دىيانەت خەۋەر تورىنىڭ 21-سىنتەبىر خەۋىرى:
دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەخبارىييە خەۋەر قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: "بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى خالىغانچە يەنە بىر مۇسۇلماننى تەكفىر قىلىشى (يەنى كاپىر دېيىشى)، ئازغۇن دەپ ئەيىپلىشى، ئۇنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم كېسىشى ئىدىئولۇگىيەلىك تېرورچىلىقتۇر" دېدى.
"نەبەۋى سۈننەت ۋە چاغداش ئىسلامىي تەتقىقاتلار" ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا "تەكفىر (كاپىر قىلىش) ھادىسىسى" ناملىق بىر ماقالىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەدىنىگە بارغان تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
"بۇ تېرورچىلىق، زوراۋانلىقنى قوللايدىغان باشقا تېرورچىلىقنىڭ باشلامچىسى ۋە خەۋەرچىسىدۇر. يۈزگە يېقىن پىكىر چۈشەنچە ئېقىمىنى ھاسىل قىلغان بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلاتلىرى سۈننى، شىئە، ۋاھابىي، سەلەفى قاتارلىق پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا بىر بىرىنى تەكفىر قىلىشسا (كاپىرغا چىقارسا) بولمايدۇ. دىنىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان بارلىق پاكولتېت ۋە ئۈنىۋېرسىتلار بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا دەرس پروگراممىلىرىنى، دەرسلىك كىتابلىرىنى يېڭىۋاشتىن كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشى كېرەك."
دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ باھالاشنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان مەھمەت گۆرمەز: "ئىمانغا ھۆكۈم قىلىش ئىشىنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بەرمىگەن. ئىمانغا ھۆكۈم كېسىش بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر" دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى زامانلاردا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ خىل ھۆكۈم كېسىشنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلىغانلىقىنى خاتىرلاتقان مەھمەت گۆرمەز، ھازىرقى زاماندىمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ تەكرار قوزغىلىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيادا نۇرغۇن يەرلەردە، ئىسلام دۇنياسىدا ئېغىر مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، كاۋكازدىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن سۇمالىدىكى ئاچارچىلىققا قەدەر نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ ئاساسىدا جاھالەتتىن بارلىققا كەلگەن بۇ ئىدىئولوگىيەلىك تېرورچىلىقىنىڭ بارلىقىنى سۆزلىدى.
تۈركچە خەۋەر سۆزمۇ-سۆز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى. مەنبە: http://diyanethaber.com/Muftuluk-allah-imani-yargilamayi-insanlara-birakmamistir--3824.html#Scene_1