تويدىن بۇرۇن قىز - ئوغۇللارنىڭ بىر - بىرىنى كۆرۈشى سوئال: تويدىن بۇرۇن قىز - ئوغۇللارنىڭ بىر - بىرىنى كۆرۈشى زۆرۈرمۇ؟ جاۋاب: بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئوغۇل - قىزلار بىر - بىرىنى كۆرۈشى لازىم. بەزى ئىسلام مەملىكەتلىرىدە، ئوغۇلنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغان قىزنى كۆرۈسىنى راۋا كۆرمەيدىغان ئىنسانلار بار. بۇ شۇ رايونلاردىكى تەقلىدىي ئۆر-ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئەمما ئىسالم دىنى بۇ ئادەتنى رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«بىرىڭلار ئۆيلەنمەكچى بولغىنىدا، ئالماقچى بولغان ئايالنى ئىمكان قەدەر كۆرسۇن»( ) دەپ كۆرسەتكەن. ئىسلام شەرىئىتىدە رۇخسەت قىلىنغان قاراش ۋە كۆرۈش ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى بىلەن چەكلىنىدۇ. يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشى ئالماقچى بولغان ئايالىنىڭ يۈزىگە ۋە ئىككى قولىغا تىكلىپ قارىسا بولىدۇ. چۈنكى، يۈزىگە قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىككى قولىغا قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇئىككىسى ئۇچراشماقچى بولغاندىمۇ يالغۇز ئۇچراشماسلىقى، بەلكى قىزنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىدىن بىرەرسى بۇلار بىلەن بىرگە بولۇشى كېرەك. ئەمما توي قىلىشىتىن بۇرۇن قىز - ئوغۇل ئىككىسىنىڭ يالغۇز ئۇچرىشىشىغا ۋە بىر يەردە ئىككىسى يالغۇز قېلىشىغا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە:«يات ئەر كىشى بىلەن يات ئايال يالغۇز قالمىسۇن. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ كېيىنكى پۇشايماننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.
|
|