باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 560 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: تۇرمۇش قۇرۇش ھەققىدە سوئال–جاۋابلار
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 10:52

تۇرمۇش قۇرۇش ھەققىدە سوئال–جاۋابلار



تۇرمۇش قۇرۇش
ھەققىدە سوئال–جاۋابلار
تۇرمۇش قۇرغۇچىلارنىڭ بىر- بىرىنى تاللاش پرىنسىپى
        سوئال: تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئەر قانداق ئايالنى تاللىشى كېرەك؟
                جاۋاب: تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئەر ھاياتلىقتىكى شېرىكى ۋە كېلىچەكتە بالىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغان ئايالنى دىيانەتنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا تاللىشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «كىشىلەر ئايال كىشىلەرنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسىبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، ئەگەر ئانداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن.»( )
        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەب قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاپ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
                پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نەسىبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.»( )
        سوئال: تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئايال قانداق ئەرنى تاللىشى كېرەك؟
                جاۋاب: تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئايال ئۆزىنىڭ ھايات شېرىكى ۋە كېلەچەكتە پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتىسى بولىدىغان ئادەمنى دىيانەت بىلەن ئەخلاقنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا تاللىشى كېرەك. ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەر - ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەركىشىدۇر.
                دىيانەتتىن ۋە گۈزەل ئەخلاقلاردىن يىراق بولغان ئەر ياخشى ئەر سانالمايدۇ.
        ياتلىق بولماقچى بولغان قىز ــ چوكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بۇلاي دېسە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۈزـ ئابرۇيىغا، ئالىي مەنسىبىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام نەزەرىدىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى دىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا: «دىنى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى قايىل قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى دەرھال ئۆيلەندۇرۇڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر» دېگەن ئىبارىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ تەكىتلىگەن.( )
                دىيانەتلىك ئادەم ئايالىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەق - ھوقۇقلارنى ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى تونۇيدۇ. ئايالىنى ھۆرمەتلەيدۇ، خورلىمايدۇ. چۈنكى دىيانەتلىك ئادەم ئاياللارغا زۇلۇم قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولۇشتىن قورقىدىغان ئادەمدۇر.

مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
        سوئال: مۇھەببەت دېگەن نېمە؟
                جاۋاب: مۇھەببەت - قەلبنىڭ مەھبۇبى تەرەپكە بولغان مايىللىقى دېمەكتۇر. مۇھەببەت پەقەت قەلبتە بولىدۇ. ئەر - ئاياللىق ھاياتى پەقەت ئەرـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بىر - بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى بولغاندىلا بەختلىك ۋە سائادەتلىك بولالايدۇ. ئەرـ ئاياللىق ھاياتتا ئورتاق مۇھەببەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك نەرسىدۇر. پاك مۇھەببەت كىشىلەر ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان پاكىز، ئېسىل بىر ئەنئەنىدۇر.
        سوئال: دۇنيادا قانچە تۈرلۈك مۇھەببەت بار؟
                جاۋاب: ھازىر دۇنيادا سەمىمىي مۇھەببەت ۋە ساختا مۇھەببەت دەپ ئىككى تۈرلۈك مۇھەببەت ئاتالغۇسى بار.
        سوئال: سەمىمىي مۇھەببەت دېگەن قايسى؟
                جاۋاب: سەمىمىي مۇھەببەت – چىن ساداقەت بىلەن باغلانغان پاك مۇھەببەتتۇر. پاك مۇھەببەت ئەر – ئاياللىق ھاياتىنىڭ كاپالىتى، بەختنىڭ ئاچقۇچى، كۆڭۈلنىڭ شادلىقىدۇر. پاك مۇھەببەت - قەلبنى گۇللەندۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى مەھبۇب ئۈچۈن نىكاھتىن ياخشى نەرسە يوقتۇر.»( )
                كىشى بىرسىگە كۆڭلىنىڭ مايىل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. بەلكى مۇھەببەتنى يامان يولغا قوللىنىپ، يولسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبى ئاللاھ تائالانىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، قەلبىگە چۈشۈپ قالغان نەرسىلەردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. ئەمما سەۋەبلەر ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. سەۋەبلەر قايسى دېگەندە، ئۇلار: ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان بىرسىگە، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش نىيىتى بىلەن تىكىلىپ قاراش، ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە زورىغا پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلاردۇر.
        سوئال: ساختا مۇھەببەت دېگەن قايسى؟
                جاۋاب: ساختا مۇھەببەت – قارشى تەرەپتىن ۋاقىتلىق پايدىلىنىش ئۈچۈن ساختىلىق بىلەن باغلانغان يولسىز ئالاقىدۇر. مۇنداقلارنىڭ قىلغانلىرى سەمىمىي مۇھەببەتنىڭ ھېسابىغا ئىشلەنگەن جىنايەتتتۇر. كۈنىمىزدە، مۇھەببەت سۆزىنىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قولاقلىرىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى، مۇھەببەت دېسە، ئۇنى گوياكى بىر گۇناھ ئىش دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشى پەقەت مۇھەببەت سۆزىنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىپ، يولسۇزلۇقلارغا قوللىنىلغانلىقى سەۋەبتىن ئىدى. چۈنكى زامانىمىزدىكى بىر قىسىم ئەرلەر مۇھەببەت شۇئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان يات ئاياللار بىلەن، بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ ئېرى بولمىغان يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئالاقە قىلىشىدۇ ــ ئۇلار بىلەن بىرگە تىياتىرغا بېرىشىدۇ، بىرگە تانسا ئوينايدۇ، ھاراق - شاراپ سورۇنلىرىغا بىرگە بېرىشىدۇ، بەزىلەر ئىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت باھانىسى بىلەن يات ئاياللار بىلەن يولسىز ئالاقە باغلىشىدۇ، يۇقىرىقى يولسىز مۇناسىۋەتلەر تەرەققى قىلىپ، ئاخىرى پاھىشە ئىشلارنى قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ قالىدۇ. بۇنى كۆرگەن خەلق مۇھەببەت دېگەن شۇنداق رەزىل قىلىق ئوخشايدۇ دەپ چۈشىنىپ قالغانلىقتىن مۇھەببەت سۆزىدىن نەپرەت قىلىدۇ.
        شۇڭا دەيمىزكى، ئەڭ غەلىبىلىك مۇھەببەت تويدىن كېيىن ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇھەببەتتۇر. ئەمما تېخى ئۆيلەنمەستىن ۋايىغا يەتكەن مۇھەببەت گارانتىسىز(كاپالەتسىز) مۇھەببەت بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەت كۆپ ھاللاردا قىز ــ ئوغۇل ھەر ئىككىسىگە پۇشايمان ۋە بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمى ئارمانلىرىغا ئېرىشەلىسىمۇ، كۆپ قىسمى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھاياتىنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قەلبىگە بىرسىنىڭ ئىشقىنى سېلىپ قويىدىغان پۈتۈن ئامىللاردىن ۋە سەۋەبلەردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئۆز كۆڭلىگە ئۆزى ئىگە بولىشى زۆرۈردۇر. چۈنكى كۆڭۈل دېگەن ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماستىن، ئۇنى خالىغان يەرگە بېرىپ قويماسلىق لازىم. ئۇنىڭ پالاكىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتايىن قىيىندۇر.


ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.........


ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21

ئىشق ۋە كۈنلەش
        سوئال: ئىشق دېگەن نېمە؟
                جاۋاب: ئىشق - قەلبنىڭ مەشۇق تەرەپكە بولغان چوڭقۇر مايىللىقى بولۇپ، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. ئىشقمۇ ــ مۇھەببەتكە ئوخشاش ــ ئىپپەت بىلەنمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى يولىدا ئىشلەتمىسە يولسىزلىق بىلەنمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىپپەتلىك، ئۆزىنى تۇتىۋالالىغان ئاشىق ئەگەر مۇرادىغا يېتەلمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىپپىتى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدۇ.
        سوئال: كۈنلەش دېگەن نېمە؟
                جاۋاب: كۈنلەش - بىراۋنىڭ ئۆز ھەققىگە باشقىلارنىڭ شېرىك بولۇۋېلىشىدىن قىزغىنىشى دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىكى كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ نەتىجىلىرىدىن سانىلىدۇ. كۈنلەش ئەرـ ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسدا بولىدۇ. ئايال كىشى ئېرىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بىنورمال ئالاقە باغلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇستىگە باشقا خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ خاراكتېرى بولۇپ، يامان كۆرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەققىدۇر. ئەمما ھەممە ئايالنىڭ ئېرىنىڭ شارائىتى تولۇق بولغان ھالدا، ئىسلامنىڭ كۆرسەتكەن ئادالەتلىك بولۇش پرىنسىپىنى ئۆلچەم قىلىپ، قانۇنلۇق خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئېرىدىن سۆزىنى تەلەب قىلىش ھەققى بولمايدۇ. پەقەت ئايال ياتلىق بولۇش ئالدىدا، ئېرىنىڭ ئۈستىگە باشقا خوتۇن ئالماسلىقىنى شەرت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ خېتىنى تەلەب قىلىش ھەققى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ ھەققى قوغدىلىدۇ.
        ئەر كىشىمۇ ئايالىنىڭ ئىككىنچى بىر شەخس بىلەن مۇناسىۋەت باغلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئەركىشىنىڭ ئايالىنى يات ئەرلەر بىلەن بىنورمال ئارىلىشىشتىن، يولسىز مۇناسىۋەت باغلاشتىن مەنئىي قىلىشى، ھەتتا ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن سۆز قىلىشىدىن قىزغىنىشى ئىسلام شەرىئىتىدە تەلەب قىلىنغان زۆرۈرىيەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوتۇن - قىزلىرىنى يات ئەرلەر بىلەن يولسىز ئارىلىشىشتىن توسمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئىپپەت ــ نومۇسلىرىنى قوغدىمايدىغان ئادەمنى ”دەييۇس“ دەپ ئاتىغان. يەنە بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئۈچ خىل ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ھاراقتىن باش ئالالمايدىغان ئادەم. يەنە بىرى ، ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقان ئادەم. يەنە بىرى، دەييۇس ئادەم.»( )
        سوئال: كۈنلەشنىڭ پرىنسىپى نېمە؟
                جاۋاب: ئۆزىنىڭ خوتۇن - قىزلىرىنى يات ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتلىك تەمەلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇلارغا يولسىز ئارىلىشىشتىن توسۇش ئىسلام دىنى نەزەرىدە ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزدە گۈزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىدىكى ساپ تەبىئىتىنى يوقاتمىغان ئىنسانلاردا ئىپپەت ــ نومۇس ۋە خوتۇن - قىزلىرىنى يوللۇق ھالدا كۈنلەش خىسلىتى بولىدۇ.
                ئەمما ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى ياكى بۇ ھەقتىكى شەرىئەت ھۆكمىنى بىلمىگەنلىكى تۇپەيلى، ئاياللىرىنى كۈنلەشتە سەل قارىسا، بەزىلەر شەرىئەت ھۆكمىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، كۈنلەشتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئاياللىرىغا ئاساسسىز تۆھمەت قىلىدىغان، ھەمىشە ئۇلاردىن يامان گۇمان قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى توغرا ئەمەس. ھەر ئىشنىڭ نورمال بولغىنى توغرا بولغىنىغا ئوخشاش، كۈنلەشتىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك.
                ئاياللارنى كۈنلەش دېگەننى كۆپىنچە كىشىلەر ئاياللاردىن ھەمىشە شەكلىنىش، يامان گۇمان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن جاسۇسلۇق قىلىش دەپ چۈشەنسە كېرەك، شۇڭا ئۇلار ھەدەپ ئاياللىرىنى ئاساسسىز ھالدا، قارىلاشقا ئالدىرايدۇ. مۇنداق كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ھەدىستە كۈنلەشنىڭ چەك - چېگرىسىنى بايان قىلىدۇ: «كۈنلەشتىن ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۈنلەشمۇ، ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۈنلەشمۇ بار، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۈنلەش - ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئاساسسىز ھالدا، يامان گۇمان قىلماسلىق؛ ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۈنلەش بولسا، ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلماستىن، ئۇلارنى دەلىلسىز قارىلاشتۇر.»( )
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 01:05

ئىپپەت-نومۇس ۋە ئۇنى زەئىپلەشتۈرىدىغان ئامىللار
        سوئال: ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەت نەرسە نېمە؟
                جاۋاب: ئىنساننىڭ دۇنيادا ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى ئۇنىڭ ئار- نومۇسىدۇر. بەلكى ئىنساننىڭ نومۇسى ئۇنىڭ دىنىنىڭ ئاساسلىق پارچىسىدۇر. نومۇسنى ساقلاش دىننىڭ ئەڭ ئالدىنقى تەلىبى ۋە ئىماننىڭ كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ مەسىلىدە پۈتۈن دىنلار ئىتتپاقتۇر. ئار – نومۇستىن ئايرىلىپ قېلىش ئۆلگەن بىلەن باراۋەردۇر.
                ھەر كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نومۇسى ۋە ئىپپىتى شۇنچىلىك مۇقەددەس بولغان يەردە، باشقىلارنىڭمۇ نومۇسى ۋە ئىپپىتىمۇ شۇنچىلىك مۇقەددەستۇر، ئۆزىنىڭ نومۇسىنى قوغداش يولىدا غۇرۇرلۇق بولغان كىشى، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭمۇ ئىپپەت، نومۇسلىرنى قوغدىشى، دۇشمەنلىك ۋە خىيانەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ نومۇرلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك.
        سوئال: ئىپپەت ۋە نومۇسنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار قايسىلار؟
                جاۋاب: ئىپپەت ۋە نومۇسنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكى بوشلۇقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ:
                (1) ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئۆز ئەھلىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تەمەلىرىدىن قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى.
                (2) مۇسۇلمان خانىم – قىزلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى دوراپ، ئوچۇق، نېپىز ۋە قىسقا كىيىنىشى ۋە يۈرۈش - تۈرۈش ھەم سۆزلەشلىرىدىكى بىنورمال نازاكىتىدۇر. شۇڭا ئىسلام دىنى ھەر تۈرلۈك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا قارىتىپ مۇنداق دېگەن:«ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.»( )
                بۇ ئايەت ئاياللارنى يات ئەرلەر بار يەردە نېپىزلىكتىن بەدەنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، قىسقىلىقتىن تىزىدىن ئاشمايدىغان، تارلىقتىن بەدەنلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىدۇ.
                گۆھەر نەچچە قات تۈگۈنلەر ئىچىدە ساقلانغانلىقى ۋە ھەركىشىنىڭ ئۇنى كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتكە سازاۋەر نەرسىدۇر. ئايال كىشىمۇ ئوزۇن، ئازادە، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئويغۇن يۈرسە، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى ئاشىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ.
                (3) ئەر - ئايال جىنسلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئارىلىشىپ ئولتۇرۇشى.
                (4) ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يوقلىقى ياكى كەملىكى. بىر ئائىلىدە ھەقىقىي دىنىي تەربىيە بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پايدىسى شۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ياشىغان مەھەللە، يۇرت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئومۇم بولىدۇ. ئائىلىدە دىنىي تەربىيىنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن قىز - يىگىتلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى ۋە نومۇسىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ.
سوئال: ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەتمۇ؟
                جاۋاب: ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس. بىراق ئاياللارنىڭ قايسىبىر نامازغا ئەزان ئېيتىشى، ئەرلەرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىشى جائىز ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئەدەپ ــ ئەخلاق ئىچىدە يات ئەرلەرگىمۇ نورمال سۆزلەرنى سۆزلىشى، ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىنى بېجىرىشى، ئۇلاردىن ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشى، ئۇلارغىمۇ ئۆگىتىشى جائىزدۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ جورىسىگە ۋە مەھرەملىرىگە ئەدەپلىك ناخشا - شېئىر ۋە قۇشاقلارنى ئېيتىپ بېرىشى جائىزدۇر. ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكى رادىئو دولقۇنلىرى ۋە تېلىۋىزىيە قاناللىرىدىن بېرىلىۋاتقان ناخشىلار ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كىرلىتىدىغان، كۆڭۈللىرىنى مەشغۇل قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرخىل ۋەسۋەسىلەرگە ئۈندەيدىغان، شەيتانىي ۋاسىتىلەردۇر. بۇلارغا بېرىلمەسلىك كېرەك.
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 01:09

ئىسلام دىنى ۋە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش
        سوئال: ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا قانداق قارايدۇ؟
                جاۋاب: ئېھتىياج تۈپەيلى مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ بىردىن تۆتكىچە ئايالنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك ئىش كۆرۈش شەرتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشى جائىزدۇر.
                ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۆزۇڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بۇلالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر خوتۇن بىلەن كۇپايە قىلساڭلار بولىدۇ.»( )
                بۇ ئايەت، ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيىتى تولۇق بولۇپ، كۆپ خوتۇنلار ئارسىدا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە ئىشەنچىسى بار كىشىلەرنىڭ بىردىن تۆتكىچە خوتۇننى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشىنىڭ جائىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ بېرەلىشىدىن ئاجىز كېلىدىغان كىشى ئۈچۈن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
        سوئال: نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان؟
                جاۋاب: شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھېچبىرى ھېكمەتلەردىن ۋە ئېسىل غايىلەردىن خالىي ئەمەس. ئەركىشىگە بىردىن ئارتۇق ئايالنى بىرلا ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكىچە:
                (1) ئىنسان بەزى ۋاقىتلاردا بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاشقا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس چىقىپ قېلىپ، ئۆزى بولسا پەرزەنت كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياكى ئايالى ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ئۇنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇ باشقا بىر ئايال كىشىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ.
                (2) كىشى بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىدۇ. جەمئىيەتتىكى تۇل ئاياللارمۇ تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
                (3) ئۆيلىنىش ئائىلىلەر ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق باغلىنىشنى ھاسىل قىلىدۇ. يات ئائىلىلەر ئارىسىدا تۇغقانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈچلىنىدۇ. مانا بۇ ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىن ئارتۇق ئاياللارنى نىكاھىدا ساقلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىكى بۇ ئېسىل ئەخلاق بىلەن ئىزگۈ نىيەت ھازىر نەدە ۋە كىمدە بولسۇن؟!
                كىشىلەردە ئەخلاق سۇسلاشقان، ئىمان ئاجىزلاشقان ۋە ئىنساپ ئازىيىپ كەتكەن ھازىرقى زاماندا كۆپ خوتۇن ئالىمەن دېگۈچىلەرنىڭ تولىسى ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىي ئىستەكلىرى ئۈچۈنلا ئالسا كېرەك.
                (4) بەزى ۋاقىتلاردا دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئۇرۇش سەۋەبلىك ئەرلەر كۆپ ئولۇپ كېتىپ، ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيىدە يۈز بەرگەندەك. بۇنداق ئەھۋالدا، شارائىتى ياخشى بولغان ئەرلەرنىڭ بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى تۇل ئاياللارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىدىن چىقىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى يامان يوللارغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش نىيىتى بىلەن بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلىشى تەلەب قىلىنغان ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ باشلىرىغا كېلىدىغانلارنى ئالدىن بىلىدىغان، ھېكمەت بىلەن ئەڭ توغرا ئىش قىلىدىغان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن بىر دىن بولغانلىقتىن ئىنسانلارنىڭ بۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىغىمۇ چارە تېپىپ بەرگەن.
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 01:11

تويدىن بۇرۇن قىز - ئوغۇللارنىڭ بىر - بىرىنى كۆرۈشى
        سوئال: تويدىن بۇرۇن قىز - ئوغۇللارنىڭ بىر - بىرىنى كۆرۈشى زۆرۈرمۇ؟
                جاۋاب: بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئوغۇل - قىزلار بىر - بىرىنى كۆرۈشى لازىم. بەزى ئىسلام مەملىكەتلىرىدە، ئوغۇلنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغان قىزنى كۆرۈسىنى راۋا كۆرمەيدىغان ئىنسانلار بار. بۇ شۇ رايونلاردىكى تەقلىدىي ئۆر-ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش. ئەمما ئىسالم دىنى بۇ ئادەتنى رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«بىرىڭلار ئۆيلەنمەكچى بولغىنىدا، ئالماقچى بولغان ئايالنى ئىمكان قەدەر كۆرسۇن»( ) دەپ كۆرسەتكەن. ئىسلام شەرىئىتىدە رۇخسەت قىلىنغان قاراش ۋە كۆرۈش ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى بىلەن چەكلىنىدۇ. يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشى ئالماقچى بولغان ئايالىنىڭ يۈزىگە ۋە ئىككى قولىغا تىكلىپ قارىسا بولىدۇ. چۈنكى، يۈزىگە قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىككى قولىغا قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇئىككىسى ئۇچراشماقچى بولغاندىمۇ يالغۇز ئۇچراشماسلىقى، بەلكى قىزنىڭ ئاچا - سىڭىللىرىدىن بىرەرسى بۇلار بىلەن بىرگە بولۇشى كېرەك. ئەمما توي قىلىشىتىن بۇرۇن قىز - ئوغۇل ئىككىسىنىڭ يالغۇز ئۇچرىشىشىغا ۋە بىر يەردە ئىككىسى يالغۇز قېلىشىغا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە:«يات ئەر كىشى بىلەن يات ئايال يالغۇز قالمىسۇن. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ كېيىنكى پۇشايماننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 01:14

نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار
        سوئال: نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار قانداق ئاياللار؟
                جاۋاب: نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، مەڭگۈلۈك نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار، يەنە بىرى مەلۇم ۋاقىتقىچە نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللاردۇر.
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
mp3
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 01:16

مەڭگۈلۈك نىكاھلىنىڭقا بولمايدىغان ئاياللار
        سوئال: مەڭگۈلۈك نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار قايسىلار؟
                جاۋاب: مەڭگۈلۈك نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
                (1) نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان.
                (2) ئىمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار.
                (3) قۇدا – باجىلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 01:19

نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار
        سوئال: نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار قانداق ئاياللار؟
                جاۋاب: نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئايالا تۆۋەندىچە:
                (1) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئانىسى. بۇئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئانىلىرى ۋە چوڭ ئانىلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
                (2) ئۆيلەنگۈچىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئۆز قىزلىرى، ئوغۇل ــ قىزلىرىنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ نەۋرە، چەۋرە قىزلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
                (3) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ھەمشىرىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ بىر ئاتا بىر ئانىدىن بولغان ۋە ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان قىز قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
                (4) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئاتىسىنىڭ ھەمشىرىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئاتىسىنىڭ قىز قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا تەرىپىدىن بولغان ئەجدادلىرىنىڭ قىز قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
                (5) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ھاممىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئانىسىنىڭ قىز قېرىنداشلىرى ۋە ئانا تەرىپىدىن بولغان ئەجدادلىرىنىڭ قىز قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
                (6) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئوغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ بىر ئاتا ، بىر ئانىدىن بولغان ۋە ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان ئوغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
                (7) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ھەمشىرلىرىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ بىر ئانا، بىر ئاتىدىن بولغان ۋە ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان قىز قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
                ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:﴿سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىڭلارنى ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرىڭلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى﴾.( )
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 01:23

ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار
        سوئال: ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان ئاياللار قانداق ئاياللار؟
                جاۋاب: يۇقىرىقى نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدىغان يەتتە خىل ئايالدىن باشقا، ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەنمۇ بەزى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، قانداقلا بالا بىر ئايالنى ئەمگەندىن كېيىن، بۇ ئايال ئەمگۈچىنىڭ سۈت ئانىسى، ئۇنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئەمگۈچىنىڭ سۈت قېرىنداشلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئەمگۈچىنىڭ يۇقىرىقى سۈت قېرىنداشلىرىنىڭ بىرەرسى بىلەن نىكاھلىنىشى خۇددى نەسەبتىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بىرەرسى بىلەن نىكاھلانغىنىغا ئوخشاشتۇر. شۇڭا ئۇ بۇلار بىلەن نىكاھلىنىشتىن چەكلىنىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿سىلەرگە سۈت ئانىلىرىڭلار ۋە ئېمىلداش ھەمشىرىڭلارنى ئېلىش ھارام قىلىندى﴾.( )
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
توران
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 942 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2011-10-21
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 23:29

ئېمىلداشلىق سابىت بولۇشنىڭ شەرتلىرى
سوئال: ئېمىلداشلىق سابىت بولۇشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: ئېمىلداشلىق سابىت بولۇشىنىڭ شەرتلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار:
(1) سۈتنىڭ ئۇنى ئەمگۈچىنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىشى. ئەگەر ئەمگۈچى سۈتنى ئېغىزىغا ئالغان بولسىمۇ، ئۇنى يۇتمىغان بولسا ئېمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ.
(2) ئەمگۈچىنىڭ سۈتنى ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەن بولىشى. ئەگەر ئۇ ئەمچەكتىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئېمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ. بۇۋاقلارنىڭ ئەمچەكتىن ئايرىلىش ۋاقتىنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى ئىككى يىلدۇر. ئىككى يىلدىن كېيىن ئەمگەن سۈت بىلەن ئېمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئەمگۈچى ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ سۈت بالىسى بولۇپ قالمايدۇ، ئېمىتكۈچىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئېمىلداش قېرىنداشلىرىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ.
ئەمما ئەمگۈچىنىڭ ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بۇ ئېمىلداشلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەمگۈچىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئېمىلداشلىق تەرەپتىن بولغان سۈت قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆزئارا نىكاھلىنالايدۇ.
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،