سۆز سېلىش ۋە نىشانلىنىش
سوئال: سۆز سېلىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: سۆز سېلىش ــ يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە، ئۇلاردىن ئوغلىغا قىزىنى سوراپ ئەلچى ئەۋەتىشى دېمەكتۇر. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي شانلىق ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرىدۇر. سۆز سېلىش يىگىت تەرەپتىن قىز تەرەپكە بولغىنىدەك، بەزى ھاللاردا، قىز تەرەپتىن يىگىت تەرەپكىمۇ بولىدۇ. بۇ بەزى ئاڭسىز كىشىلەرنىڭ چۇشەنگىنىدەك، ئەيىب سانىلىدىغان ئىش ئەمەس.
سوئال: نىشانلىنىش دېگەن نېمە؟
جاۋاب: نىشانلىنىش - «چاي ئۈچۈرۈپ قويۇش» ياكى «بارىكاللا قىلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قىز تەرەپنىڭ يىگىت تەرەپنىڭ تەلىيىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە توينىڭ تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئوغۇل - قىزلىرىنى بىر - بىرىگە ئۆيلەپ قويۇشقا رازى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېمەكتۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، يىگىت بىلەن قىز تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن نىشانىنى بىر - بىرىگە قاراتقان بولىدۇ. «گۈل قويۇش» نامى بىلەن يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە سوۋغا ــ سالام تەقدىم قىلىشىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە نىشانلانغانلىقنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر. چاي ئىچۈرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى بىر شەخسنىڭ ئۇ قىزغا خېرىدار بولىشى ۋە توي تەكلىپىنى قويۇشى دۇرۇس ئەمەس.
نىشانلىق دەۋرى ئىنتايىن مۇھىم بىر دەۋر بولۇپ، بەختلىك ۋە مەڭگۈلۈك ئائىلە قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىگىت - قىز ئۈچۈن بىر - بىرىنى تونۇش، بىرى - بىرىنىڭ دىيانىتىنى، ئەخلاقىنى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك بولغان تەرەپلىرىنى ياخشى ئىگىلەش دەۋرىدۇر. بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ نىكاھ ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن بىرەر جايدا يالغۇز ئۇچرىشىشى دىنىمىزغا ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزگە خىلاپتۇر. نۇرغۇنلىغان گۈزەل قىزلارنىڭ ”سىناشتۇق“ شۇئارى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەكلىرىنى نابۇت قىلىپ، پۇشايماندىن قوللىرىنى چشلەپ قالغانلىقى ، يىگىتلىرىنىڭ شىرىن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كېتىپ ئۆزلىرىىنىڭ ھاياتىنى دەپسەندە قىلغاننىڭ ئۇستىگە، ئاتا - ئانىسىغا نومۇس ۋە شەرمەندىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە باشقىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار بىزنىڭ ئۆز دىنىمىزنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىغا مىللىي ئەنئەنىمزنىڭ ئەخلاق دەستۇرىغا خىلاپلىق قىلغانىلىقىمىزدىن كېلىپ چىقماقتا.