسام دوكتور ماقالىسىنى ئوقۇغانلىكى كىشى: 4 خەلىپە تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالمىغىنىغا قارىغاندا مۇشۇ كۈچلۈككەن، دېگەن خاتا تۇيغۇغا كەپقېلىشى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نامى دوكتور بولغاندىكىن، قىلچە گۇمان قىلمايدۇ - دە؟ شۇڭا، بۇ گەپنىڭ ئاساسى يولۇقىنى مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرۈش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلدى.
مېنىڭ ئاساسى مەقسەتكە ئۆتىمىز، دېيىشىم شۇكى، بۇ ھەقتە دەسلەپكى يازمىنى يازسام، ھەرخىل ئىنكاس چۈشتى. ئەمدى يەنە بىر خۇلاسىلىۋېتەي:
تۆگە گۆشى توغرىلىق ھەدىسلەر سەردارى بولغان سەھىھ مۇسلىمنىڭ 24 - بابىدا بىر باب بولۇپ : ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ تاھارەت ئېلىشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا، دەپ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوينىڭ تارغاق گۆشىدىن يەپ بولغاندىن كېيىن تاھارەت يېڭىلىمايلا ناماز ئوقۇغان، قاتارلىق ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن.
ئاندىن 25 - بابقا تۆگە گۆشىنى يەپ تاھارەت ئېلىش توغرىسىدا، دېگەن بابتا، جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: قوي گۆشىدىن تاھارەت ئالامدۇق؟ دەپ سورىۋىدى، «خالىساڭ تاھارەت ئال، خالىساڭ ئالما» دەپ جاۋاب بەردى، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئالامدۇق؟ دەپ سورىغان ئىدى، «ھەئە، تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئالغىن»، دېدى، دېگەن ھەدىسنى كەلتۈرگەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا سەھىھ ئىبنى ماجەدىمۇ بار.
ئۇنداقتا ساھابىلەر تۆگە گۆشىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟ بۇنىڭغا ئىشەنچلىك پاكىت بارمۇ يوق؟ دېيىلگەندە،جاۋاب شۇ چىقىدۇكى،<<ساھابىلەر قوي گۆشىنى يەپ تاھارەت ئالمىغان، تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالغان(ئىبنۇئەبى شەيبە 517 - نومۇرلۇق ئەسەر، ئىشەنچلىك)>>
ئىمام خەتتابىي، ئىبنى خۇزەيمەلەر:ئىسلامىيەت ئالىمىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ كۆپى تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت ئېلىش كېرەك،دېگەن قاراشتا بولغان، دېگەن(ئىبنى خۇزەيمە، بەيھەقىي، سەھىھ ئەسەر)
ئەمدى بۇ توغرىلىق 4 مەزھەبتىكىلەرگە كەلسەك:
ھەنەپىيە مەزھىبى:
ئەبۇھەنىپە، ئەبۇيۈسۈپ،مۇھەممەد ئىبنى ھەسەنلەر :<<ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ بولۇپ تاھارەت ئالماسلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى ئىشنىڭ كېيىنكىسىنى تۇتقانلىقىدۇر>>، دېگەن ئەسەرگە ئاساسلىنىپ بارلىق گۆشلەر ئېلىم - سېتىم، سۈتىنى ئىچىش، گۆشىنى يېيىشلەردە پەرقى يوق، دەپ تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت ئالمايدۇ، دېگەن(شەرھۇ مەئانىلئاسار 427 - ئەسەر قوشۇمچىسى). ئەمما، يۇقىرىقى ئۈچ ئىمامنىڭ مۇشۇ گەپنى دېگەنلىكى مەزكۇر كىتابتا ئىسپاتلانمىغان ئاساسسىز خەۋەر(سەنەد يوق). ئىمام تاھاۋى مۇشۇلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغان. رىدا داۋاملىق نەقىل قىلغان گەپ مۇشۇ.
يەنە ھەنەپى مەزھىبىدىكىلەر تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ، غا:<<تاھارەت ئېلىش دېگەن چىققان نەرسىدىن بولىدۇ، كىرگەندىن ئەمەس >>، دېگەن مۇنكەر ھەدىسكە ئاساسلانغان(بەدائىئۇسسەنائىئ : ئەلقەھقەھە فىسسەلاتىدىن)
مالىكى مەزھىبى:
<<تاھارەت ئېلىش دېگەن چىققان نەرسىدىن بولىدۇ، كىرگەندىن ئەمەس >>،دېگەن مۇنكەر ھەدىسكە ۋە :<<ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ بولۇپ تاھارەت ئالماسلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى ئىشنىڭ كېيىنكىسىنى تۇتقانلىقىدۇر>>، دېگەن ئەسەرگە ئاساسلانغان(ئەششەرھۇلكەبىر لىبنى قۇدامە،مۇۋەتتادىن)
شافىئى مەزھەبى:
تاھارەت ئېلىش لازىم ئىشلارنىڭ 9 - سى تۆگە گۆشى يېيىش(فىقھۇلئىبادات - شافىئى) بەزىلىرى تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ، دەيدۇ.(شەرھۇ سەھىھ مۇسلىم)
ئىمام شافىئىنىڭ بەزى يېقىنلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىمام شافىئىي:«تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئالغىن»، دېگەن ھەدىس ئىشەنچلىك بولسىلا مەنمۇ قېتىلىمەن، دېگەن(بەيھەقىي358 - ئەسەر قوشۇمچىسى. بۇمۇ ئىسپاتلانمىغان)
ھەنبەلى مەزھىبى:
ئىمام ئەھمەد رەسۇلۇللاھنىڭ:<< تۆگە گۆشى يېسەڭ تاھارەت ئال(ئەھمەد 20907 - نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس )>>،دېگەن بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت ئېلىش كېرەك، دەيدۇ.
دېمەك، رەسۇلۇللاھ تۆگە گۆشى يېسەڭ تاھارەت ئال، دېگەن. ساھابىلەرت تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت ئالغان، كۆپىنچە ھەدىسشۇناسلار تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت ئېلىش كېرەك، دەيدۇ.
كۆپىنچە پىقھەشۇناسلار تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ، دەيدۇ.
شۇڭا،ھەدىسشۇناس نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ، دېگۈچىلەرنىڭ پاكىتى ئەڭ كۈچلۈك. گەرچە، جۇمھۇر ئالىملار ئۇنىڭغا قارشى بولسىمۇ! جۇمھۇر ئالىملار: << ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ بولۇپ تاھارەت ئالماسلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى ئىشنىڭ كېيىنكىسىنى تۇتقانلىقىدۇر>>، دېگەن ئەسەرنى پاكىت قىلىپ كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئەسەر ئومۇمغا قارىتىلغان. تۆگە گۆشىنى يەپ تاھارەت ئېلىش بۇيرۇقى مەخسۇس پارچىغا(تۆگە گۆشى)گە قارىتىلغان. پارچە ئومۇم ئالدىغا قويۇلىدۇ، دېگەن(شەرھۇ سەھىھى مۇسلىمدىن)
[ بۇ يازمىنىqutluq 2011-11-20 23:52قايتا تەھرىرلىدى ]