ئېمىلداشلىق سابىت بولۇشنىڭ شەرتلىرى
سوئال: ئېمىلداشلىق سابىت بولۇشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئېمىلداشلىق سابىت بولۇشىنىڭ شەرتلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار:
(1) سۈتنىڭ ئۇنى ئەمگۈچىنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىشى. ئەگەر ئەمگۈچى سۈتنى ئېغىزىغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇنى يۇتمىغان بولسا ئېمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ.
(2) ئەمگۈچىنىڭ سۈتنى ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەن بولىشى. ئەگەر ئۇ ئەمچەكتىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئېمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ. بۇۋاقلارنىڭ ئەمچەكتىن ئايرىلىش ۋاقتىنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى ئىككى يىلدۇر. ئىككى يىلدىن كېيىن ئەمگەن سۈت بىلەن ئېمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئەمگۈچى ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ سۈت بالىسى بولۇپ قالمايدۇ، ئېمىتكۈچىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئېمىلداش قېرىنداشلىرىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.
ئەمما ئەمگۈچىنىڭ ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بۇ ئېمىلداشلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەمگۈچىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئېمىلداشلىق تەرەپتىن بولغان سۈت قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆزئارا نىكاھلىنالايدۇ.