ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،
تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت تاھارەت سۇنۇش ياكى سۇنماسلىق توغرىلىق قۇرئان كەرىم ۋە ئىشەنچلىك ھەدىستە ئىختىلاپ بولغان ئەمەس. بەزى ساھابىلەرنىڭ تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالغانلىقى ۋە يەنە بەزى ساھابىلەرنىڭ تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالمىغانلىقى قاتارلىقلار ئەسەر شەكلىدە خاتىرىلەنگەن.
بۇ مەسىلىدە سەلەف سالىھلەر(1)ۋە خەلەف(2)لەرئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. گەرچە،بەزى مەزھەب ئالىملىرى ئىچىدىن تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ، دېگەنلەر بولسىمۇ، كۆپ سانلىقنى ئىگىلىيەلمىگەن. شۇڭا، بۇ مەسىلىدە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى زور كۆپچىلىك ئالىملار تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنمايدۇ،دەپ قارىغان. ئاز سانلىق بولغان سەلەف سالىھلار بولسا، تۆگە گۆشى يېسە چوقۇم تاھارەت سۇنىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن.
خوش، ئۇنداقتا تاھارەت سۇنۇش ياكى سۇنماسلىقتەك بۇنداق مۇھىم مەسىلىدە زادى قايسى تەرەپنىڭ توغرا؟ بۇ ھەقتىكى پاكىتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
ئالدى بىلەن ئىشەنچلىك ھەدىستە بىردىنبىر ئورنى بولغان، ئۇنى ھېچقانداق ئىشەنچلىك ھەدىس مەنسۇخ قىلمىغان، شەرئىي يوللار ئىچىدە بىدئەتچىلىك(ئاتالمىش قۇرئان، ھەدىستە چالا قالغان شەرئىي ھۆكۈملەرنى تولۇقلاپ قويغۇچى)تىن خالىي سۈننەتچى(بارلىق ساۋابلىق ۋە بارلىق گۇناھلىق شەرىئەت مەسىلىلىرى رەسۇلۇللاھ زامانىسىدىلا دېيىلىپ بولغان، بېكىتىلىپ بولغان،چالا قالمىغان، دەپ ئەقىدە قىلغۇچى) سەلەف سالىھلار توغرا كۆرۈپ كېلىۋاتقان ھۆكۈم--- تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ، نىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرغا قوياي:
1. جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى رەسۇلۇللاھتىن: قوي گۆشىدىن تاھارەت ئالامدۇق؟ دەپ سورىۋىدى، «خالىساڭ تاھارەت ئال، خالىساڭ ئالما» دەپ جاۋاب بەردى، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئالامدۇق؟ دەپ سورىغان ئىدى، «ھەئە، تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئالغىن» دېدى، ئۇ كىشى: قوي ئېغىلىدا ناماز ئوقۇمدىمەن؟ دەپ سورىغان ئىدى، «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە چۆكىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇمدىمەن؟ دەپ سورىغان ئىدى، «ياق» دەپ جاۋاب بەردى.(مۇسلىم توپلىغان 828 - ياكى 360- نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس. ئەمما،بۇ ھەدىسنى راۋايەت قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى جەئفەر ئىسىملىك ئىسىم ۋە تەخەللۇسلىق راۋىنى ئىبنى مەدەنىينىڭنىڭ: ئاتىسى: مەجھۇل، دېگەن(ھەدىسشۇناس ئەبۇ ھاتىمنىڭ<سەھىھ ئىبنى ھىبباندىن> سۆزى بويىچە): جەئفەر ئىسمى ۋە تەخەللۇسى بىلەن مەشھۇر بولغاچقا، ھەدىسشۇناسلىق قائىدىسىنى بىلمەيدىغان كىشى ئاسانلا ئىككى ئادەم، دەپ خاتا لىشىپ قالغان.
ئەمما، بۇ راۋىنى تىرمىزى:مەشھۇر، دېگەن(ئەلئىلەل).ھاكىم ئەبۇ ئەھمەد: كۇفەدىكى مەشھۇر راۋىيلارنىڭ بىرى، دېگەن(تەھزىب تەھزىب).ئىبنى ھىببان: ئىشەنچلىك، دېگەن(سىقاتۇ ئىبنى ھىببان).
ئىمام بۇخارىي، ئىمام مۇسلىم،ئىبنى ھىببان،ئىبنى خۇزەيمە،بەيھەقىي قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار بۇ راۋىدىن ئىشەنچلىك،دەپ ھەدىس بايان قىلغان.شۇڭا،ئۆز گېپىنى راستقا چىقىرىش مەقسىتىدە بۇ ھەدىستىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز.)
2. بەرائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھتىن تۆگە گۆشىدىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدە سورالغاندا، «ئۇنىڭدىن تاھارەت ئېلىڭلار» دېدى. قوي گۆشىدىن تاھارەت ئېلىش ھەققىدە سورالغاندا، «ئۇنىڭدىن تاھارەت ئالماڭلار» دېدى. (سۈنەنۇ ئەبى داۋۇد 184- نومۇرلۇق ھەدىس؛ سۈنەنۇت تىرمىزىي 81-ھەدىس؛ ئىبنۇ ماجە494 - نومۇرلۇق ھەدىس؛ مۇسنەدۇ ئەھمەد 18725 نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس. بۇ ھەدىسنى راۋايەت قىلغۇچىلار بۇخارىي، مۇسلىمنىڭ راۋىيلىرى، ئابدۇللاھ رازىيدىن باشقا. بۇ كىشىنى ھەدىسشۇناسلار بىردەك: ئىشەنچلىك، دەپ باھالىغان. بۇلار قاتارىدا خاتا گۇمان قىلىنغان راۋىي جەئفەر يوق جۇما؟)
تۆگە گۆشى تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، خۇددى باشقا گۆشتەك، دېگۈچىلەرنىڭ ئاساسلىرى:
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ: «ئوتتا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن تاھارەت ئېلىڭلار»، دەپ بۇيرىغان(مۇسلىم توپلىغان 815 - نومۇرلۇق ھەدىس )
بۇ بۇيرۇق رەسۇلۇللاھنىڭ يەنە بىر بۇيرۇقى بىلەن مەنسۇخ بولمىغان، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ تارغاق گۆش يەپ تاھارەت ئالمايلا ناماز ئوقۇغانلىقى(بۇخارىي توپلىغان5404 - نومۇرلۇق ۋە باشقا ھەدىسلەر) ۋە جابىر رەزىيەللاھھۇ ئەنھۇنىڭ : ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ بولۇپ تاھارەت ئالماسلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى ئىشنىڭ كېيىنكىسىنى تۇتقانلىقىدۇر(ئەبۇ داۋۇد 192-نومۇرلۇق؛ نەسەئىي 185- نومۇرلۇق؛ ئىبنۇھىببان 1134 - نومۇرلۇق ئەسەر، سەھىھ)،دېگەن سۆزى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن.
ھەدىسشۇناس ئەبۇھاتىم مۇشۇ ئەسەرگە قىستۇرما قىلىپ: بۇ (ئەسەر) ئۇزۇن(جابىر رىۋايەت قىلغان رەسۇلۇللاھنىڭ گۆش نان يەپ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇغانلىق) ھەدىستىن قىسقارتىلغان. راۋى شۇئەيب بۇئەسەرنىڭ بارلىق گۆشلەرنى يەپ تاھارەت ئالماسلىق دېگەن يەكۈننىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ۋەھىمە قىلىپ قىسقارتقان. بۇ تۆگە گۆشىدىن باشقا ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆش يەپ تاھارەت ئېلىشنى مەنسۇخ قىلىدۇ، دېگەن(سەھىھ ئىبنى ھىببان 1134 - نومۇرلۇق ئەسەر قوشۇمچىسى)
گەپ مۇشۇ.
ئىبنى ئابباس ۋە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە قانداقتۇر ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆش يەپ تاھارەت ئېلىشنى مەنسۇخ قىلىدىغان، تەلەپ قىلىدىغان ئىبارە يوق،پەقەت بايان جۈملىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، مەنسۇخ گېپى ساھابىنىڭ خۇلاسە سۆزى.
ئىشقىلىپ، قۇرئان، ھەدىسنى سەلەف سالىھلەر چۈشەنچىسى بويىچە چۈشىنىش قائىدىسى بويىچە بۇ سۆز ئەھلى ئىلىملەر ئارىسىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، تۆگە گۆشىدىن باشقا ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆش يەپ تاھارەت ئېلىنمايدۇ.
يۇقىرىدىكى تۆگە گۆشىنى يەپ تاھارەت ئېلىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى مەنسۇخ قىلىدىغان ھەدىس يوق. ئەمما،رەسۇلۇللاھ تۆگە گۆشى بىلەن قوي گۆشىنى ئايرىم بايان قىلغان، ھەتتا ناماز ئوقۇيدىغانغا تۆگە بىلەن قوي ئېغىلىنى ۋە تۆگە گۆشىدە باشقا گۆشتە يوق شەيتانىي قۇۋۋەتنى(تۆگە شەيتاندىن يارىتىلغان، دېگەن رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى) ئايرىم بايان قىلغان تۇرسا، تۆگە گۆشى بىلەن قوي گۆشى ئوخشاش. تاھارەت ئېلىش كەتمەيدۇ،دېيىش، خۇددى قۇرئاندىكى<<ئېلىم - سېتىم بىلەن جازانە ئوخشاش>>، دېگۈچىلەرنىڭ گېپىدەكلا ئاساسسىز گەپ.
ھەدىسشۇناس سەفىييۇررەھمان مۇبارەكفۇرىي: تۆگە گۆشىنى يەپ بولۇپ تاھارەت ئېلىڭلار، دېگەن بۇيرۇقنى تۆگە گۆشى قوي گۆشىگە قارىغاندا غەلىتە پۇراق ۋە قېلىن شىلىمشىق بولغاچقا، قول ۋە ئېغىزنى چايقىۋېتىش، دەپ چۈشىنىش مەزمۇندىن بەك يىراق. چۈنكى، بۇ ھەدىستىكى تاھارەت ئېلىش بۇيرۇقى لوغەت مەنىسى ئەمەس، شەرئىي مەنىدە. شەرئىي لەفزىنى شەرئىي مەنىگە ئىشلىتىش ۋاجىب(تۇھفەتۇل ئەھۋەزىيدىن)
ئىمام ئىبنۇھەزم:ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى تۆگە گۆشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يەپ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇپ قالسا، قۇرئاندىكى مۇنۇ ئايەت ھۆكمىدە:<<سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)(ئەھزاب سۈرىسى 6 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)(ئەلمۇھەللادىن)>>
ئىمام نەۋەۋىي: تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ، دېگۈچىلەرنىڭ پاكىتى ئەڭ كۈچلۈك. گەرچە، جۇمھۇر ئالىملار ئۇنىڭغا قارشى بولسىمۇ! جۇمھۇر ئالىملار: << ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ بولۇپ تاھارەت ئالماسلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ئىككى ئىشنىڭ كېيىنكىسىنى تۇتقانلىقىدۇر>>، دېگەن ئەسەرنى پاكىت قىلىپ كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئەسەر ئومۇمغا قارىتىلغان. تۆگە گۆشىنى يەپ تاھارەت ئېلىش بۇيرۇقى مەخسۇس پارچىغا(تۆگە گۆشى)گە قارىتىلغان. پارچە ئومۇم ئالدىغا قويۇلىدۇ، دېگەن(شەرھۇ سەھىھى مۇسلىمدىن)
يەنە ئىمام نەۋەۋىي: پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ تاھارەت ئالماسلىق توغرىسىدىكى ھەدىس بىلەن تۆگە گۆشىنى يەپ تاھارەت ئىلىشنى مەنسۇخ، دېيىش ئاجىز ياكى باتىل گەپ. چۈنكى، ئوتتا پىشۇرۇلغان گۆشنى يەپ تاھارەت ئالماسلىق ئومۇم. تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئېلىش پارچە. پارچە ئىلگىرى ياكى كېيىنلىك مۇناسىۋىتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ئومۇمدىن ئىلگىرى تۇرىدۇ، دېگەن(ئەلمەجمۇئ شەرھۇلمۇھەززەبتىن)
خۇلەفائۇرراشىدۇن(ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)لارنىڭ تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇغانلىقى قۇرۇق، ئاساسسىز گەپ. ئۇلارنىڭ گۆش يەپ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇغانلىقىنى مۇنۇ يەردىكى تۆگە گۆشى يەپ تاھارەت ئالماسلىققا پاكىت قىلىش سەمەتنىڭ دوپپىسىنى مەمەتكە كىيدۈرگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ <<تاھارەت ئېلىش دېگەن چىققان نەرسىدىن بولىدۇ، كىرگەندىن ئەمەس؛ روزىنىڭ بۇزۇلۇشى كىرگەندىن نەرسىدىن بولىدۇ، چىققاندىن ئەمەس>> (سۈنەنۇل بەيھەقىي 8042 - نومۇرلۇق ئەسەر. ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر سۈنەنۇد دارىقۇتنىيدا يوق)، سۆزىگە كەلسەك: سۈننەتچى سەلەف سالىھلار قۇرئان، ھەدىسنى ساھابە، تابىئىن، تەبىئى تابىئىنلەر چۈشەنچىسى بويىچە چۈشىنىشنى ئاساس قىلساقمۇ،ئۇلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى شەرىئەتنىڭ ئۆزى ياكى بىر قىسمى، دەپ قارىمايمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدەك سۆزلىرىنى شەخسى قاراش، دەپ چۈشىنىپلا قويىمىز. چۈنكى، ساھابىلەر سۆزىنىڭ قۇرئان، ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان قىسمىغىلا ئەگىشىش تەلەپ قىلىنغان.
ئەگەر بۇ ئەسەرنى بەزىلەر دېگەندەك، ھەدىس ھۆكمىدە، دېيىلسە ئۇ چاغدا بۇ ئەسەرنى تۆۋەندىكى ھەدىسكە زىت، دەپ رەت قىلىنىدۇ:
ئۇلۇغ ئەللاھ شۇنداق دېگەن:<<مېنى دەپ شەھۋىتىنى،يېمىكىنى، ئىچمىكىنى تەرك ئېتىپ مەن ئۈچۈنلا روزا تۇتقاچقا، مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن>>(بۇخارىي 7492 - مونۇرلۇق ھەدىس قۇدسىدىن)
بۇ ھەدىس قۇدسىيدىن مەنىينىڭ چىقىشىنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقى چىقىدۇ.
يەنە، رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن:<<روزىدار تەبىئىي ياندۇرۇپ سالسا روزىنى قايتا تۇتمايدۇ. زورلاپ ياندۇرسا، روزىنى قايتا تۇتۇشى كېرەك>>(ھاكىم 1557- نومۇرلۇق ھەدىس، ئىبنى ھىببان، بەيھەقىي قاتارلىقلار توپلىغان، ئالبانىي: بۇ ھەدىس سەھىھ، دەپ باھالىغان)
بۇ ھەدىستىن : قەستەن ياندۇرۇشمۇ روزىنى بۇزىدىغانلىقى چىقىدۇ.
خۇلاسە گەپ: تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ. بۇنى مەنسۇخ قىلغۇچى ئورۇنسىز قىياستىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
==================
ئىزاھات
(1)قۇرئان، ھەدىسنى پەقەت ساھابە، تابىئىن، تەبىئىي تابىئىنلەر چۈشەنچىسى بويىچىلا چۈشىنىش تەرەپدارلىرى.بۇلار قاتارىدا بىزلەرگە نامى مەزھەب پېشىۋالىرى، دەپ ئاتالغان مەشھۇر 4 ئىمام ۋە باشقا ھەدىس توپلىغۇچىلار، كېيىنكى ۋە ھازىرقى زاماندا سەلەفىيلەر ياكى ۋاھابىلەر، دەپ ئاتالغانلار مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.
(2)ھىجرىيە 4 - ئەسىردىن باشلاپ ياشىغان ھەرقايسى پىرقە - مەزھەب ئالىملىرى؛ قۇرئان، ھەدىسنى يۇقىرىقى ۋە كېيىنكى ئالىملار چۈشەنچىسى بويىچە چۈشىنىش تەرەپدارلىرى.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
شەرھۇ سەھىھ مۇسلىم لىمۇسلىم
ئەلمەجمۇئ لىمۇسلىم
ئەلمۇھەللا لىئىبنى ھەزم
تەمامۇلمىننە لىلئەلبانىي
فەتاۋەلكۇبرا لشەيخىلئىسلام ئىبنى تەيمىيە
توھفەتۇل ئەھۋەزى لىمۇبارەكفۇرىي
ۋە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار.